- ئۇيغۇرلار دۇنيا دېموكراتىيە ھەرىكىتى يىغىنى ئېچىلىۋاتقان زالىنىڭ ئالدىدا نامايىش ئۆتكۈزدى
- Download story audio

تۈركىيىنىڭ ئىستانبۇل شەھىرىدە 4-نۆۋەتلىكك دۇنيا دېموكراتىك ھەرىكىتى يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى. يىغىنغا دۇنيادىكى 120 دىن ئارتۇق دۆلەتتىن كەلگەن 500 گە يېقىن كىشى قاتناشتى. ئۇيغۇرلاردىن د ئۇ ق رەئىسى ئەركىن ئالىپتېكىن ۋە ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسى رەئىسى نۇري تۈركەل ئەپەندىلەر قاتناشتى.
تۈركىيىدىكى شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن، يىغىن زالى ئالدىدا 20 گە يېقىن ئۇيغۇر نامايىش ئۆتكۈزدى. نامايىشچىلار قوللىرىغا شەرقىي تۈركىستان ۋە تۈركىيىنىڭ بايراقلىرىنى كۆتۈرۈشۈپ، "شەرقىي تۈركىستيان خىتايلارنىڭ ئىشغالى ئاستىدا"، " خىتايلار شەرقىي تۈركىستاندىن يوقالسۇن"، "رابىيە قادىرغا تۈركىيە نېمە ئۈچۈن ۋىزا بەرمەيدۇ؟" دېگەنگە ئوخشاش شوئارلار يېزىلغان لوزۇنكىلارنى ئېلىپ نامايىش قىلىشتى.
بۇ مۇناسىۋەت بىلەن، ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم يىغىنغا قاتنىشىۋاتقان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى ئەركىن ئالىپتېكىن ۋە ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى نۇري تۈركەل ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردى.
3 كۈن داۋاملىشىدىغان بۇ يىغىن ھەققىدە، تۈركىيىدىكى ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىمدىن ئاڭلاڭ.