"يىپ ئۈستىدىكى ئۇسۇل"

0:00 / 0:00

يېقىندا گوللاندىيە تېلېۋىزىيىنىڭ 2‏- قانىلىدا ئۇيغۇرلارنىڭ ھاياتى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن "يىپ ئۈستىدىكى ئۇسۇل" ناملىق بىر ھۆججەتلىك فىلىم كۆرسىتىلدى.

پىتېر لوم رىجىسورلىقىدىكى بۇ ھۆججەتلىك فىلىمدە قەشقەر يېڭى شەھەر ناھىيىسىدىكى مەلۇم بىر پاراۋانلىق مەكتىپىدىكى ئۇيغۇر يېتىم بالىلارنىڭ ئەھۋاللىرى كۆرسىتىلگەن. شۇنداقلا نۇقتىلىق ھالدا داۋازلىققا تەبىيىلەنگەن بىر قانچە بالىنىڭ ھېچقانداق بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى ئېلىنمىغان ئەھۋالدا ئاستىدىكى جاپالىق مەشق جەريانلىرى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن.