خىتايدا دوختۇرغا كۆرۈنۈش ھەممىدىن تەس

0:00 / 0:00

خىتاي ھۆكۈمىتى يېقىندا 2006 - يىللىق مەملىكەتلىك سەھىيە يىغىنى ئېچىپ، خىتاينىڭ تىببى ساھەدىكى كرىزىسى يەنى "دوختۇرغا كۆرۈنۈش تەس، داۋالاش پۇلى قىممەت" قاتارلىق مەسىلىلەرنى ھەتتا دوختۇرخانىلارنىڭ كېسىلى ئېغىر بولغان بىمارنى قاراپ تۇرۇپ ئۆلتۈرۈپ قويىدىغان قىلمىشلىرىنىمۇ مەلۇم قىلغان. لېكىن خىتاي مەتبۇئاتلىرى بۇ ھەقتە تەپسىلى مەلۇمات بەرمىگەن. مەسىلەن،خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ كانىيى بولۇپ ھېسابلانغان شىنخۇئا ئاگېنتلىقىنىڭ بۇ ھەقتە بەرگەن خەۋىرىدە مۇنداق يېزىلغان:

" سەھىيە مىنىستىرى گاۋ چاڭ 2006 ‏- يىللىق مەملىكەتلىك سەھىيە خىزمىتى يىغىنىدا،دوختۇرغا كۆرۈنۈش تەس ۋە دوختۇر ھەققى قىممەت بولۇش مەسىلىسى ھەققىدە ئەستايىدىل تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ مەسىلىنى قەدەممۇ‏ - قەدەم ھەل قىلىش كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان. سەھىيە مىنىستىرى گاۋ چاڭ بىر قىسىم داۋالاش ئورگانلىرىدا مەۋجۇت بولۇپ تۇرىۋاتقان مەنپەئەت قوغلىشىش ھەرىكىتىنى يەنى ئىقتىسادىي مەنپەئەتنى دەپ، داۋالاش پۇلى ۋە دورا پۇلى قاتارلىقلارنى ئۆرلىتىۋېلىش قاتارلىق ئەھۋاللارنى كۆرسەتتى. ئۇ يەنە "كېسىلى ئېغىر بولغان ۋە قۇتقۇزۇشقا موھتاج بولغان بىمارلارغا ئالاھىدە ئېتىۋار بېرىش كېرەك، دوختۇرخانىلار 'ئالدى بىلەن ئادەم قۇتقۇزۇپ، ئاندىن ھېسابات قىلىش' پرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇش كېرەك" دەپ تەكىتلىدى.

زىيادە ئەشىۋاتقان داۋالاش ھەققى

رويتېرس ئاگېنتلىقى تەرىپىدىن بېرىلگەن مۇناسىۋەتلىك مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، خىتاي سەھىيە مىنىستىرى گاۋ چاڭ 2006 ‏- يىللىق مەملىكەتلىك سەھىيە خىزمىتى يىغىنىدا، خىتاينىڭ دۇڭبېي ئۆلكىسىدىكى بىر دوختۇرخانىنىڭ بىمارلاردىن ھەدىدىن تاشقىرى قىممەت باھادا داۋالاش پۇلى تەلەپ قىلغانلىقىنى ئاشكارىلىغان. رويتېرس ئاگېنتلىقى مەلۇماتىدا يەنە، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان خىتايدىكى داۋالاش ھەققىنىڭ كىشىلەرنى ھەقىقەتەن ئەندىشىگە قويىدىغان بىر مەسىلىگە ئايلانغانلىقىنى، خىتاي پۇقرالىرى دوختۇرغا كۆرۈنۈشتە ئۆز يېنىدىن پۇل چىقىرىدىغان ياكى بولمىسا تولۇق يېتىلمىگەن داۋالاش سۇغۇرتىسىغا تايىنىدىغانلىقىنى، دوختۇرخانىلار بولسا پايدىنى كۆزلەپ، ھېچبىر لازىمى بولمىغان قىممەت باھالىق داۋالاش ئەسۋابلىرىنى سېتىۋېلىپ، دوختۇرخانا كىرىمىنى كۆپەيتىشكە تىرىشىدىغانلىقىنى بىر ‏- بىرلەپ ئوتتۇرىغا قويغان.

رويتېرس ئاگېنتلىقى تەرىپىدىن بېرىلگەن مەلۇماتتا ئېيتىلىشىچە، ۋېن ۋېنخۈي ئىسىملىق بىر بىمار دۇڭبېينىڭ خاربىن شەھىرىدىكى بىر دوختۇرخانىدا 67 كۈن يېتىپ داۋالانغاندىن كېيىن، داۋالاش ئۈنۈم بەرمەي ئۆلۈپ كەتكەن، لېكىن بۇ بىمار ئۆلگەندىن كېيىن، ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر 5 يېرىم مىليون يۇئەن داۋالاش ھەققى تۆلەشكە مەجبۇر بولغان. بۇ ۋەقەدىن خەۋەردار بولغان خىتاي سەھىيە مىنىستىرى گاۋ چاڭنىڭ مەزكۇر دوختۇرخانىنى قاتتىق تەنقىت قىلىپ، مۇناسىۋەتلىك دوختۇرخانا ئەمەلدارلىرىغا قاتتىق جازا بېرىشنى تەكىتلىگەن، چۈنكى كىشىلەر مەزكۇر دوختۇرخانىنىڭ باشقۇرۇش ئەمەلدارى ئۈستىدىن ئەرز قىلىپ، ئۇلارنىڭ كېسەل تارىخىنى ئۆزى خالىغانچە ئۆزگەرتىپ، بىماردىن ئارتۇقتىن - ئارتۇق تەجرىبە قىلىش پۇلى ۋە داۋالاش پۇلى تەلەپ قىلغانلىقىنى پاش قىلغان.

1978 ‏- يىلىدىن باشلاپ 2002 ‏- يىلىغىچە بولغان بۇ جەرياندا، خىتاينىڭ تىببى ساھەدە كىشى بېشىغا ئىشلەتگەن پۇلى 11 سومدىن 442 سومغا ئۆرلىگەن. لېكىن شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ھۆكۈمەت كۆتۈرۈشكە تېگىشلىك بولغان داۋالاش ھەققى 32% تىن 15 % كە چۈشۈپ قالغان.

مەسىلىنىڭ سەۋەبلىرى

بىرلەشكەن دۆلەت تەشكىلاتى ئېلان قىلغان بىر دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە : خىتاي ھۆكۈمىتى خەلقنىڭ دوختۇرغا كۆرۈنۈش ۋە داۋالىنىش ئېھتىياجىنى قاندۇرمىغان. خىتاي ھۆكۈمىتى ئاممىنىڭ ئەڭ ئاساسلىق مەنپەئەتى بولغان سەھىيە مەسىلىسىگە يېتەرلىك كۆڭۈل بۆلمىگەن. خىتاي سەھىيە مېئىستېرى گاۋ چاڭ بولسا مىدىتسىنا ساھەسىدىكى بۇ خىل تەڭپۇڭسىزلىقنى ئازايتىشقا ۋەدە بەرگەن.

مۇناسىۋەتلىك مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، خىتاينىڭ تىببى ساھەدىكى كرىزىسى سەھىيە تەقسىماتىنىڭ ئادىل بولمىغانلىقىدىن كېلىپ چىققان. مەسىلەن، ھازىر ئومۇمىي نوپۇسنىڭ 30%نى ئىگىلىگەن شەھەر خەلقى سەھىيە مەبلىغىنىڭ 80% گە ئىگە بولغان. لېكىن ئومۇمىي نوپۇسنىڭ 70% نى ئىگىلىگەن يىزا خەلقى پەقەت 20% سەھىيە مەبلىغىگە ئېرىشەلىگەن ھەمدە 87% دېھقان دوختۇرغا كۆرۈنۈشتە پۈتۈنلەي ئۆز خىراجىتىگە تايانغان. شۇڭا ھازىر خىتايدا دىھقانلار، دوختۇرخانىدا يېتىپ داۋالانمىسا بولمايدىغان ھالەتتىمۇ، دوختۇرخانىغا كىرەلمەي، ئۆيدە ئۆلۈپ كېتىدىغان ئەھۋال ناھايىتى ئومۇملىشىپ كەتكەن. خىتايدىكى سەھىيە تەقسىماتنىڭ ئادىل بولمىغانلىقىنى داۋالىنىشتىكى كاپالەتلىك مەسىلىسىدىنمۇ كۆرىۋالغىلى بولىدۇ. مەسىلەن، ھازىر خىتايدا داۋالىنىش سەھىيە كاپالىتىگە ئىگە بولغانلار پەقەت ئومۇمىي نوپۇسنىڭ 15% نى ئىگىلىگەن بولۇپ، قالغان 85% خەلق ھېچقانداق كاپالەتكە ئىگە بولالمىغان. ھەمدە بۇلارنىڭ كۆپ ساندىكىسى جەمئىيەتنىڭ نامرات قاتلىمىدىكى ئىشتىن بوشىتىلغان ئىشچى ‏- خىزمەتچىلەر بولۇپ ھىسابلىنىدىكەن.

گەرچە بۇ قېتىم خىتايدا ئېچىلغان 2006 ‏- يىللىق مەملىكەتلىك سەھىيە خىزمىتى يىغىنىدا، خىتاي سەھىيە مىنىستىرى گاۋچاڭ دوختۇرخانىلاردا بىمارلارنىڭ ئۆلۈۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ تۇرۇپ قۇتقۇزمايدىغان ئەھۋالغا يول قويماسلىقنى تەكىتلىگەن بولسىمۇ، كۆپلىگەن سەھىيە مۇتەخەسسىسلىرى خىتاينىڭ تىببى ساھەسىدىكى كرىزىس مەسىلىسىنىڭ بۇنىڭ بىلەنلا چەكلىنىپ قالمايدىغانلىقىنى ھەمدە بۇ مەسىلىنىڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ھەل قىلىنىشى مۇمكىن ئەمەسلىكىنى كۆرسەتمەكتە.(مېھرىبان)