خىتايدا يېزا- كەنتلەردە ئۇرغۇۋاتقان دېموكراتىك ئاڭ


2005.09.29
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp

گۇاڭجۇ شەھىرى فەنيۈ رايونى تەيشى مەھەللىسىدىكى يەرلىك خەلقنىڭ ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىغا ئېيتىپ بېرىشىچە، تەيشى مەھەللىسى بىر كىچىك كەنت. ئۇنىڭ دائىرىسىدە 3000 مو يەر بار. نۇپۇس سانى 2075. پۇقرالار بۇ مەھەللىنىڭ 5 جايىدا يەرلەرنى بىكار قىلىپ قانداقتۇر بىر خىل قۇرۇلۇش ئېلىپ بېرىلىشقا تەييارلىق كۆرۈلۈۋاتقانلىقىنى بايقىغان. پۇقرالار بۇنى بىلىش ئۈچۈن مەھەللە باشلىقلىرىدىن سورىسا پەقەت جاۋاب ئالالمىغان. ئاخىر بۇ مەھەللىدىكى 13 ئىشلەپچىقىرىش ئەترىتى بىردەك ھەرىكەتكە كېلىپ تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغاندا، مەھەللىدە 2000 مو يەرنىڭ ئاللىقاچان سىرتقا ئىجارىگە بېرىۋىتىلگەنلىكىنى، بۇ ئىشتا 17 خىل نۇقسان بارلىقىنى سەزگەن. ئەمما بۇنىڭ تەپسىلاتىنى ئېنىقلاشقا پەقەت مۇمكىن بولمىغان.

يۈز بەرگەن ۋەقەلەر

مەھەللىدىكى ھەممە پۇقرا بىرلىككە كېلىپ، پۇقرالاردىن يوشۇرۇپ شەخسى سودا قىلىۋاتقان مەھەللە باشلىقى، قۇشۇمچە تەيشى مەھەللىسى ئىقتىسادنى تەرەققى قىلدۇرۇش ھەسسىدارلىق شىركىتى دېگەن شىركەتنىڭ باشلىقى چېن ئەپەندىنى ۋەزىپىدىن قالدۇرۇشنى قارار قىلغان.

يەرلىك خەلقنىڭ ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىغا ئېيتىپ بېرىشىچە، 7 - ئاينىڭ 29 - كۈنى مەھەللە پۇقرالىرى ئالدى بىلەن جىم ئولتۇرۇش كۈرىشى ئېلان قىلغان. مەھەللىنىڭ مالىيە ئىشخانىسىنى پىچەتلىگەن. 400 پۇقرا ئىمزا قويۇپ رايونلۇق ھۆكۈمەتكە ئەرز سۇنغان.

مەھەللە پۇقرالىرىنىڭ تىنچ ھالدا ئېلىپ بارغان قارشىلىق ھەرىكىتى داۋاملىشىۋاتقاندا، سىرتتىن بىر نەچچە ئاپتوموبىلدا نامەلۇم ئادەملەر كېلىپ، بۇ مەھەللىنىڭ پۇقرالىرىغا ھۇجۇم قىلغان. مەھەللە پۇقرالىرىدىن بىر ئادەمنى تۇتۇپ كەتكەن. 8 - ئاينىڭ 16 - كۈنى بىر نەچچە يۈز ساقچى كېلىپ، مەھەللە كومىتېتىنىڭ ئالدىغا توپلاشقان پۇقرالارنى تارقىتىۋەتمەكچى بولغان. مەھەللە پۇقرالىرىدىن 7 ئادەمنى "ۋەقەگە يېتەكچىلىك قىلغۇچى" دېگەن نام بىلەن تۇتۇپ كەتكەن. 50 ئادەم تاياق زەربىسىگە ئۇچرىغان. ئېغىر يارىلانغان 2 ئادەم دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىلغان.

دادىل قەدەم

8 - ئاينىڭ 31 - كۈنى 28 نەپەر يازغۇچى، مۇتەخەسسىس، ئادۋوكاتلار بىرلىكتە ئىمزا قويۇپ تەيشى مەھەللىسىدە كوممۇنىست پارتىيىنىڭ سىياسەتلىرىگە تىنچ ھالدا قارشىلىق كۆرسەتكەن پۇقرالارنى قوللاپ بايانات ئېلان قىلغان. باياناتتا پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنىڭ بۇ مەھەللىنىڭ خەلقىغە ئەخلاقىي ياردەم بېرىشىنى مۇراجىئەت قىلغان. خىتاي ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادىمىيىسى قانۇنشۇناسلىق ئىنىستىتۇتىنىڭ تەتقىقاتچىسى فەن يافېڭ ئەپەندى ئوبزور ئېلان قىلىپ، تەيشى مەھەللىسىنى بىۋاستە سايلام ئېلىپ بېرىش جەھەتتە خۇددى 1957 - يىلى ئەنخۇي ئۆلكىسىدە مەملىكەت بويىچە ئەڭ بۇرۇن مەھسۇلاتنى شەخسىيلەرگە كوتىرەگە بېرىش يولغا قويۇلغان شاۋگاڭ مەھەللىسىدەك ئۈلگە ياراتتى. دەپ باھا بەرگەن. ئەمما يۇقىرىدىكىلەر، بۇ مەھەللىدىكى مەسىلىنى ھەل قىلمىغان، بۇ مەھەللىدىكى پۇقرالارنىڭ تىنچ قارشىلىق ھەرىكىتىمۇ توختاپ قالمىغان.

قارا – قويۇق تۇتۇش

كۆزىتىش ژورنىلىدا ئېيتىلىشىچە، 9 - ئاينىڭ 12 - كۈنى بىر مىڭدىن ئارتۇق ساقچى بۇ مەھەللىگە كېلىپ تىنچ ھالدا قارشىلىق كۆرسىتىۋاتقان مەھەللە پۇقرالىرىغا ئوت ئۆچۈرۈش ماشىنىلىرىنىڭ يۇقىرى بېسىملىق پومپىلىرى بىلەن سۇ چاچقان. 50 نەچچە ئادەمنى تۇتۇپ كەتكەن. مەھەللە مالىيە ئىشخانىسىنى قورشىۋالغان ئادەملەرنى چىكىندۈرۈپ، ئىشخانىدىكى بارلىق مالىيە ھېسابات ماتېرىياللىرىنى ئېلىپ كەتكەن. بۇ قېتىم كەلگەن ئادەملەرنىڭ ئىچىدە رەسمىي فورما كىيگەن ساقچىلاردىن باشقا يەنە، كونا ھەربىي فورما كىيگەن كىشىلەر ۋە باشقا غەلىتە كېيىنگەن كىشىلەرمۇ بار.

"ئۇلۇق ئىرا گېزىتى" نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 9 - ئاينىڭ 26 - كۈنى تەيشى مەھەللىسىدە يۈز بەرگەن ۋەقەنى تەكشۈرۈپ ئېنىقلاۋاتقان ئادۋوكاتلار ئۇچتۇمتۇت ھۇجۇمغا ئۇچرىغان. موتوسكىلىت مىنگەن كىشىلەردىن بىرى توساتتىن ئادۋوكات گويەننىڭ بېشىغا، يەنە بىرى پۇتىغا كالتەك بىلەن قاتتىق ئۇرۇپ، ئۇنى يىقىتىپ قويۇپ قېچىپ كەتكەن. ئادۋوكات ئەي شاۋمىڭ موتسىكلىت مىنگەن كىشىلەرنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغاندا، چەپدەسلىك قىلىپ قۇتۇلغان.

ئۆز ئىشىغا ئۆزى خوجا بولۇش ئېڭى

"كۆزىتىش ژورنىلىدا ئېلان قىلىنغان جى ئەيزوڭنىڭ ماقالىسىدە بايان قىلىشىچە، تەيشى مەھەللىسىدە بولۇۋاتقان بىۋاستە سايلام ۋەقەسى - ھۆكۈمەت تەرىپىدىن خەلقنىڭ ھوقۇقى پۈتۈنلەي تارتىۋېلىنغان بۇنداق مەھەللىلەردە، خەلقنىڭ ئۆز ئىشىغا ئۆزى خوجا بولۇشنى ئىزلىگەن دېموكراتىك تۇيغۇسى ھازىر ئەۋج ئېلىشقا باشلىغانلىقىنىڭ بەلگىسى. بۇنداق ئويغىنىش بىر ئۈلگە.

خىتايدا بۇنداق ئويغىنىشنى ئۇجۇقتۇرۇشقا ئۇرۇنىدىغان قاراڭغۇ جەمئىيەتلەرمۇ ئۆزىنى كۆرسىتىۋاتىدۇ. ئۇنىڭغا ھۆكۈمەت ئارقا تېرەك بولۇۋاتىدۇ. ئەمدى بۇنداق مەسىلىلەرنى پەقەت خەلق ئۆزى ھەل قىلىشتىن ئۆزگە يول قالمىغانلىقى ئايان بولماقتا. خىتايدا 2300 ناھىيە بار، باش مىنىستىر ۋېن جياباۋ ئۆزى 1700 ناھىيىگە بارغان دەيدۇ. ھەربىر ناھىيىدە تەيشى مەھەللىسدەك مەھەللىدىن يۈزلەپ بار. مۇشۇنداق مەسىلىسى بار جايلارنىڭ 80% دا خەلق باستۇرۇشقا دۇچ كېلىۋاتىدۇ. ئۇلار دۇچ كەلگەن مەسىلىنى ھېچكىم ھەل قىلمايۋاتىدۇ. خىتايدا باش مىنىستىر ۋېن جياباۋدىن يەنە 1000 ئى بولسىمۇ، ئۇلار بەرىبىر مەسىلە ھەل قىلمايدۇ. "بېيجىڭ باھارى" نىڭ مۇھەررىرى خۇپىڭ ئەپەندىنىڭ مۇلاھىزە قىلىشىچە، تەيشى مەھەللىسىنىڭ بىۋاستە سايلام مەسىلىسى خىتايدىكى نىگىزلىك مەسىلە، خىتايدىكى بۇنداق مەسىلە پۈتۈن دۇنيانىڭ دىققەت قىلىشىغا ئەرزىيدىغان مەسىلە. (ۋەلى)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.