ئۇيغۇر ئۆسمۈرلىرى ھەققىدە ئىشلەنگەن "ئارقان ئۈستىدە" ناملىق فىلىم نورۋېگىيىدە كۈچلۈك تەسىر قوزغىدى

0:00 / 0:00
darwaz.jpg
مەزكۇر ھۆججەتلىك فىلىمدىن بىر كۆرۈنۈش. دارۋازچىلىق ئۆگىنىۋاتقان ئايجامال مەمتىمىن دار ئۈستىدە مەشق قىلماقتا.

ئۇيغۇر ئۆسمۈرلىرى ھەققىدە ئىشلەنگەن "ئارقان ئۈستىدە" ناملىق ھۆججەتلىك فىلىم ئالدىنقى ھەپتە نورۋېگىيىدە قويۇلۇپ كۈچلۈك تەسىر قوزغىدى. بۇ فىلىم ئۇيغۇرلارنىڭ كىشلىك ھوقۇق ئەھۋالىغا يېقىندىن كۆڭۈل بولۇپ كېلىۋاتقان نورۋېگىيە رافتو فوندى جەمئىيىتىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى ۋە مەبلەغ بىلەن تەمىنلىشى بىلەن، كانادالىق فىلىم ئىشلىگۈچى Petr Lom نىڭ رەژىسورلىقىدا ئىشلەنگەن.

تۆت نەپەر ئۇيغۇر بالىسىنىڭ كۈندىلىك ھاياتى تەسۋىرلەنگەن فىلىم

فىلىمدە ئاساسلىقى ئۇيغۇر ئېلىدىكى مەلۇم بىر يىتىم- يېسىرلار مەكتىپىدە ئوقۇيدىغان، 4 نەپەر ئاتا-ئانىسىز ئۇيغۇر يىتىم ئۆسمۈرنىڭ كۈندىلىك ھاياتى، جۈملىدىن ئۇلارنىڭ دارۋازلىقنى مەشىق قىلىش داۋامىدىكى جاپالىق تۇرمۇشى سۈرەتلەنگەن.

بۇ فىلىم نورۋېگىيىدە ئومۇمىيۈزلۈك تارقىتىلىشتىن بۇرۇن، ئاۋۋال ئالدىنقى ھەپتە چارشەنبە نورۋېگىيىنىڭ بېرگېن شەھرىدە، پەيشەنبە كۈنى نورۋېگىيىنىڭ ئوسلو شەھرىدە فىلىمنىڭ تارقىتىلىش مۇراسىمى بولۇپ ئۆتكەن، بۇنىڭغا، رافتو فوندى جەمئىيىتى، نورۋېگىيە خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى، خىتايدا كىشلىك ھوقۇق تەشكىلاتى، نورۋېگىيە كىشلىك ھوقۇق ئويى فوندى، نورۋېگىيە تىبەت كومىتېتى ۋە باشقا بىر قىسىم كىشلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ خادىملىرى شۇنىڭدەك نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتىنىڭ بىر قىسىم رەھبەرلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 40 يېقىن ئۇيغۇر تەكلىپ بىلەن قاتناشقان. ئوسلودىكى قويۇش مۇراسىمىدا، فىلىم قويۇلۇپ بولغاندىن كېيىن، نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئادىلجان ئۇيغۇرلارغا ۋاكالىتەن بۇ يەرگە يىغىلغانلارغا، ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى كىشلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى ۋە مەزكۇر فىلىم ھەققىدە سۆز قىلدى. ئەتىسىدىن باشلاپ بۇ فىلىم نورۋېگىيىنىڭ ھەممە يېرىدە قويۇلۇشقا باشلىدى.

گەرچە بۇ فىلىمدە ئۇيغۇر ئەلىدە ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان سىياسى، ئىجتىمائىي ۋە ئىقتىسادى ئەھۋاللار ھەققىدە ئۇچۇق-ئاشكارە پىكىر يورۇلتۇلمىغان بولسىمۇ، فىلىمدە تەسۋىرلەنگەن ئۇيغۇر تۇرمۇش كۆرۈنۈشلىرى، ئۇيغۇر ئۆسمۈرلىرىنىڭ نامرات ۋە جاپالىق ھاياتى نورۋېگىيىلىك تاماشىبىنلار ئىچىدە ئۇيغۇرلار ۋە ئۇيغۇر ئەلى ھەققىدە يەنە بىر قېتىم كۈچلۈك قىزىقىش ۋە بەس-مۇنازىرە ئويغاتتى.

"كۈندىلىك خەۋەرلەر" گېزىتى: ئۇيغۇرلارنىڭ كىشلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى ئىنتايىن ناچار

مەخپى ساقچىلار ھەممە يەردە، ھەممىنى نازارەت قىلىپ تۇردى، ئۇ يەردە 10 مىڭلاپ مەخپى ساقچى ئىشلەيدىكەن، ئۇلار ھەتتا سۈرەتكە ئېلىنىپ بولغان لېنتىنى بىرمۇ بىر كۆرۈپ تەكشۈردى.

فىلىم قويۇلغاندىن بۇيانقى بىر قانچە كۇن ئىچىدە نورۋېگىيىدىكى، WG، "كۈندىلىك خەۋەرلەر"، "بېرگېن ۋاقىت گېزىتى" قاتارلىق چوڭ گېزىتلەر ۋە بىر قىسىم تور بەتلەردە مەزكۇر فىلىم ۋە ئۇيغۇرلار ھەققىدە كۆپلىگەن باھا ۋە ماقالىلەر ئېلان قىلىندى.

"كۈندىلىك خەۋەرلەر" گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان بىر پارچە ماقالىدە "سىياسى تەڭپۇڭلۇق سەنىتى" دەپ قويۇلغان بولۇپ، ئۇنىڭدا ئالدى بىلەن فىلىمنىڭ بەدىئى مۇۋاپىقيەتىگە قىسقا باھا بېرىلگەندىن كېيىن، ئۇيغۇرلار ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى كىشلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى ھەققىدە كەڭ توختىلىپ: "بۇ فىلىمدە بىز جۇڭگونىڭ شىنجاڭ رايونىدىكى ئۇيغۇر ئۆسمۈرلىرى بىلەن ئۇچرىشىمىز. بۇ رايون تارىخى جەھەتتىن قارىغاندا ئۇيغۇرلارغا مەنسۇپ بولۇپ، تارىختىكى شەرق ۋە غەربنى باغلاپ تۇرغان مەشۇر يىپەك يولىنىڭ مەركىزىگە جايلاشقان. ئۇيغۇرلار بۇ يەرنى شەرقىي تۇركىستان –دەپ ئاتايدۇ. ئۇيغۇرلار تۈركىي تىللىق مۇسۇلمان خەلق، 1949 يىلى بۇ رايون جۇڭگو تەرىپىدىن بېسىپ ئېلىنغان ۋە ‘شىنجاڭ’ دەپ ئاتالغان. بۇ ‘يېڭى تېررىتورىيە’ دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. ھازىر ئۇيغۇرلارنىڭ كىشلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى ئىنتايىن ناچار بولۇپ، ئۇلاردا سوز –پىكىر ئەركىنلىكى ۋە دىنىي ئەركىنلىك يوق. ئۇيغۇر مەكتەپلىرىدە خەنزۇ تىلىدا دەرس ئۆتۈلىدۇ، سىنىپلاردىكى دوسكا ئۈستىگە ماركىز ۋە مائو زېدوڭنىڭ سۈرەتلىرى ئېسىلىدۇ. خەنزۇ كۆچمەنلەرنىڭ بۇ رايونغا كۆپلەپ ئېقىپ كېلىشى بىلەن ئۇيغۇرلار ئۆز يېرىدە ئاز سانلىق ئورۇنغا چۈشۈپ قالغان. ئۇنىڭ ئۈستىگە يەنە كۆچمەن خەنزۇلار بىلەن يەرلىك ئۇيغۇرلار ئارىسىدىكى ئىختىسادىي ۋە ئىجتىمائىي پەرق بارغانچە چوڭىيىپ بارماقتا"، دېيىلگەن.

WG گېزىتى: ئۇيغۇر بالىلىرى بىزنىڭ بالىلىرىمىز ئىگە بولغان شەرت –شارائىت ۋە پۇرسەتلەردىن مەھرۇم

WG دېگەن گېزىتتە ئېلان قىلىنغان يەنە بىر پارچە ماقالىدە بولسا "فىلىمدە تەسۋىرلەنگىنى ئۇيغۇرلار ۋە ئۇيغۇر بالىلىرى، كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ دوكىلاتىغا ئاساسلانغاندا، ئۇيغۇرلار نۆۋەتتە جۇڭگودىكى ئىنتايىن قاتتىق بېسىم ئاستىدا ياشاۋاتقان بىر خەلق. بولۇپمۇ 11-سەنتەبىر ۋەقەسىدىن كېيىن جۇڭگو ھۆكۈمىتى تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش باھانىسىدە ئۇيغۇرلارنى خالىغانچە تۇتۇش، قىيناش ۋە ئۆلۇم جازاسى بېرىشنى تېخىمۇ كۈچەيتتى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇرلار سىياسى، ئىختىسادىي ۋە مەدەنىي جەھەتتىمۇ قاتتىق بېسىمغا دۇچ كەلدى. لېكىن بۇ فىلىمدە بۇ مەسىلىلەر ئىنتايىن ئاز يورۇتۇلغان. سەۋەبى فىلىمغا ئېلىش داۋامىدا فىلىمدىكى بالىلارنىڭ ۋە ئۇلارنىڭ ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ سۆز-ھەركىتى باشتىن ئاخىر مەخپى ساقچىلارنىڭ نازارىتى ئاستىدا تۇرغان. شۇڭا بۇ فىلىم ئۇيغۇرلارنىڭ ھەقىقى ئەھۋالىنى يورۇتۇپ بېرىشتىن تولىمۇ يىراق، شۇنداق بولسىمۇ فىلىمدىكى ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ كۈندىلىك ھاياتىدىن ھېچ بولمىغاندا، ئۇلارنىڭ بىزنىڭ بالىلىرىمىز ئىگە بولغان شەرت –شارائىت ۋە پۇرسەتلەردىن مەھرۇم ياشاۋاتقانلىقىنى، ئۇلارنىڭ كېلەچىكىنىڭمۇ ئانچە پارلاق بولمايدىغانلىقىنى كۆرۈپ يېتىش تەس ئەمەس"، دېگەن پىكىرلەر ئىلگىرى سۈرۈلگەن.

فىلىم رېجىسسورى: مەخپى ساقچىلار ھەممە يەردە

بۇ فىلىم بەرگەن شەھرىدە قويۇلغاندا، فىلىم رېژىسسورى Petr Lom ھەم نەق مەيداندا بولۇپ، "بەرگەن ۋاقىت " گېزىتىنىڭ مۇخبىرى ئۇنىڭ بىلەن فىلىم ھەققىدە سۆھبەتتە بولغان. رەژىسسور مۇخبىرنىڭ " فىلىمنى سۈرەتكە ئېلىش داۋامىدا سىلەرنى مەخپى ساقچىلار نازارەت قىلدىمۇ؟" دېگەن سوئالىغا "مەخپى ساقچىلار ھەممە يەردە، ھەممىنى نازارەت قىلىپ تۇردى، ئۇ يەردە 10 مىڭلاپ مەخپى ساقچى ئىشلەيدىكەن، ئۇلار ھەتتا سۈرەتكە ئېلىنىپ بولغان لېنتىنى بىرمۇ بىر كۆرۈپ تەكشۈردى، شۇ جەرياندا فىلىمدە رول ئېلىۋاتقان بەزى ئۇيغۇرلارنى ساقچىلار قوغلىۋەتتى، ھەتتا بەزىلىرى تۈرمىگە سولاندى. بۇنداق ئەھۋالدا مەن بىگۇناھ ئۇيغۇرلارغا بالا تېپىپ بەرمەسلىك ئۈچۈن، مەخپى كۆرۈنۈشلەرنى ئېلىشتىن ۋاز كېچىپ، پەقەت بالىلارنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشى ۋە ئۇلارنىڭ خەتەرلىك دارۋازلىق مەشىقىنى ئاساس قىلدىم" دەپ جاۋاپ بەرگەن.

بۇ فىلىم خەلقئارادىمۇ خېلى كۈچلۈك تەسىر قوزغىغان بولۇپ، ئامستېردام ۋە ئامېرىكىدىكى فىلىم فېستىۋاللىرىغا قاتناشتۇرۇپ ياخشى باھاغا ئېرىشكەن. (ئابدۇسەمەت)