دېھقانلارنىڭ بېجى قىسقارتىلغان بولسىمۇ يۈكى يېنىكلىمىدى

0:00 / 0:00

گەرچە خىتاي ھۆكۈمىتى دېھقانچىلىق بېجىنى قىسقارتتۇق دەپ جاكارلىغان بولسىمۇ، دېھقانلارنىڭ يۈكى يەنىلا يېنىكلىمىگەن. ئەكسىچە باجنىڭ كېمىيىشى بىلەن، دېھقانچىلىقتا ئىشلىتىلىدىغان ئۇرۇق، ئوغۇت قاتارلىقلارنىڭ باھاسى ئىلگىرىكىدىن ھەسسىلەپ ئۆرلەپ، دېھقانلارنىڭ يۈكى تېخىمۇ ئېغىرلاشقان. بۇنى ئاز دەپ، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبى رايونلىرىدا تا ھازىرغىچە داۋاملىشىۋاتقان مەجبۇرى ھاشار ئەمگىكى دېھقانلارنى قاتتىق بىزار قىلغان.