دارفۇردا ، سۇدان ھۆكۈمىتىگە قارشى قارشىلىق ھەرىكىتىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقان ئادالەت ۋە باراۋەرلىك تەشكىلاتىنىڭ پارتىزانلىرى، ئۆتكەن سەيشەنبە كۈنى دېلفا نېفىتلىكىگە ھۇجۇم قىلىپ، 5 نەپەر ئىشچىنى گۆرۈگە ئالغان ، بۇ بەش نەپەر ئىشچىنىڭ ئىككى نەپىرى چەتئەللىك. فرانسىيە ئاگېنتلىقى ئارقىلىق خىتاي ، ھىندىستان، مالايسىيا قاتارلىق دۆلەتلەرگە خىتاپ قىلغان تەشكىلات باشلىقى ئابدۇلئەزىز نۇر، بۇ دۆلەتلەرنى 7 كۈن ئىچىدە سۇداندىكى نېفىت تىجارىتىنى يىغىشتۇرۇشقا چاقىرغان. ئەگەر بۇ چاقىرىققا قۇلاق سالمىسا، بۇ دۆلەتلەرنىڭ تىجارىتىنى مەجبۇرىي توختىتىدىغانلىقىنى ھەم بۇنداق قىلىشقا كۈچى يېتىدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن.
خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى دېلفا نېفىتلىكىنىڭ راستىنلا ھۇجۇمغا ئۇچرىغانلىقىنى ئاشكارىلىدى
دەلفا نېفىتلىكى سۇداندىكى ئاساسلىق نېفىتلىك بولۇپ، بۇ ، خىتاي ،ھىندىستان، مالايشىيا ۋە سۇداننىڭ دۆلەت نېفىت شىركىتى تەرىپىدىن باشقۇرۇلىدۇ؛ سۇداندا ھەر كۈن ئىشلەپچىقىرىلىدىغان 500 مىڭ باك نېفىتنىڭ يېرىمى مۇشۇ نېفىتلىكتىن چىقىدۇ، بۇ مىقداردىكى نېفىتنىڭ كۆپ قىسمى خىتايغا ئېكىسپورت قىلىنىدۇ .
ئابدۇلئەزىز نۇر فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىغا قىلغان سۆزىدە، خىتاي قاتارلىق چەتئەل شىركەتلىرى سۇداندىكى تىجارىتىنى دەرھال توختىتىش كېرەك، چۈنكى، سۇدان ھۆكۈمىتى نېفىت ساتقان پۇلغا قورال سېتىۋېلىپ، دارفۇر خەلقىنى ئۆلتۈرۈۋاتىدۇ" دېگەن. ئابدۇلئەزىز يەنە ، بىز بۇرۇن مەلۇم دىپلوماتىك قاناللار ئارقىلىق، خىتاي تەرەپ بىلەن سۆزلىشىش تەلىپىمىزنى بىلدۈرگەن ئىدۇق ، ئەمما ئۇلار، جاۋاب بەرمىگەن ؛ ئەمدى بىز گۆرۈدە تۇتۇپ تۇرۇۋاتقان ئىككى نەپەر ئىشچىنى ئۇلار ئىشلەۋاتقان شىركەتلەر بىز بىلەن سۆزلەشمىگىچە قويۇپ بەرمەيمىز " دېگەن .
ئابدۇلئەزىز گۆرۈدە تۇتۇپ تۇرۇۋاتقان، ئىككى نەپەر چەتئەللىك ئىشچىنىڭ بىرى كانادا ۋەتەندىشى ، يەنە بىرىنىڭ بولسا، ئىراق ۋەتەندىشى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن . سۇدان دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى، ئابدۇراخمان مۇھەممەد، ئادالەت ۋە باراۋەرلىك تەشكىلاتىنىڭ باياناتىنى ئىنكار قىلىپ، نېفىتلىككە ھۇجۇم قىلىش ۋە ئادەم گۆرۈگە ئېلىش ۋەقەسىنىڭ يۈز بەرمىگەنلىكىنى بىلدۈرگەن ، ئەمما فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقى خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىدىن مەزكۇر ۋەقە ھەققىدە سورىغىنىدا ،خىتاي تەرەپ دېلفا نېفىتلىكىنىڭ راستىنلا ھۇجۇمغا ئۇچرىغانلىقىنى، ئەمما خىتاي ئىشچىلىرىنىڭ دەخلىگە ئۇچرىمىغانلىقىنى ئاشكارىلىغان.
خىتاي سۇدان ھۆكۈمىتىنى سىياسىي ، ئەسكىرىي ، ئىقتىسادىي جەھەتتىن قوللاپ كەلدى
دارفۇردىكى ئېتنىك توقۇنۇش 2003 - يىلى فېۋرالدا باشلانغان. توقۇنۇشنىڭ ئاساسلىق سەۋەبلىرى، ئېتنىك، ئېكولوگىيىلىك ۋە سىياسىي بولۇپ ، توقۇنۇش ئېتنىك كېلىپ چىقىشى ئەرەپ بولغان باقارا قەبىلىسى بىلەن ئېتنىك كېلىپ چىقىشى ئەرەپ بولمىغان فۇر، زاغاۋا ۋە ماسسالېت قەبىلىلىرى ئارىسىدا، 2003 - يىلى مارتتا دارفۇردا ئىسيان باشلانغاندىن كېيىن، سۇدان ھۆكۈمىتى دۆلەت ئارمىيىسى ۋە دۆلەت تەرەپدارى قوراللىق گۇرۇپپا جانجاۋېد ئارقىلىق دارفۇردىكى خەلق ئۈستىدىن ئېغىر باستۇرۇش ئېلىپ بارغان ، مىليونلارچە ئائىلە كۆچۈشكە مەجبۇر بولغان .
2006- يىلىغا كەلگەندە، ئامېرىكا سۇداننىڭ باستۇرۇشلىرىنى ئېتنىك قىرغىنچىلىق دەپ ئېلان قىلغان ، ب د ت بىخەتەرلىك كېڭىشى بۇ يىل 3 -ئايدا ، 1706 - نومۇرلۇق ھۆججەت چىقىرىپ سۇدانغا 17300 نەپەر ب د ت تېنچلىق ساقلاش قىسىملىرىنى ئەۋەتىپ تېنچلىقنى قوغداشنى قارار قىلغان . مانا بۇ جەرياندا خىتاي باشتىن - ئاخىرى، سۇدان ھۆكۈمىتىنى سىياسىي ، ئەسكىرىي ، ئىقتىسادىي جەھەتتىن قوللاپ كەلگەن ئىدى.
ئافرىقا بىرلىكى ، ئامېرىكا ۋە ب د ت نىڭ كېلىشتۈرۈشى بىلەن ،دارفۇر ئىسيانچىلىرى بىلەن سۇدان ھۆكۈمىتى ئارىسىدا، بۇلتۇر 5 -ئايدا تېنچلىق سۆھبىتى ئۆتكۈزۈلگەن بولسىمۇ، سۆھبەت ئۈستىلىگە ئىسيانچىلارنىڭ ئاساسلىق قاناتلىرىنىڭ ۋەكىللىرى قېتىلمىغىنى ئۈچۈن، تېنچلىق كېلىشىمى ئەمەلىيلەشمەي كەلگەن ھەم ب د ت دارفۇر تېنچلىقى سۆھبىتىنى قايتىدىن ئۆتكۈزۈش تەييارلىقىنى قىلىۋاتقان ئىدى.
دارفۇر ئىسيانچىلىرىنىڭ بۇ قېتىمقى نېفىتلىك ھۇجۇمى، شەنبە كۈنى دارفۇر مەسىلىسى ئۈستىدە لىۋىيىدە ئۆتكۈزىلىدىغان تېنچلىق سۆھبىتى مۇزاكىرىسىدىن 4 كۈن بۇرۇنغا ؛ خىتاينىڭ دارفۇر ۋەكىلى، ليۇ گۇيجىننىڭ سۇدان دائىرىلىرى بىلەن كۆرۈشۈۋاتقان كۈنىگە توغرا كەلدى. نەتىجىدە، شەنبە كۈنى لىۋىيىدە ئېچىلغان، دارفۇر تېنچلىق يىغىنى تېنچلىق كېلىشىمىنى ئىمزالاشنى يەنە كېچىكتۈردى. دۈشەنبە كۈنى ئەنگىلىيە پارلامېنتىنىڭ 100 گە يېقىن كونا - يېڭى ئەزالىرى خىتاينىڭ لوندوندىكى ئەلچىخانىسىغا مەكتۇپ يوللاپ، دارفۇر تېنچلىقىدا خىتاينى ئىجابىي رول ئېلىشقا بۇنىڭ ئۈچۈن، ئافرىقا دۆلەتلىرىگە قورال سېتىپ بەرمەسلىككە چاقىردى.
خىتاي نېفىت تىجارىتىنى توختاتمىسا، پارتىزانلار راستىنلا، نېفىت يوللاش تۇرۇبىلىرىغا ھۇجۇم قىلامدۇ؟
ھۈرمەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار، دارفۇردىكى ئادالەت ۋە باراۋەرلىك تەشكىلاتنىڭ، خىتاي، سۇدان بىلەن نېفىت تىجارىتىنى توختاتمىغان تەقدىردە، راستىنلا، نېفىتلىكلەرگە ھۇجۇم قىلىپ ئېغىر ئىقتىسادىي زىيانلارنى سالىدىغان ياكى سالمايدىغانلىقى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ مۇھىم دىققەت نۇقتىسى. چۈنكى، مۇنتىزىم ئارمىيىسى بولغان دۆلەتلەرگە قارشى كۈرەش قىلىۋاتقان مۇستەقىللىق كۈچلىرى ئۈچۈن، دۆلەتنىڭ ئاجىز نۇقتىلىرى ھېسابلىنىدىغان مۇھىم ئىقتىسادىي قۇرۇلۇشلارغا ھۇجۇم قىلىش ئادەتتە ۋاز كېچىلمەي كېلىۋاتقان بىر كۈرەش يولى.
تۈركىيىدە چىقىدىغان "ھۆرىيەت" گېزىتىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، تۈركىيە دۆلىتىگە قارشى كۈرەش قىلىۋاتقان كۇردىستان ئىشچى پارتىيىسىمۇ، ئىراق ھۆكۈمىتىگە، ئەگەر، تۈركىيە تەرەپ بىلەن ھەمكارلاشسا، ئىراقنىڭ نېفىت تۇرۇبىلىرىنى پارتلىتىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ تەھدىت سالغان . بۇ ئەھۋالنى، ئىراق باش مىنىستىرى مالىكى، تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئالى باباجانغا ئاشكارىلىغان. بۈگۈنگە قەدەر دارفۇر ئىسيانكارلىرىنىڭ كۆپىنچە ھۇجۇملىرى سۇدان ئارمىيىسى ۋە دۆلەت قوللاپ كېلىۋاتقان قوراللىق گۇرۇپپا جانجاۋېدقا قارشى بولغان . شۇڭا كۆزەتكۈچىلەر، دارفۇر مەسىلىسى ئۇزۇنغا سوزۇلغان تەقدىردە، دارفۇر ئىسيانكارلىرىنىڭ، كۇردىستان ئىشچى پارتىيىسىنىڭ كۈرەش يولىنى دوراپ قېلىش ئېھتىماللىقىنى تەخمىن قىلىشماقتا. (شۆھرەت ھوشۇر)