خىتاينىڭ تىببى ساھەسىدە ئېلىپ بارغان ئىسلاھاتى مەغلۇپ بولدى


2005.12.21

2005 ‏- يىلىنىڭ ئاخىرى، خىتاي ھۆكۈمىتى 1989 ‏- يىلدىن بۇيان تىببى ساھەسىدە ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىسلاھاتىنىڭ مەغلۇپ بولغانلىقىغا رەسمى ئىقرار بولۇپ، خىتايدىكى داۋالاش سىستېمىسىنىڭ ھەقىقەتەن كىشىنى ئەندىشىگە قويۇۋاتقانلىقىنى مەلۇم قىلدى.

خىتاي سەھىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باشلىقى گاۋ چياڭنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاينىڭ سەھىيە ساھەسىدىكى تەرەققىيات يېتەرلىك بولمىغان، سەھىيە قۇرۇلمىسىدا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ئىسلاھات ئارقىدا قالغان، بولۇپمۇ يېزىلاردىكى سەھىيە مەسىلىسى تا ھازىرغا قەدەر بىر تەرەپ قىلىنمىغانلىقتىن، دېھقانلار كېسەل بولۇپ قالسا دوختۇر يوق، شەھەردىكى دوختۇرخانىلارغا يۈگرەيدىغان ئەھۋال يەنىلا مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان.

داۋالىنىش كاپالىتىگە ئېرىشەلمىگەنلەر نىسبىتى يۇقىرى

خىتاي دۆلەت مىنىستىرى ۋېن جياباۋ يېقىندا بېرىلگەن بىر قېتىملىق خىزمەت دوكلاتىدا، خىتايدا مەۋجۇت بولۇپ تۇرىۋاتقان سەھىيە مەسىلىسىدە توختىلىپ، ھۆكۈمەتنىڭ ئالدى بىلەن بولۇپمۇ يېزا رايونلىرىدىكى خەلقنىڭ داۋالىنىش مەسىلىسىگە ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن.

خىتاي ئەمگەك ۋە ئىجىتمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى ئىستراخوۋانىيە تەتقىقات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى ۋۇ جىچاڭ يېقىندا خىتايدا ئېچىلغان 2005 ‏- يىللىق ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش يىغىنىدا، ھەر قايسى دەرىجىلىك ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىنىڭ سەھىيە ساھەسىگە سالغان مەبلىغىنىڭ ناھايىتى ئاز ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ، ھازىر خىتاينىڭ ئومۇمىي سەھىيە خىراجىتىنىڭ 60% ئى پۇقرالار تەرىپىدىن يىغىلىدىغانلىقىنى، شەھەر خەلقنىڭ 44% ئى داۋالاش كاپالىتىگە ئىگە بولالمايۋاتقانلىقىنى، يېزا خەلقى ئارىسىدا داۋالاش كاپالىتىگە ئېرىشەلمەيۋاتقانلارنىڭ نىسبىتى 80% كە يەتكەنلىكىنى ئالاھىدە ئوتتۇرىغا قويغان.

خىتاي دۆلەت كابېنتى تەرەققىيات تەتقىقات مەركىزىدىكى ۋۇ جىڭليەن ئەپەندى "كىرىمى تۆۋەن كىشىلەرنىڭ داۋالاش ھەققىنى ھۆكۈمەت كۆتۈرۈشى كېرەك، بۇ ھۆكۈمەتنىڭ مەسئۇلىيىتى " دەپ كۆرسەتكەن.

ئامېرىكا خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئاممىۋىي سەھىيە ئىنستىتۇتىدىكى پروفېسسور شياۋ چىنليەن ئەپەندى خىتايدىكى سەھىيە مەسىلىسىنىڭ بۇ قەدەر ئېغىر ھالەتكە يېتىشىدىكى سەۋەب، ھۆكۈمەتنىڭ ھەدىدىن تاشقىرى چىرىكلىشىپ كەتكەنلىكىدىن، سەھىيە ئورۇنلىرى بولسا ئۆز مەنپەتىنى كۆزدە تۇتۇپ، ھەقىقىي ئىسلاھات ئېلىپ بېرىشنى خالىمىغانلىقتىن شۇنداقلا ھۆكۈمەتنىڭ دوختۇرخانىلارنى ياخشى باشقۇرماي، ئۇلارنىڭ بىمارلاردىن قالايمىقان پۇل يىغىشىغا يول قويغانلىقىدىن " دەپ كۆرسەتتى.

نامراتلىق بىمارلارنى دوختۇرخانىدىن يىراقلاشتۇرماقتا

رادىئومىزنىڭ ھەقسىز لىنىيىسىگە كەلگەن تېلېفونلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، گەرچە خىتاي ھۆكۈمىتى يىللاردىن بۇيان سەھىيە ساھەسىدە نۇرغۇن سىياسەت ۋە بەلگىلىمىلەرنى بېكىتكەن بولسىمۇ، نامرات دېھقانلار بۇنىڭدىن ھېچقانداق بەھرىمان بولالمىغان. كۆپ ساندىكى دېھقانلار كېسەل بولۇپ قالسىمۇ پۇلى يوق دوختۇرغا كۆرۈنەلمەيدىغان ئەھۋال ناھايىتى ئومۇملىشىپ كەتكەن.

بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان قەشقەردىكى بىر دېھقان ئايال كۆپلىگەن قەشقەر دېھقانلىرى گەرچە ئېغىر كېسەل بولۇپ قالغان ھالەتتىمۇ، نامراتلىقتىن دوختۇرخانا ئىشىكى ئالدىغا بارالمايدىغانلىقىنى مەلۇم قىلدى.

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان بۇ دېھقان ئايال قەشقەردىكى دوختۇرخانىلارنىڭ بىمارلارغا تۇتقان ناچار پوزىتسىيىسىنى شۇنداقلا دوختۇرلارنىڭ ئىلاجى بار بىمارلاردىن پۇل ئۈندۈرۈۋېلىشقا ئۇرۇنىدىغانلىقىنى ئاشكارىلىدى.

رادىئومىزنىڭ ھەقسىز لېنىيىسىگە تېلېفون قىلغان بىر ئۇيغۇرنىڭ بىلدۈرۈشۈشىچە، ھازىر ئۇيغۇر ئېلىدە مۇتلەق كۆپ ساندىكى كىشىلەر پەقەت ئىلاجى بولمىغان شارائىتتا ئاندىن دوختۇرخانىغا بارىدىكەن.

ھاياتتىن پۇل مۇھىم

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئۆسمە كېسەللىكلەر دوختۇرخانىسىدا ئىشلەيدىغان بىر دوختۇر ھازىر ئۇيغۇر ئېلىدىكى دوختۇرخانىلارنىڭ ھەممىسى دېگىدەك پۈتۈنلەي كومپىيوتۇرلىشىپ كەتكەنلىكىنى، شۇڭا بىمارلار ئەگەر داۋالىنىش جەريانىدا داۋالاش ھەققىنى ۋاقتى - ۋاقتىدا تۆلەپ تۇرمىسا، داۋالاش خىزمىتىنىڭ ئاپتوماتىك توختاپ قالىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ، بۇ خىل ئەھۋال ئاستىدا دوختۇرلارمۇ ھېچقانداق ئامال قىلالمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئامېرىكا خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئاممىۋىي سەھىيە ئىنستىتۇتىدىكى پروفېسسور شياۋ چىنليەن ئەپەندى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دۆلەت سەھىيە مىنىستىرلىقىغا بۇيرۇق چۈشۈرۈپ، ئاممىۋىي سەھىيە ساھەسىگە كۆپلەپ مەبلەغ سېلىشى كېرەكلىكىنى كۆرسەتتى. (مېھرىبان)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.