ئۇيغۇر ئېلىنىڭ تىببى ساھەسى كرىزىسقا دوچ كەلمەكتە
2006.02.01
يېقىندا خىتايدا ئېچىلغان 2006 - يىللىق مەملىكەتلىك سەھىيە خىزمىتى يىغىنىدا، خىتاينىڭ تىببى ساھەسىدە مەۋجۇت بولۇپ تۇرىۋاتقان "داۋالىنىش ھەققى ھەددىدىن تاشقىرى يۇقىرى بولغانلىقتىن دوختۇرغا كۆرۈنۈش تەس بولىۋاتقان مەسىلىلەر ۋە دوختۇرخانىلاردا بىمارنىڭ ھاياتىدىن پۇلنى ئەزىز كۆرىدىغان ئەھۋاللار بىر قەدەر ئاشكارىلانغان. خىتاي ئۆلكىلىرىدە مەۋجۇت بولۇپ تۇرىۋاتقان تىببى ساھەسىدىكى بۇ خىل مەسىلىلەر ئۇيغۇر ئېلىدە تېخىمۇ ئېغىر بولۇپ، كىشىلەرنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىماقتا.
يېقىندا خىتايدا ئېلان قىلىنغان ئاممىۋىي سەھىيە مەسىلىسى ھەققىدىكى بىر دوكلاتتا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تىببى ساھەگە دەپ ئاجراتقان سەھىيە خىراجىتىنىڭ 80% ئى، ئومۇمىي نوپۇسنىڭ 30 پىرسەنتىنى ئىگىلىگەن شەھەر خەلقىغە تەقسىم قىلىنغان بولۇپ، 70% ئىنى ئىگىلىگەن يېزا خەلقىغە بېرىلگەن پۇل پەقەت سەھىيە خىراجىتىنىڭ 20% نى ئىگىلىگەن. تىببىي ساھەسىدىكى بۇ خىل تەڭپۇڭسىزلىق دېھقانلارنىڭ قاتتىق نارازىلىقىنى قوزغىغان.
دېھقانلارنىڭ داۋالىنىشى تەس
زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان غۇلجا شەھىرىگە قاراشلىق يېزىدىكى بىر دېھقان ئايال مەزكۇر جايدىكى دېھقانلارنىڭ دوختۇرغا كۆرۈنۈشىنىڭ ئىنتايىن تەسكە توختايدىغانلىقىنى سۆزلەپ كېلىپ، ھۆكۈمەتنىڭ دېھقانلار ئۈچۈن بېرىدىغان سەھىيە خىراجىتىنىڭ 20% كىمۇ يەتمەسلىكى مۇمكىن دەپ قارىغان.
زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان بۇ دېھقان ئايال مەزكۇر يېزىدا ھازىر يۇقۇملۇق كېسەللەرنىڭمۇ بارغانسېرى كۆپىيىۋاتقانلىقىنى، لېكىن ھۆكۈمەتنىڭ بۇ جەھەتتە دېھقانلارغا دېگەندەك كۆڭۈل بۆلمەيۋاتقانلىقىنى، كۆڭۈل بۆلگەن ھالەتتىمۇ پەقەت ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش ئارمىيىسىدىكىلەرگە ئېتىبار بېرىدىغانلىقىنى مەلۇم قىلدى.
تەڭپۇڭسىزلىق ئېغىر
مۇناسىۋەتلىك مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تىببى ساھەسىدىكى تەڭپۇڭسىزلىقنى پەقەت سەھىيە خىراجىتىنىڭ ئادىل تەقسىم قىلىنمىغانلىقىدىنلا ئەمەس، بەلكى پۇقرالار داۋالىنىشتا دەرىجىگە بۆلۈنۈپ، ئورتاق كاپالەتكە ئىگە بولالمايدىغانلىقىدىنمۇ كۆرۈۋالغىلى بولىدىكەن. مەسىلەن، ھازىر خىتاينىڭ تىببىي ساھەدىكى مۇلازىمەت خىزمەتلىرىدە ئوخشىمىغان دەرىجىدىكى ھۆكۈمەت خادىملىرى ئوخشىمىغان دەرىجىدە پايدىلىنالايدىكەن. يۇقىرى دەرىجىلىك ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى بولسا پۈتۈنلەي ھەقسىز داۋالىنىش مۇلازىمىتىگە ئىگە بولۇپ، ئادەتتىكى ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىمۇ ئوخشىمىغان دەرىجىدە ھەقسىز مۇلازىمەتلەرگە ئېرىشەلەيدىكەن.
زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان غۇلجا شەھىرى دوستلۇق دوختۇرخانىسىدىكى بىر بىمار ئۆزىنىڭ ئادەتتىكى بىر ئوقۇتقۇچى بولۇش سۈپىتى بىلەن داۋالىنىشتا بىر قىسىم كاپالەتلەرگە ئىگە ئىكەنلىكىنى مەلۇم قىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئوخشىمىغان دەرىجىدىكى ھۆكۈمەت خادىملىرىنىڭ ئوخشىمىغان دەرىجىدە داۋالاش كاپالىتىگە ئىگە بولىدىغانلىقىنى ھەمدە ئۆزىنىڭ بۇ خىل ئەھۋالدىن ئىنتايىن نارازى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
مۇناسىۋەتلىك مەلۇماتلارغا قارىغاندا، ھازىر خىتايدا، داۋالاش كاپالىتىگە ئىگە بولغۇچىلار سانى پەقەت ئومۇمىي نوپۇسنىڭ 15 % نىلا ئىگىلىگەن بولۇپ، ئومۇمىي نوپۇسنىڭ 85% نى ئىگىلىگەن خەلق ھېچقانداق داۋالاش كاپالىتىگە ئىگە بولالمىغان. (مېھرىبان)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- خىتاي ۋە ئۇيغۇر ئېلىدە كېلىشىم باھالىق دوختۇرخانىلار يولغا قويۇلماقتا
- خىتايدا دوختۇرغا كۆرۈنۈش ھەممىدىن تەس
- خىتاينىڭ تىببى ساھەسىدە ئېلىپ بارغان ئىسلاھاتى مەغلۇپ بولدى
- خىتاينىڭ سەھىيە ئىسلاھاتى ئۇيغۇر ئېلىدە قانداق بولۇۋاتىدۇ ؟
- خىتايدا خەلق، ھۆكۈمەتنىڭ سەھىيە ساھەسىدىكى ئىسلاھاتىدىن نارازى بولماقتا
- خىتاي ۋە ئۇيغۇر ئېلىدە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان داۋالاش ئىسلاھاتى مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىدى