خىتاي ۋە ئۇيغۇر ئېلىدىكى دېھقانلارنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالى قانداق؟


2006.07.19

خىتاي يېزا ئىگىلىك ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ خىتايدىكى 80 دىن ئارتۇق يېزا- كەنتلەردە ئېلىپ بارغان تەكشۈرۈشىدىن مەلۇم بولۇشىچە، يەرلىك ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىنىڭ دېھقانلارنىڭ مەنپەئەتىگە زىيان يەتكۈزىدىغان ئەھۋال ناھايىتى ئېغىر ئىكەن.

مەركىزى ھۆكۈمەتنىڭ ئېيتقىنى بىلەن يەرلىكنىڭ قىلغىنى بىر ئەمەس

مەسىلەن، يەرلىك ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىنىڭ دېھقانلاردىن خالىغانچە پۇل يىغىپ، ئۇلارنىڭ يېرىنى زورلۇق بىلەن تارتىۋالىدىغان ئەھۋاللار يەنىلا داۋاملىشىۋاتقان بولۇپ، دېھقانلارنىڭ قاتتىق نەپرىتىنى قوزغىغان:

"يېزىلاردا قالايمىقان پۇل يىغىدىغان ئەھۋال ئەزەلدىن داۋاملىشىپ كەلمەكتە. مەركىزى ھۆكۈمەت ھادىسە دېھقانلارنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىمىز دەپ ۋاقىرىغىنى بىلەن، يەرلىك ھۆكۈمەت دەل بۇن ئەكسىچە ئىش قىلماقتا. ئۇلار دېھقانلارغا خىلمۇ خىل سېلىقلارنى سېلىپ، ئۇلارنىڭ يۈكىنى ئىلگىرىكىدىن تېخىمۇ بەك ئېغىرلاشتۇرىۋەتتى. مەسىلەن ھازىر مەركىزى ھۆكۈمەت دېھقانچىلىق بېجىنى يوق قىلدۇق دەپ جاكارلىدى. لېكىن دېھقانچىلىق بېجىنىڭ يوق قىلىنىشى بىلەن، باشقا تۈردىكى چىقىملار ئىزچىل ھالدا كۆپىيىشكە باشلىدى. مەسىلەن مائارىپ ھەققى، تاشيول ھەققى دېگەندەك پۇللار بارغانسېرى كۆپىيىپ، كىشىنى ئامالسىز ھالەتكە چۈشۈرۈپ قويدى. ھازىر بۇ يەردە پۇل دېسە ھەر قانداق ئەمەلدار ئۆز ۋىژدانىنى ساتىدىغان ھالەتكە يەتتى. خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش دېگەن ئۇقۇم ھېچكىمگە يوق. پەقەت پۇللا بولسا بولدى. شۇڭا ھازىر مەيلى پىلانلىق تۇغۇت جەھەتتە بولسۇن ياكى باشقا جەھەتتە بولسۇن، ھەممە ئىشتا پۇل جەرىمانە قويۇشنى ئاساسىي قىلىۋالغان"

مەركىزى ھۆكۈمەتنىڭ خەلقى بىلەن كارى يوق

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان خىتاينىڭ سىچۇئەن ئۆلكىسىدىكى بۇ دېھقان ۋەكىلى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دېھقانلار ھەققىدە بېكىتكەن سىياسەتلىرىنىڭ ھېچقاچان ھەقىقىي ئەمەلىلەشمەيۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ، ئۆزىنىڭ مەركىزى ھۆكۈمەتتىن قاتتىق نارازى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى:

"مەركىزى ھۆكۈمەتنىڭ سىياسىتى مەيلى قانچە ياخشى بولۇپ كېتىشتىن قەتئى نەزەر، ھەممىسى پۈتۈنلەي قۇرۇق شۇئار بولۇپ قالغان. چۈنكى ئۇلار پەقەت سىياسەت بېكىتىشنىلا بىلىپ، ئۇنىڭ قانداق ئىجرا قىلىنىدىغانلىقى بىلەن ھېچقاچان كارى بولۇپ باقمىغان. ھازىر بۇ مەركىزى ھۆكۈمەت دېگىنىمىزنىڭ مۇشۇنداق بىر ھۆكۈمەتكە ئايلىنىپ قالدى. شۇڭا مەيلى سىز دۆلەت كابېنتىغا ياكى خەلق قۇرۇلتىيىغا بېرىپ ئەرز قىلىڭ، ئۇلارنىڭنىڭ سىزنىڭ مەنپەئەتىڭىزنى كۆزدە تۇتىشى مۇمكىن ئەمەس. مەسىلەن بىز ئۇزۇن مۇددەت بېيجىڭدىكى ھەرقايسى ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىغا بېرىپ ئەرز سۇنغان ئىدۇق، لېكىن ھەر بىر يەرگە بارغىنىمىزدا، ئۇلار مەسئۇلىيەتنى باشقا ئىدارە ئورۇنلىرىغا ئىتتىرىپ، بىزنى يولغا سالغان. دېمەك مەركىزى ھۆكۈمەت ھېچقاچان خەلقنىڭ ھاياتى ۋە مال ‏-مۈلۈكى بىلەن كارى بولۇپ باقمىغان. يەرلىك ھۆكۈمەت بولسا پۇلدىن باشقىنى تونىمىغان. شۇڭا مەن 'گەرچە مەسىلە يەرلىك ھۆكۈمەتتە بولسىمۇ، ئۇنىڭ يىلتىزى يەنىلا مەركىزى ھۆكۈمەتتە ' دەپ قارايمەن "

خۇددى خىتاي دېھقانلىرىغا ئوخشاش، ئۇيغۇر دېھقانلىرىمۇ ھۆكۈمەت تەرىپىدىن بولىۋاتقان تۈرلۈك بېسىملارغا قاتتىق نارازىلىق بىلدۈرمەكتە.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.