خىتاي سەھىيە مىنىستىرى يېقىندا كىرىمى تۆۋەن بولغان كىشىلەرنىڭ مەنپەئەتىنى نەزەردە تۇتۇپ، خىتاينىڭ ھەرقايسى ئۆلكىلىرىدە ئومۇميۈزلۈك ھالدا تەكسە باھالىق دوختۇرخانا سېلىش كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان. بۇ خىل تەكسە باھالىق دوختۇرخانا بۇندىن ئىككى يىل ئىلگىرى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئۈرۈمچى شەھىرىدىمۇ سىناق ئورنىدا سېلىنغان. بىر قىسىم كىشىلەر بۇنى "نامراتلارنى يۆلەش دوختۇرخانىسى " دەپ ئاتايدىكەن.
خىتايدا ئىشلەنگەن دورىلارلا ئىشلىتىلىدىكەن
خىتاي ئاگېنتلىقىنىڭ ئۈرۈمچىدىن بەرگەن خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، 2003 - يىلى، خىتاي سەھىيە مىنىستىرلىقىنىڭ بۇيرۇقىغا ئاساسەن، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئۈرۈمچى شەھىرىدە بۇ خىل تەكسە باھالىق دوختۇرخانىدىن ئىككىسى سېلىنغان بولۇپ، يېقىندا خىتاي سەھىيە مىنىستىرلىقى مەزكۇر دوختۇرخانىلاردا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق بۇ خىل دوختۇرخانىنىڭ خىتاينىڭ ھەرقايسى ئۆلكىلىرىدە ئومۇمىيلىشىشى كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان.
خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، مەزكۇر تەكسە باھالىق دوختۇرخانىنىڭ باشقا دوختۇرخانىلاردىن پەرقى دوختۇرلار بىمارلاردىن ئارتۇقچە داۋالاش ھەققى تەلەپ قىلمايدىكەن ھەمدە زۆرۈرىيىتى بولمىغان تەكشۈرۈشلەرنى تەشەببۇس قىلمايدىكەن. دوختۇرخانىدا ئىشلىتىدىغان ھەرقانداق دورا مەملىكەت ئىچىدە ئىشلەپچىقىرىلغان تۆۋەن باھالىق دورا بولۇپ، ئىمپورت قىلىنغان دورىلار مەزكۇر دوختۇرخانىدا ھەرگىزمۇ ئىشلىتىلمەيدىكەن. شۇڭا مەزكۇر دوختۇرخانىدا داۋالىنىدىغان بىمارلارنىڭ دوختۇرغا كۆرۈنىش ھەققى باشقا دوختۇرخانىلارنىڭكىگە سېلىشتۇرغاندا بىر قەدەر ئەرزان بولىدىكەن.
مائاش تۆۋەن، كەسپى خادىملار ئاز
بۇندىن ئىلگىرى بىز، ئۇيغۇر ئېلىدىكى تەكسە باھالىق دوختۇرخانىلارنىڭ يەنى نامراتلارنى يۆلەش دوختۇرخانىلىرىنىڭ ئەھۋالىنى ئىگىلەش ئۈچۈن، ئۈرۈمچى شەھەرلىك بىرىنچى تەكسە باھالىق دوختۇرخانىسىغا تېلېفون قىلغان ئىدۇق. زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان مەلۇم دوختۇرخانا خادىمى مەزكۇر دوختۇرخانىنىڭ ئاساسەن كىرىمى تۆۋەن لېكىن داۋالىنىش سۇغۇرتىسىغا ئىگە بولغۇچىلارنى قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى مەلۇم قىلغان.
ئۇيغۇر ئېلىدىكى بىرىنچى تەكسە باھالىق دوختۇرخانا ئىشخانا باشلىقى لى ۋىننىڭ مەلۇم قىلىشىچە، مەزكۇر دوختۇرخانىدا دوختۇرلارنىڭ مائاشى تۆۋەن بولغانلىقتىن، 2004 - يىلىنىڭ ئۆزىدىلا 20 دىن ئارتۇق كەسپىي خادىملار باشقا جايلارغا يۆتكىلىپ كەتكەن. ھازىر بۇ دوختۇرخانىدا ئىشلەۋاتقان دوختۇرلارنىڭ كۆپ ساندىكىسى يەرلىك دوختۇرخانىلاردىن ياكى ئاساسىي قاتلامدىكى دوختۇرخانىلاردىن يۆتكەپ كېلىنگەنلەر ئىكەن. شۇڭا بىر قىسىم مۇرەككەپ ياكى ئېغىر كىسەللەرگە دۇچ كەلگەندە، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق دوختۇرخانىسى قاتارلىق چوڭ دوختۇرخانىلارنىڭ ياردىمىگە مۇھتاج بولىدىكەن.
مۇناسىۋەتلىك مەلۇماتلارغا قارىغاندا، ھازىر بۇ خىل تەكسە باھالىق دوختۇرخانا پەقەت ئۇيغۇر ئېلىدىلا ئەمەس، بەلكى خىتاينىڭ بېيجىڭ، گۇئاڭدۇڭ قاتارلىق جايلىرىدىمۇ سېلىنغان.
ئانالىزچىلار: مەسىلىلەر نېگىزىدىن ھەل بولمايدۇ
گەرچە خىتاي سەھىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باشلىقى گاۋ چياڭ "ھازىردىن باشلاپ، مەملىكەتنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا تەكسە باھالىق دوختۇرخانا ۋە تەكسە باھالىق دورىخانا سېلىش كېرەك، شۇنداق قىلغاندىلا كىرىمى تۆۋەن بولغان بىمارلارنىڭ دوختۇرغا كۆرىنىش ۋە داۋالىنىش مەسىلىسىنى ھەل قىلغىلى بولىدۇ" دەپ بىلدۈرگەن بولسىمۇ، كۆپلىگەن ئانالىزچىلار كىرىمى تۆۋەن بولغان پۇقرالارنىڭ داۋالىنىش مەسىلىسىنى ھەرگىزمۇ بۇ خىل تەكسە دوختۇرخانىلارنى سېلىش ئارقىلىق ھەل قىلغىلى بولمايدۇ " دەپ كۆرسەتمەكتە.
ئىلگىرى سەنشى ئۆلكىسىدە مۇخبىر بولۇپ ئىشلىگەن ما شاۋمىن خىتاي ھۆكۈمىتى يولغا قويۇۋاتقان تەكسە باھالىق دوختۇرخانا ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى :
"ئەگەر تەكسە باھالىق دوختۇرخانىنىڭ داۋالاش ھەققىنى ئەرزان دەپ قارىساق، باشقا دوختۇرخانىلارنىڭ داۋالاش ھەققىنى نېمە دەپ قاراش كېرەك؟ يەنى باشقا دوختۇرخانىلارنى "يۇقىرى باھالىق" ياكى "قالايمىقان پۇل يىغىدىغان دوختۇرخانا" دەپ قاراشقا توغرا كېلەمدۇ ؟ دېمەكچى بولغىنىم، خىتاينىڭ داۋالاش ساھەسىدىكى ئەڭ ئاساسلىق مەسىلە تەكسە باھالىق دوختۇرخانا سېلىش ياكى سالماسلىق ئەمەس، بەلكى ئالدى بىلەن دوختۇرخانىلاردا مەۋجۈت بولۇۋاتقان بىمارلاردىن قالايمىقان پۇل يىغىش "بىمارلارنى ئېكىسپىلاتاتسىيە قىلىش" قاتارلىق چىرىكلىككە ئائىت مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشتۇر. ئەگەر بۇنداق قىلىنمايدىكەن، تەكسە باھالىق دوختۇرخانا سالغان بىلەنمۇ، بىمارلارنىڭ داۋالىنىش مەسىلىسى يەنىلا ئوخشاش بىر تەرەپ قىلىنمايدۇ. كىرىمى تۆۋەن پۇقرالار يەنىلا دوختۇرخانىدا داۋالىنىش پۇرسىتىگە ئىگە بولالمايدۇ. شۇڭا ھازىرقى مەسىلە پەقەت داۋالىنىش مەسىلىسىلا ئەمەس، بەلكى سىياسىي تۈزۈم مەسىلىسى بولۇپ قالدى. خىتاينىڭ مېدىتسىنا ساھەسىدىكى چىرىكلىك مەسىلىسىنى بىر تەرەپ قىلماي تۇرۇپ، تەكسە باھالىق دوختۇرخانا سېلىپ، داۋالاش مەسىلىسىنى بىر تەرەپ قىلىمىز دېگىنى قۇرۇق گەپ ". (مېھرىبان)