0:00 / 0:00
خىتاي ھۆكۈمەت دائىرىلىرى ئۇيغۇر ئېلىدە يولغا قويۇلۇۋاتقان ھەمكارلىشىپ داۋالاش سىياسىتى ئارقىلىق دېھقانلارنىڭ داۋالىنىش شارائىتىنىڭ بىر قەدەر ياخشىلانىۋاتقانلىقى ۋە "بولۇپمۇ ئېغىر كېسەلگە گىرىپتار بولغۇچىلار زور ياردەمگە ئېرىشەلەيدۇ" غانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇۋاتقان بولسىمۇ، زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغانلار ئەمەلىيەتنىڭ ئۇنىڭ ئەكسىچە بولۇۋاتقانلىقىنى شىكايەت قىلماقتا.