ئۇيغۇر ئېلىدىكى دېھقانلارنىڭ تۇرمۇشىنى ياخشىلاش ئۈچۈن سېلىنغان مەبلەغ كىملەر ئۈچۈن ئىشلىتىلىۋاتىدۇ ؟


2007.01.30

شىنخۇا تورىنىڭ 30 ‏- يانۋار كۈنىدىكى خەۋىرىدە، ئۇيغۇر ئېلىدە دېھقان ‏- چارۋىچىلارنىڭ تۇرمۇشىدا زور ئۆزگىرىشلەر بەرپا قىلىنىپ، دېھقان ‏-چارۋىچىلارنىڭ يىللىق كىرىمى 2742 يۈەنگە يەتكەنلىكى ھەققىدىكى خەۋەر ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا تۈرلۈك غۇلغۇلىلار مەيدانغا كەلدى.

كۆزەتكۈچىلەر، ئۇيغۇر ئېلىدىكى دېھقان - چارۋىچىلارنىڭ ئوتتۇرىچە يىللىق كىرىمى 2742 يۈەنگە يەتكەنلىكى ھەققىدىكى مەلۇماتقا ئىشىنىشكە بولسىمۇ، ئەمما ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش ئارمىيىسى تارمىقىدىكى خىتاي دېھقانلار بىلەن ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى دېھقانلارنىڭ يىللىق كىرىمى ئوتتۇرىسىدىكى پەرقنى سېلىشتۇرغىلى بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.

ئىستانسىمىز ئۇيغۇر ئېلىدىكى دېھقانلارنىڭ ۋەزىيىتى ئۈستىدە مەلۇمات ئىگىلەشنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەن بولۇپ، ئۇيغۇر دېھقانلارنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ تۇرمۇشىنىڭ ئىنتايىن قېيىنچىلىق ئىچىدە ئۆتىۋاتقانلىقى، ھەتتا بەزىلىرىنىڭ ئاچلىق دەردىنى تارتىۋاتقانلىقى ھەققىدىكى ئىنكاسلاردىن خەۋەردار بولغان ئىدۇق.

ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىدىكى رايونلاردا ياشاۋاتقان دېھقانلارنىڭ تۇرمۇشىنىڭ قىيىنچىلىق ئىچىدە ئۆتىۋاتقانلىقى، خىتاي ھۆكۈمىتى تەيىنلىگەن ئەمەلدارلار تەرىپىدىن ئىقرار قىلىنغان بولۇپ، ئۆتكەن يىلى ئۆتكۈزۈلگەن پارتىيە قۇرۇلتىيىدا سۆز قىلغان، قەشقەر ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ سېكرىتارى شى داگاڭ: "دېھقانلارنىڭ تۇرمۇش سەۋىيىسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش خىزمىتى ئىنتايىن تەس بولۇۋاتىدۇ، نۆۋەتتە ئوتتۇرىچە ھېساب بىلەن دېھقانلارنىڭ يىللىق تۇرمۇش سەۋىيىسى 1800 يۇئەن ئەتراپىدا، بۇنىڭ بىلەن پەقەتلا دېھقانلارنىڭ قۇرسىقىنى تويغۇزۇش مەسىلىسى ھەل قىلىندى" دېگەن ئىدى.

ئۇنداقتا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 2006 ‏- يىلى پەقەت بىر يىل ئىچىدە " سوتسىيالىستىك يېزا بەرپا قىلىش ئۈچۈن، سالغان 77 مىليارد 700 مىليون يۈەن مەبلىقى، قايسى يېزىنىڭ ۋە قايسى دېھقانلارنىڭ تۇرمۇشىدا غايەت زور ئۆزگىرىشلەرنى مەيدانغا كەلتۈردى؟

بۇ ھەقتە مۇلاھىزە يەنە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى مەمەت توختى ئەپەندى ئۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.