خىتاي ۋە ئۇيغۇر ئېلىدە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان داۋالاش ئىسلاھاتى مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىدى

0:00 / 0:00

خىتاينىڭ داۋالاش ساھەسىدە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ئىسلاھاتى داۋالاش مۇلازىمىتىنى بازارلاشتۇرۇش ئىسلاھاتى بولۇپ، خىتاي دۆلەت كابېنتى تەتقىقات ئورگىنى يېقىندا، بۇ خىل ئىسلاھاتنىڭ پۈتۈنلەي مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىغانلىقىنى ئاشكارىلىغان.

"خىتاي ياشلىرى گېزىتى" دە بېرىلگەن خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي سەھىيە مىنىستىرلىقىنىڭ سىياسەت بەلگىلەش ئورگىنى باشلىقى خىتايدىكى ھەر مىللەت خەلقى دۇچ كېلىۋاتقان "داۋالىنىش تەس، داۋالىنىش قىممەت" دېگەندەك مەسىلىلەر خىتاينىڭ داۋالاش مۇلازىمەت ساھەسىدىكى تەڭسىزلىكتىن كېلىپ چىققان ھەمدە داۋالاش مەنبەلىرىنى تەقسىم قىلىشتىكى يېتەرسىزلىكتىن كېلىپ چىققان. شۇڭا بۇ خىل ئەھۋالنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، داۋالاش ساھەسىدە ئېلىپ بېرىلىدىغان ئىسلاھات بازارلىشىشنى ئەمەس، بەلكى ھۆكۈمەتنىڭ ياردىمىنى ئاساس قىلىشى كېرەك، دېگەن.

ھۆكۈمەت ئاجرىتىۋاتقان مەبلەغ ناھايىتى ئاز

خىتاي دۆلەت كابېنتى تەتقىقات ئورگىنى يېقىندا ئېلان قىلغان بۇ دوكلاتتا يەنە، خىتايدا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان بازارلىشىش خاراكتېرىدىكى داۋالاش ئىسلاھاتىنىڭ مەغلۇپ بولغانلىقىنى ئاشكارىلاش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ھۆكۈمەتنىڭ داۋالاش ساھەسىگە ئاجرىتىلغان مەبلىغىنىڭ ئىنتايىن يېتەرسىز ئىكەنلىكى ئالاھىدە تەكىتلەنگەن بولۇپ "داۋالاش ساھاسىدىكى ئىسلاھاتنىڭ مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىشى ھۆكۈمەتنىڭ سەھىيە ساھەسىگە ئاجراتقان مەبلىغىنىڭ ئىنتايىن يېتەرسىز بولۇۋاتقانلىقى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك" دەپ كۆرسىتىلگەن.

ئامېرىكا خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتى ئاممىۋى سەھىيە ئىنستىتۇتىنىڭ پروفېسسورى شياۋ چىنلۇن، خىتاي دۆلەت كابېنتى تەتقىقات ئورگىنىنىڭ، خىتاينىڭ داۋالاش ساھەسىدىكى ئىسلاھاتىنىڭ مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىغانلىقى ھەققىدە ئېلان قىلغان دوكلاتى ھەققىدە توختىلىپ، "بۇ قېتىم، خىتاي دۆلەت كابېنتى خىتاينىڭ داۋالاش ساھەسىدە ئېلىپ بېرىلغان ئىسلاھاتىغا توغرا باھا بەردى. ئەمەلىيەتتە، بىز بۇنىڭدىن 10 يىل ئىلگىرى بۇ خىل ئىسلاھاتنىڭ بۈگۈنكىدەك ئاقىۋەتنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقىنى پەرەز قىلىپ بولغان ھەمدە بۇ ھەقتە يۇقىرىغا پىكىر يوللىغان، ئەپسۇسكى، ئۇ چاغدا ھۆكۈمەت بىزنىڭ پىكىرىمىزگە قۇلاق سالمىغان " دەپ كۆرسەتتى.

خىتاي سەھىيە مىنىستىرلىقى ئاخبارات ئورگان خادىملىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي سەھىيە مىنىستىرلىقى ھازىر مۇناسىۋەتلىك ئورگانلار بىلەن بىرلىشىپ، يېڭى تۈردىكى داۋالاش ئىسلاھات پىلانىنى تۈزۈپ چىقماقچى ئىكەن.

ئامېرىكا خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتى ئاممىۋى سەھىيە ئىنستىتۇتىنىڭ پروفېسسورى شياۋ چىنلۇن ئۆزىنىڭ بۇ ھەقتىكى كۆز- قارىشىنى ئىپادىلەپ، "خىتاي ھۆكۈمىتى ئالدى بىلەن داۋالاش ساھەسىگە كۆپلەپ مەبلەغ سېلىشى كېرەك، مالىيە مېنىستىرلىقىنى قايىل قىلىپ، مەبلەغنى كۆپەيتىشكە تىرىشىشى كېرەك، بېرىلگەن پۇلنى خەلقنىڭ سالامەتلىكى ئۈچۈن ئىشلىتىشى كېرەك" دەپ بىلدۈردى.

ئەمەلىي مىسال

خىتاينىڭ ئەنخۈي ئۆلكىسىدە نەشر قىلىنىدىغان "شىنئەن كەچلىك گېزىتى" دە مۇنداق بىر مەلۇمات بېرىلگەن: باشقىلارنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن بۇلاڭچىلار تەرىپىدىن پىچاق يەپ ئېغىر يارىلانغان بىر دېھقان جىددى قۇتقۇزۇش ئاپتوموبىلى بىلەن دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىلغاندا، يارىلانغۇچىنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر داۋالاش ھەققىنى ۋاقتىدا تاپشۇرمىغانلىقتىن، دوختۇرلار ئوپېراتسىيە قىلىش ۋاقتىنى كەينىگە سۈرگەن. شۇنىڭ بىلەن يارىلانغۇچى ۋاقتىدا ئوپېراتسىيە قىلىنمىغانلىقتىن، قاراپ تۇرۇپ ھاياتىدىن ئايرىلىپ قالغان.

ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالى تېخىمۇ ئېغىر

رادىئومىزنىڭ ھەقسىز لىنىيىسىگە كېلىۋاتقان تېلېفونلاردىن مەلۇم بولۇشىچە: ئۇيغۇر ئېلىدىكى خەلقمۇ خىتاينىڭ داۋالاش ساھەسىدىكى بۇخىل ئىسلاھاتنىڭ زور زىيىنىغا ئۇچرىماقتا ھەمدە داۋالاش ھەققى ھەددىدىن تاشقىرى قىممەت بولغانلىقتىن، پۇلى يوقلار ئاغرىپ قالغان ھالەتتىمۇ دوختۇرغا كۆرۈنمەيدىغان ئەھۋال ناھايىتى ئومۇملاشقان.

يېقىندا خىتايدا ئېلىپ بېرىلغان بىر قېتىملىق تەكشۈرۈشتە كۆرسىتىلىشىچە: ئۆتكەن ئىككى يىل ئىچىدە،داۋالاش ھەققى مەسىلىسى تۈپەيلىدىن، كىشىلەر كېسەل بولغان تەغدىردىمۇ دوختۇرغا كۆرۈنمەيدىغان، ھەتتا داۋالىنىشتىن پۈتۈنلەي ۋاز كېچىدىغان ئەھۋال ناھايىتى كۆپ ئۇچرايدىغان بولغان. بولۇپمۇ يېزىلاردا 80٪ كە يېقىن دېھقان تا بۈگۈنگە قەدەر ھېچقانداق داۋالىنىش سۇغۇرتىسى بولمىغانلىقتىن، سەھىيە مەسىلىسى تېخىمۇ ئېغىر ھالەتكە يەتكەن. (مېھرىبان)