داۋۇت ئۆلۈۋالدىمۇ؟ ئۆلتۈرۈلدىمۇ؟ (2)

ئۈرۈمچى نېفىت خىمىيە سانائىتى باش زاۋۇتىنىڭ غوللۇق ئىنژېنېرى مەرھۇم داۋۇت ئىبراھىمنىڭ 15-مارت كۈنىدىكى تۇيۇقسىز ۋاپاتى، ھەممىنى گۇمانغا سالدى.
مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە
2012-03-26
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
ئۈرۈمچى نېفىت خىمىيە سانائەت باش زاۋۇتىنىڭ كەچلىك كۆرۈنۈشى.
ئۈرۈمچى نېفىت خىمىيە سانائەت باش زاۋۇتىنىڭ كەچلىك كۆرۈنۈشى.
www.xjpci.gov.cn

زاۋۇت دائىرىلىرى ساقچىلارنىڭ داۋۇتنىڭ ئۆلۈمى ھەققىدە زىيارىتىمىزنى رەت قىلىپ كېلىۋاتقانلىقى، داۋۇتنىڭ خىزمەتداشلىرىنىڭ بولسا بۇ ھەقتە ئاشكارا سۆز ئېچىشتىن ئېھتىيات قىلىۋاتقانلىقى، ئايالىنىڭ دەسلەپ ئۇنىڭ ئۆلۈمىدىن گۇمانلىنىدىغانلىقىنى ئېنىق ئىپادىلىگەن بولسىمۇ، ئەتىسىلا يەنە «ھۆكۈمەت ۋە ساقچىلار ئېيتقاندەك، ئۆلۈۋالدى دەپ ئويلايمەن» دېيىشى، داۋۇتنىڭ 15 مېتىر ئېگىزلىكتىن چۈشۈپ كېتىپ ئۆلگەنلىكىنى جەزم قىلىشتا شاھىت ۋە سەۋەب بولماسلىقى، ئۇنىڭ يىقىلىپ ئۆلگەنلىكىنى مەلۇم قىلغۇچىنىڭ بولسا، دەل ئۇزۇندىن بۇيان ھوقۇقىدىن پايدىلىنىپ داۋۇت بىلەن قېرىشىپ كەلگەن، ئۇنىڭغا خىزمەت ۋە روھىي بېسىملارنى يۈكلەپ زىددىيەتلىشىپ كەلگەن خىتاي بۆلۈم باشلىقى گو دىفاڭ بولۇشى، داۋۇتنىڭ جەسىتىنىڭ ئەتىسىلا ئاقسۇغا يۆتكەپ كۆمۈپ قويۇلۇشىغا ئوخشاش مەسىلىلەر، داۋۇتنىڭ ۋاپاتىنىڭ ھەقىقەتەن كىشىلەر ئېيتقاندەك سىرلىق بىر ئۆلۈم ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ تۇرماقتا.

داۋۇت زادى ئۆلۈۋالغانمۇ؟ ئۆلتۈرۈلگەنمۇ؟ بۇ سىرلار ھەم داۋۇتنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنى ئازابلىماقتا، خاتىرجەملىكىنى بۇزماقتا.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشى ئارقىلىق مۇخبىرىمىزنىڭ داۋۇت ئىبراھىمنىڭ سىڭلىسى بىلەن ئېلىپ بارغان سۆھبىتىنى ئاڭلىغايسىلەر.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت