خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى خىتاي بىلەن رۇسىيىنىڭ دارفۇردىكى مىللىي قىرغىنچىلارنىقورال بىلەن تەمىنلىگەنلىكىنىڭ پاكىتىنى ئېلان قىلدى


2007.05.10

خىتاي ئافرىقىدىن ئەڭ كۆپ نېفىت ئىمپورت قىلىدىغان سۇدان دۆلىتىنىڭ دارفۇر رايونىدا 2003 ‏- يىلىدىن باشلاپ مىللىي قىرغىنچىلىق يۈز بېرىۋاتىدۇ. ھازىرغا قەدەر دارفۇردا 200 مىڭ ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلدى، 2 مىليون 400 مىڭدىن ئارتۇق ئادەم يۇرتىنى تاشلاپ سىرتقا قاچتى. ب د ت نىڭ مۇساپىرلارغا ياردەم بېرىش تارماقلىرى سىرتتا غېرىپچىلىقتا قالغان دارفۇرلۇقلارغا ياردەم بېرىش جەھەتتە قېيىن مەسىلىگە دۇچ كەلدى.

2005 ‏- يىلى ب د ت نىڭ بىخەتەرلىك كېڭىشىدە، سۇدان ھۆكۈمىتىگە ھەربىي ئىمبارگوسى قويۇش ھەققىدە قارار ماقۇللانغان ئىدى. شۇنىڭدىن كېيىنمۇ، دارفۇردا مىللىي قىرغىنچىلىق توختىمىدى. بۈگۈن خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق گۇرۇپپىسى خىتاي بىلەن رۇسىيىنى، بۇ مىللىي قىرغىنچىلىقنى قورال بىلەن تەمىنلىگەن، دەپ ئەيىبلىدى.

بۇيىل دارفۇردا رۇسىيە بىلەن خىتايدا ئىشلەنگەن ھەربىي قوراللار پەيدا بولغان

'بىرلەشمە ئاگېنتلىقى'نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 5 ‏- ئاينىڭ 8 ‏- كۈنى، خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق گۇرۇپپىسى خىتاي بىلەن رۇسىيىنى ب د ت نىڭ سۇدانغا قورال ئىمبارگوسى قويۇش قارارىغا خىلاپلىق قىلىپ، دارفۇردىكى مىللىي قىرغىنچىلىقنى ھەربىي قورال بىلەن تەمىنلىگەن، دەپ ئەيىبلىدى. خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى بۇ ئەيىبلەشنى ئىسپاتلايدىغان بىر قىسىم فوتو سۈرەتلەرنىمۇ ئېلان قىلدى.

بۇ ئىسپاتلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، دارفۇر رايونىدا بۇيىل 1 ‏- ئايدىن 3 ‏- ئايغىچە بولغان ۋاقىت ئىچىدە، ئۇرۇشچى ئايرۇپىلانلاردىن رۇسىيىدە ئىشلەنگەن مى -24 بەلگىلىك تىك ئۇچار ۋە ست-ززز بەلگىلىك ترانسپورت ئايرۇپىلانلىرى پەيدا بولغان. ترانسپورت ئايرۇپىلانلىرى پۈتۈنلەي ئاق سىردا سىرلاپ، ب د ت تىنچلىق ساقلاش قىسىملىرىنىڭ ئايرۇپىلانلىرىغا ئوخشىتىپ پەدەزلەنگەن. بۇنىڭدىن باشقا يەنە، خىتايدا ئىشلەنگەن ئۇرۇشچى ئايرۇپىلانلارمۇ دارفۇردا پەيدا بولغان.

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ بايان قىلىشىچە، بۇ ھەربىي قوراللار دارفۇردا يۈز بەرگەن 'نامەلۇم ھۇجۇملار' بىلەن، يەنى سۇدان ھۆكۈمىتىنىڭ ھەربىي قىسىملىرى دارفۇردىكى تىنچ ئاھالىلارغا ھۇجۇم قوزغاپ پەيدا قىلغان ۋەقەلەر بىلەن مۇناسىۋەتلىك.

خىتاي بىلەن رۇسىيە بۈگۈن خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ ئەيىبلىشىنى رەت قىلدى

ئەمما بۈگۈن، ب ب س نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى خىتاي بىلەن رۇسىيىنى ئەيىبلەپ دوكلات ئېلان قىلغان ھامان، 'رۇسىيە خەۋەر ئاگېنېتلىقى' تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسىنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ "رۇسىيە دارفۇرغا ھەربىي قورال بەرگىنى يوق" دەپ رەت قىلغان.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىنىڭ باياناتچىسىمۇ، خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ ئەيىبلىشىنى رەت قىلىپ "بۇ تامامەن ئاساسسىز ئەيىبلەش، جۇڭگو سۇداننى ب د ت چەكلىگەن قوراللار بىلەن تەمىنلىگىنى يوق " دېگەن.

'دارفۇر ۋەقەسى' ھەققىدە قىسقىچە بايان

خەۋەر ئارخىپلىرىغا قارىغاندا، سۇدان ئافرىقىدىكى ئەڭ چوڭ دۆلەتلەرنىڭ بىرى، ئۇنىڭ ئاساسلىق ئاھالىسى ئەرەب. دارفۇر بولسا سۇداننىڭ غەرب تەرىپىدىكى زېمىنى قۇرغاق بىر ئۆلكە، ئاھالىسىنىڭ مۇتلەق كۆپ سانلىقى يەرلىك قارا ئافرىقىلىقلار، بۇ ئۆلكىنىڭ يەر كۆلىمى فرانىسيىگە تەڭ. دارفۇرلۇقلار سۇدان ھۆكۈمىتى بۇ ئۆلكىدىكى يەرلىك مىللەتنى كەمسىتىدۇ، دەپ قارايدۇ.

دارفۇردا سۇدان ھۆكۈمىتىنىڭ ئىرقىي كەمسىتىشكە ئۇچراۋاتقان يەرلىك خەلق 2003 ‏- يىلى ھۆكۈمەتكە قارشى قوزغىلاڭ كۆتىرىشكە باشلىغان. سۇدان ھۆكۈمىتى دارفۇرغا ھەربىي قىسىم ۋە قوراللىق ساقچى ئەۋەتىپ قوزغىلاڭنى باستۇرغان. سۇدان قىسىملىرى ئۇرۇشچى ئايرۇپىلانلار بىلەن دارفۇردىكى مەھەللىلەرنى بومباردىمان قىلغان. قوراللانغان ئەرەبلەر ئات ۋە تۆگىلەرگە مىنىپ يۈرۈپ دارفۇر ئاھالىلىرىنى بۇلىغان، قىرغان ۋە دارفۇر ئاياللىرىغا باسقۇنچىلىق قىلغان.

غەرب ئەللىرىنىڭ كۆزەتكۈچىلىرى سۇدان ھۆكۈمىتىنىڭ دارفۇردا قوللانغان ھەرىكىتىنى مەقسەتلىك ھالدا يەرلىك قارا ئافرىقىلىقلارنى يۇرتلىرىدىن قوغلاپ چىقىرىدىغان ھەرىكەت دەپ قارىماقتا. دارفۇر ۋەقەسى باشلانغاندىن بۇيان خەلقئارا تەشكىلاتلار سۇدان ھۆكۈمىتىگە بېسىم ئىشلىتىپ كېلىۋاتىدۇ. سۇدان ھۆكۈمىتىمۇ دارفۇرغا قوراللىق ئەسكەر ئەۋەتىپ ۋەقەنى باستۇرغانلىقىنى ئېتىراپ قىلىدۇ. خىتايمۇ سۇدانغا 400 نەپەر قۇرۇلۇش ئەسكىرى ئەۋەتكەن ئىدى. دارفۇر ۋەقەسى ئېغىرلاشقاندىن كېيىن، ئافرىقا بىرلىكى 2006 ‏- يىلى سۇدان ھۆكۈمىتى بىلەن تىنچلىق كېلىشىمى ماقۇللاپ، بۇ رايوننى تىنچلاندۇرۇش ئۈچۈن 7000 كىشىلىك ھەربىي قىسىم ئەۋەتكەن بولسىمۇ، ئەمما ۋەقە يەنىلا تىنچمىدى.

ئامېرىكا قاتارلىق دۆلەتلەر دارفۇر رايونىغا ب د ت نىڭ تىنچلىق ساقلاش قىسىملىرىنى ئەۋەتىشنى تەشەببۇس قىلىپ كېلىۋاتىدۇ. ئەمما سۇدان ھۆكۈمىتى ب د ت نىڭ 20 مىڭ كىشىلىك تىنچلىق ساقلاش قىسىملىرىنىڭ دارفۇرغا كىرىشىنى رەت قىلدى. سۇداننىڭ ئەڭ چوڭ نېفىت خېرىدارى بولغان خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ باش مىنىسىتىرى ۋېن جياباۋمۇ ئەنگىلىيە باش مىنىسىتىرى تونى بېلايىر ئەپەندىگە "ب د ت قىسىملىرى چۇقۇم سۇدان ھۆكۈمىتى رۇخسەت قىلسا ئاندىن كىرىشى كېرەك" دەپ جاكارلاش ئارقىلىق خىتاينىڭ دارفۇر مەسىلىسىگە بولغان مەيدانىنى ئىپادىلىگەن ئىدى.

سۇدان ھۆكۈمىتى بىر نەچچە يىلدىن بۇيان، خەلقئارانىڭ بېسىمى ئاستىدا، ئۆتكەن ئايدا، ب د ت نىڭ 3000 كىشىلىك تىنچلىق قوشۇن ئەۋەتىپ ئافرىقا بىرلىكىنىڭ 7000 كىشىلىك تىنچلىق قىسملىرىغا ياردەم بېرىشىگە قوشۇلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى. شۇنىڭدىن كېيىن خىتايمۇ، ب د ت نىڭ تىنچلىق قوشۇنلىرىنىڭ دارفۇرغا كىرىشىنى قوللايدىغانلىقى، ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتى بۇرۇن ئەۋەتكەن 400 كىشىلىك قۇرۇلۇش ئەسكىرىنىڭ ۋاقتىنى يەنە 6 ئاي ئۇزارتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

مۇشۇنداق سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن، دارفۇردىكى قىرغىنچىلىق تېخىچە ئۈزۈل-كېسىل توختىتىلمىدى. ھازىرغا قەدەر دارفۇردا يەرلىك مىللەتتىن 200 مىڭ ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلدى ۋە 2 مىليوندىن ئارتۇق يەرلىك ئاھالە ئۆز يۇرتىنى تاشلاپ سىرتقا قېچىپ كەتتى، بۇنىڭدىن 200 مىڭ ئادەم يۇرتىنىڭ سىرتىدا چۆللەردە غېرىپچىلىق ئازابىنى تارتىۋاتىدۇ. (ۋەلى)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.