ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى خىتايچە "سوتسىئالىستىك يېڭى يېزا" دا ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ كىرىمى چىقىمىنى قاپلىيالمايدۇ

0:00 / 0:00

خەلقئارادا ئۇچۇر ۋاستىلىرى ھەر يىلى بېيجىڭدا ئېچىلىدىغان ئىككى چوڭ يىغىندا مۇزاكىرە قىلىنىدىغان "سوتسىئالىستىك يېڭى يېزا قۇرۇش" دېگەن تېمىدىكى تەپسىلىي مەلۇماتلارغا ئىنتايىن ئەھمىيەت بېرىپ كەلمەكتە. ب ب س ئاگېنتلىقى بۇ يىلمۇ، ئىككى چوڭ يىغىندا سۆزلەنگەن "يېزا" سىياسەتلىرى ۋە ئۇنىڭغا ئائىت مۇلاھىزىلەرنى تۇنۇشتۇردى. ئۇنىڭدا بايان قىلىنىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يېڭى يېزا قۇرۇش دېگىنى بىر قۇرۇق خىيال بولۇپ قالغان.

ۋېن جاباۋنىڭ "يېزىلاردا ئەڭ تۆۋەن تۇرمۇش سەۋىيىسىگە كاپالەتلىك قىلىشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش" دېگىنى خەلقئارالىق ئۆلچەمدىن كۆپ يىراقتا

ھازىر بېيجىڭدا ئېچىلىۋاتقان ئىككى چوڭ يىغىندا، خىتاينىڭ باش مىنىستىرى ۋېن جاباۋ يەنە "يېزا مەسىلىسى" نى كۆپ قېتىم تىلغان ئالغان. ب ب س نىڭ بايان قىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ "يېزا مەسىلىسى" ياكى "دېھقانلار مەسىلىسى" دېگەن ئاتالغۇسىنى خىتاي جەمئىيىتىدە ھەممە ئادەم "نامراتلىق مەسىلىسى" دەپ چۈشىنىدۇ. بۇنىڭغا ئىزاھات كەتمەيدۇ. ۋېن جاباۋ بۇلتۇر ئىككى چوڭ يىغىندا "يىگىرمە بەش ئۆلكىدىكى 2133 ناھىيىدە ئەڭ تۆۋەن ئۆلچەمدىكى تۇرمۇش سەۋىيىسىگە كاپالەتلىك قىلىش ئەمەلگە ئاشتى" دېگەن ئىدى. بۇ يىلقى ئىككى چوڭ يىغىندا بەرگەن دوكلاتىدا يەنە "بۇ يىل يېزىلاردا ئەڭ تۆۋەن ئۆلچەمدىكى تۇرمۇش سەۋىيىسىگە كاپالەتلىك قىلىش ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدۇ" دەپ تەكرارلىغان. مۇتەخەسسىسلەرنىڭ تەھلىل قىلىشىچە، گەرچە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆلچىمى بويىچە، يېزىلاردا يىللىق كىرىمى 683 يۇەنگە، ھەر كۈنلۈك كىرىمى 2 يۇەنگە يەتمىگەنلەر "نامرات" دەپ ئاتالسىمۇ، ئەمما بۇ خەلقئارالىق ئۆلچەم بۇيىچە ھەر كۈنلۈك كىرىمى بىر ئامېرىكا دوللىرىغا، يەنى 7.74 يۇەنگە يەتمىسە نامرات دەپ قارىلىدىغان ئۆلچەمدىن تېخى كۆپ يېراق. ۋېن جاباۋنىڭ بۇ يىل ئوتتۇرىغا قويغان ئۆلچىمى يەنىلا مۈجمەل.

"سوتسىئالىستىك يېڭى يېزا قۇرۇش" سىياسىتى ئەمەلىيەتتە دېھقانلارنى ۋەيرانچىلىققا ئۇچراتماقتا

ب ب س نىڭ بايان قىلىشىچە، خىتايدا "دېھقانلارنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش" دېگەن كوممۇنىست ئەمەلدارلىرىنىڭ بىرخىل "سىياسىي ئۇيۇنى" بولۇپ قالغان. "دېھقانلارنى نامراتلىقىتىن قۇتقۇزۇش" دېگەن مەبلەغ بارلىكى جايدا كوممۇنىست ئەمەلدالىرى ئالىدىغان "نەپ" بار. ئۇلار مۇشۇنداق شەكلىدىكى "دېھقالارنى نامراتلىقىتىن قۇتۇلدۇرۇش" سىياسىتىنى مەڭگۈ داۋاملاشتۇرۇشنى ئارزۇ قىلىدۇ. خىتاي پەنلەر ئاكادېمىيىسى تەتقىقاتچىلىرىنىڭ ئېيتىشىچە، ئەگەر دېھقانلارنى نامراتلىقىتىن قۇتۇلدۇرۇش" دېگەن نامدا 20 مىليون دېھقانغا بۇيرۇپ بېرىلىدىغان پۇلنى، ھەر بىر دېھقاننىڭ قولىغا 1000 يۇەندىن بەرسە، ئۇلارغا بىۋاستە نەپ تېگەتتى. ھازىرقى ئەمەلىي ئەھۋالغا نەزەر سېلىنىدىغان بولسا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ "يېزا ئىگىلىكىنى زامانىۋىيلاشتۇرۇش" دېگىنى بىر "قۇرۇق خىيال. ھۆكۈمەتنىڭ ھازىرقى "يېزا ئىگىلىكىنى زامانىۋىيلاشتۇرۇش" سىياسىتى ئەمەلىيەتتە يېزىلاردىكى 3 يۈز مىليون ئېشىنچى ئەمگەك كۈچىنىڭ ئىھتىياجىغا ھەرگىز ماس كەلمەيدۇ". بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى ئىقتىسادشۇناس رېڭ لىنفۇنىڭ مۇلاھىزە قىلىشىچە، "سوتسىئالىستىك يېڭى يېزا قۇرۇش" دېگەن "كونا ئۆيلەرنى چېقىپ ئورنىغا يېڭى ئۆي سېلىش" تىنلا ئىبارەت بولۇپ قالغان، ئەمەلىيەتتە بۇ، دېھقانلارنى يەر- ۋە ماكاندىن مەھرۇم قالدۇرۇپ ۋەيرانچىلىققا ئۇچراتماقتا. يېزىلاردا ئامالسىز قالغان دېھقانلار شەھەرلەرگە كىرسە، ئۇلار شەھەرلەردە يەنە ئىش ھەققىنى كېچىكتۈرۈش" كە دۇچ كەلمەكتە.

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى خىتايچە "سوتسىئالىستىك يېڭى يېزا" دا ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ كىرىمى چىقىمىنى قاپلىيالمايدۇ

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ "سوتسىئالىستىك يېڭى يېزا قۇرۇش"، "يېزا ئىگىلىكىنى زامانىۋىيلاشتۇرۇش" دېگەن سىياسەتلىرىنىڭ نەتىجىسى قانداق بولىۋاتقانلىقى ھەققىدە قەشقەر يېزىلىرىدىكى مەلۇم بىر خىتاي كادىرنىڭ بايان قىلىشىچە، ئۇيغۇر يېزىلىرىدا ئاپتونومىيە قانۇنى بار، ھەققىي ئاپتونومىيە ئاللىقاچان ئەمەلگە ئېشىپ بولغان، يېزىلاردا دېھقانلارنىڭ كىرىمى ناھايىتى يۇقۇرى، بارغانسىرى ئۆرلەۋاتىدۇ، ‏- دەيدۇ بۇ خىتاي يېزا ئەمەلدارى، ئەمما ئۇ كونكرېت ساننى ئېيتىپ بېرىشنى رەت قىلدى. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، ‏-‏ يېزىلاردا بىر نەچچە مىڭ يۇەنلىك كىرىم دېگەن ھېچ گەپ ئەمەس. يېزىلارنىڭ ئىقتىسادىي سەۋىيىسى ئەتراپتىكى قازاقستان، ھىندىستان دېگەندەك دۆلەتلەر بىلەن بىر سەۋىيىدىمۇ ئەمەس، ئۇلاردىن كۆپ يۇقۇرى. بۇ جايدىكى كىشىلىك ھۇقۇق توغرىسىدا ھېچقانداق بىر دۆلەتنىڭ ئەيىبلەش ھەققى يوق.

ئەمما قەشقەر يېزىلىرىدىكى ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ بايانى بۇ خىتاي كادىرنىڭ بايانىغا تامامان ئوخشىمايدۇ. مەلۇم بىر ئۇيغۇر ئايال دېھقاننىڭ بايان قىلىشىچە، ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ يىللىق كىرىمى ئۆزىنىڭ يىللىق تېرىقچىلىق ۋە تۇرمۇش چىقىمىنى قاپلىيالمايدۇ، ئۇلار قەرز ئېلىپ تېرىقچىلىق قىلىپ، كېلەر يىلىغا ناھايىتى تەستە ئۇلىشىدۇ. (ۋەلى)