جورجىتاۋن ئۇنىۋېرستېتىدا ئۇيغۇر دارۋازچىلىقىغا دائىر ھۆججەتلىك فىلىم كۆرسىتىلدى
2006.03.07
ئۆتكەن ھەپتە ۋاشىنگتوندىكى جورجىتاۋن ئۇنىۋېرسىتېتىدا "پەلەك شاھى "تېمىسىدا دارۋاز ئادىل ھوشۇر ھەمدە ئۇيغۇرلارنىڭ دارۋازلىق سەنئىتى تونۇشتۇرۇلغان بىر يېرىم سائەتلىك مەخسۇس ھۆججەتلىك فىلىم كۆرسىتىلدى.
ھۆججەتلىك فىلىم كۆرسىتىلىشتىن بۇرۇن تاماشىبىنلارغا، ئۇيغۇرلارنىڭ جۇغراپىيىلىك، سىياسىي ھەم مەدەنىي ھاياتى ئالاھىدىلىكلىرى قىسقىچە تونۇشتۇرۇلدى. ھەمدە دارۋاز سەنئىتىنىڭ پەقەت ئۇيغۇرلاردا ساقلىنىپ كېلىۋاتقان بىر نەچچە مىڭ يىللىق تارىخقا ئىگە ئالاھىدە سەنئەت ھەم ماھارەت ئىكەنلىكى سۆزلەپ ئۆتۈلدى.
مەزكۇر ھۆججەتلىك فىلىم ئامېرىكىلىق ھۆججەتلىك فىلىم رېجىسسورى دېبراخ ستېرېتمەن خانىم تەرىپىدىن 2004 - يىلى سۆرەتكە ئېلىنغان بولۇپ، فىلىم ئۇيغۇر دارۋاز ماھىرى ئادىل ھوشۇرنى "ئۇيغۇرلارنىڭ قەھرىمانى، پەلەك شاھى، ئالاھىدە ماھارەتكە ئىگە دارۋاز" دەپ تونۇشتۇرۇش بىلەن باشلاندى.
ئۇيغۇر دارۋاز سەنئىتى نامايان قىلىندى
فىلىمدا ئادىل ھوشۇر قاتارلىق دارۋاز ھەمدە ئۇيغۇر سېرك ئارتىستلىرىنىڭ كۈندىلىك جاپالىق مەشق قىلىش، سەھرامۇ -سەھرا بېرىپ خەلققە ئويۇن كۆرسىتىش جەريانلىرى، ئۇلارنىڭ ئاددى ئەمما قىزىقارلىق، ئۆزگىچە تۇرمۇشى ئىز قوغلاپ سۆرەتكە ئېلىنغاندىن باشقا ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ھەمدە ئۇيغۇرلارنىڭ ھەقىقىي ھاياتى ئىنتايىن ئۇستىلىق بىلەن گەۋدىلەندۈرۈلگەن بولۇپ، دارۋاز سەنئىتى بىلەن يېڭى تونۇشۇۋاتقان تاماشىبىنلار ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ ئالاھىدە ئۆزگىچە سەنئىتىدىن ھەيرانلىق ھېس قىلدى. ئادىل ۋە باشقا سېرك ئارتىسلىرىنىڭ خەتەرلىك سىمدا بىمالال ماھارەتلەرنى كۆرسىتىشى ئۇلارنى ھاياجانغا سالدى.
بەزى ئامېرىكىلىق ئوقۇغۇچىلار گەرچە ئۇيغۇرلار ھەققىدە ئىزدىنىۋاتقان بولسىمۇ ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ دارۋازلىقتەك مۇنداق بىر ئالاھىدە سەنئەت شەكلىنى نەچچە مىڭ يىلدىن بېرى ساقلاپ كېلىۋاتقانلىقىدىن تەسىرلەندى. ھەتتا بەزىلەر تۇنجى قېتىم ئۇيغۇر ئېلى ھەمدە ئۇيغۇرلارنى كۆرىۋاتقان بولغاچقا"دۇنيادا بولۇپمۇ خىتايدا مۇنداق بىر مۆجىزىلىك جاينىڭ بارلىقىنى ئەمدى بىلىۋاتىمەن " دەپ ھەيرانلىق بىلدۈردى. ئۇيغۇرلارنىڭ ھەر تەرەپلىمە تۇرمۇشى ئەكس ئەتتۇرۇلگەن
ئەمما بۇ ھۆججەتلىك فىلىمدە مېنى ھەيران قىلغىنى ئادىل ھوشۇرنىڭ ماھارىتىنى كۆرگىلى يىغىلغان خەلقنى خىتاي ساقچىلىرىنىڭ تاياق، توقماقلار بىلەن ئۇرۇپ باشقۇرىۋاتقان كۆرىنىشى بولدى، بۇنىڭدىن كۆڭلۈم يېرىم بولدى. مېنىڭچە بۇ كۆرۈنىش ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتىنىڭ بىر كارتىنىسى، شۇنداقلا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى قانداق كونترول قىلىۋاتقانلىقىنىڭ بىر مىسالى بولسا كېرەك.
مەزكۇر ھۆججەتلىك فىلىم گەرچە ئادىل ھوشۇرنى ئاساسلىق ئوبيېكت قىلىپ، ئۇيغۇر دارۋازلىق سەنئىتىنى تونۇشتۇرۇشنى مەقسەت قىلغان فىلىم بولسىمۇ ئەمما، تاماشىبىنلارنى ھەممىدىن بەكرەك قىزىقتۇرغىنى ھەمدە ئۇلاردا ئەجەبلىنەرلىك سوئاللارنى تۇغدۇرغىنى، فىلىمدا تەبىئىي ئىپادىلەنگەن ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي، ئىجدىمائىي ھاياتى ھەمدە تەرەققىي قىلغان شەھەرلەرگە ماسلاشمىغان نامرات ئىقتىسادىي تۇرمۇش ئەھۋالى بولدى. شۇڭا فىلىمنى كۆرۈشكە قاتناشقان ئوتتۇرا ئاسىيا ھەمدە مەدەنىيەت تەتقىقاتى قىلغۇچى پروفېسسور، دوكتور ھەمدە ئوقۇغۇچىلار فىلىم كۆرسىتىلىپ بولغاندىن كېيىنمۇ مەزكۇر ھۆججەتلىك فىلىمنى كۆرۈشكە ئۇيۇشتۇرغان دوكتۇردىن ئۇيغۇرلار ھەققىدە تۈرلۈك سوئاللارنى سورىدى.
بىز مەزكۇر فىلىم كۆرسىتىلىپ بولغاندىن كېيىن، دوكتور جېيمىس مېلۋوردتىن مەزكۇر فىلىمنى كۆرسىتىشكە ئۇيۇشتۇرۇشتىكى مەقسىتىنى سورىدۇق. ئۇ مۇنداق دېدى: "مەزكۇر فىلىم 2004 - يىلى سۆرەتكە ئېلىنغان بولۇپ، ئوتتۇرا ئاسىيا ھەمدە مىللەتلەر مەدەنىيىتىنى، سەنئىتىنى تەتقىق قىلغۇچى، ئۆگەنگۈچى ئامېرىكىلىق ئوقۇغۇچىلارغا نىسبەتەن بىر قىممەتلىك ماتېرىيال. ئەلۋەتتە مەزكۇر فىلىم ئۇنىۋېرسال بىلىملەرگە ئىگە. ئۇنىڭدىن نېمىلەرنى ھېس قىلىش، نېمىلەرنى ئىگىلەش كۆرگۈچىلەرگە باغلىق. مەن ئۆزەمنىڭ تەسىراتىمنى ئېلىپ ئېيتسام، مەن 1999 - يىلى بارغان، فىلىم ئۇنىڭدىن بەش يىل كېيىن سۈرەتكە ئېلىنغان، مۇشۇ بىر نەچچە يىلدىكى ئۆزگىرىشتىن ھەيران قالدىم، مېنىڭ يادىمدىكى ھېيتگاھ مەسچىتى بىلەن فىلىمدىكى ھېيتگاھ پەقەتلا ئوخشىمايدۇ، بەك ئۆزگىرىپ كېتىپتۇ، ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى ماسلاشقان قەدىمىي ئىمارەتلەرنى ئەمدى تاپقىلى بولمايدىكەن. مەن بۇ تېز سۈرئەتلىك ئۆزگىرىشتىن چۆچۈپ كەتتىم. مېنىڭچە مەزكۇر فىلىمدە ئۇيغۇرلارنىڭ دارۋازلىق سەنئىتىدىن باشقا ئۇيغۇرلارنىڭ تۇرمۇش، ئېتىقاد، سىياسىي ۋەزىيىتى قاتارلىق نازۇك تەرەپلىرىمۇ ئەكس ئەتتۈرۈلگەن".
خىتايلارنىڭ ئۇيغۇرلارنى قانداق كونترول قىلىۋاتقانلىقىنىڭ بىر مىسالى
بىز يەنە مەزكۇر فىلىمنى ئالدىنقى رەتتە، ئالاھىدە قىزىقىش بىلەن كۆرۈپ ئولتۇرغان، ئوتتۇرا ئاسىيا مىللەتلىرى ھەمدە مەدەنىيەت تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللانغۇچى جورجىتاۋن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى دوكتور مارجورىئا خانىمدىن "پەلەك شاھى" ناملىق فىلىمدىن قانداق تەسىراتقا كەلگەنلىكىنى سورىدۇق. ماجورىئا خانىم مۇنداق دېدى:
ماجورىئا خانىم "مەن قەشقەرگىمۇ بارغان، شۇڭا بۇ فىلىمدىكى بەزى كۆرىنىشلەر ماڭا تونۇشتەك يېقىملىق تۇيۇلدى. بۇ فىلىم ئارقىلىق ئادىل ھوشۇرغا ئوخشاش بىر تالانت ئىگىسى بىلەن تونۇشقىنىمدىن ئىنتايىن خوشالمەن. مەن بۇ كىشى شۇنداقلا ئۇيغۇرلارنىڭ دارۋازلىق سەنئىتى بىلەن يەنىمۇ چوڭقۇر تونىشىشنى خالايمەن، ئۇيغۇرلارنىڭ بىر تال ئارغامچىغا باغلانغان بۇ دارۋازلىقتەك ئېسىل مەدەنىيەت، سەنئىتى ھەمدە ئۇنىڭ تارىخى مېنى تەسىرلەندۈردى. ئەمما بۇ ھۆججەتلىك فىلىمدە مېنى ھەيران قىلغىنى ئادىل ھوشۇرنىڭ ماھارىتىنى كۆرگىلى يىغىلغان خەلقنى خىتاي ساقچىلىرىنىڭ تاياق، توقماقلار بىلەن ئۇرۇپ باشقۇرىۋاتقان كۆرىنىشى بولدى، بۇنىڭدىن كۆڭلۈم يېرىم بولدى. مېنىڭچە بۇ كۆرۈنۈش ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتىنىڭ بىر كارتىنىسى، شۇنداقلا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى قانداق كونترول قىلىۋاتقانلىقىنىڭ بىر مىسالى بولسا كېرەك. ئۇيغۇر ئېلىدە بىز بىلمەيدىغان ، تەتقىق قىلىشقا ئەرزىيدىغان دارۋازلىققا ئوخشاش مەدە نىيەت- سەنئەت مۆجىزىلىرى نۇرغۇن".
بىز يەنە فىلىمنى كۆرۈشكە كەلگەن ئۇيغۇرلاردىن ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى نۇرى تۈركەل ئەپەندىنى زىيارەت قىلدۇق. ئۇ ئۆزىنىڭ فىلىمدىن ئالغان تەسىراتلىرى ھەققىدە توختىلىپ، بۇ فىلىمنىڭ ئامېرىكىدىكى ئەڭ يۇقىرى بىلىم يۇرتلىرىدىن بىرى بولغان جورجىتاۋن ئۇنىۋېرسىتېتىدا كۆرسىتىلگەنلىكىدىن خۇرسەن بولغانلىقىنى، فىلىمدە خىتاي ساقچىلىرىنىڭ دارۋاز كۆرگىلى كەلگەن ئۇيغۇر تاماشىبىنلارنى خۇددى ھايۋانلارنى ھەيدىگەندەك چىۋىق بىلەن سۈرۈپ يۈرگەنلىكىنى كۆرۈپ ئىچىنىڭ قان بىلەن تولغانلىقىنى، ئۆز خەلقىگە بولغان ھىسىداشلىقىنىڭ ھەسسىلەپ ئاشقانلىقىنى بىلدۈردى. (گۈلچېھرە)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- ئاتاقلىق ئۇيغۇر دارۋاز ئادىل ھوشۇر ئەپەندى بىلەن سۆھبەت
- "پەلەك شاھى" تورونتودىكى خەلقئارا فىلىم فېستىۋالىدا
- "پەلەك شاھى" ئادىل ھۇشۇر، دۇنياغا يەنە بىر قېتىم تونۇلدى
- قىرغىزىستاندىكى ئۇيغۇر چېمپىيون ئابدىرېشىت دۇگانوف يەنە مۇسابىقىگە قاتناشماقچى
- بېلگىيىدىمۇ ئۇيغۇر چېمپىيونى بار
- قازاقىستاندىكى ئۇيغۇر تەنھەرىكەت چولپانلىرى ياشلارنى يېتەكلىمەكتە
- كانادا ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر سېركچىلەرنىڭ سىياسى پانالىقىنى قوبۇل قىلدى