روبېرت زويلىك خىتاينى دېموكراتىيىلىشىشكە ئۈندىدى


2005.09.26
zoellick_1401.jpg
ئامېرىكىنىڭ مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى روبېرت زويلىك . StateDepartment resimi

روبېرت زويلىك ئۆتكەن چارشەنبە كۈنى نيۇ يوركتا دۆلەتلىك ئامېرىكا- خىتاي مۇناسىۋەتلىرى كومىتېتىدا سۆزلىگەن نۇتۇقىدا، خىتاينىڭ مەدەنىيەت ئىنقىلابىدىن كېيىن، خەلقئارا جەمئىيەتكە قايتىدىن يۈزلىنىپ، ئىقتىسادىنىڭ تېز تەرەققىي قىلغانلىقىنى شۇنداقلا دۇنيا ئىشلىرىنىڭ سۆھبەت سەھنىسىدىكى مۇھىم بىر ئەزاغا ئايلانغانلىقىنى ئەسلەپ ئۆتتى.

خىتاي ئۆزىنىڭ كۈنسېرى ئېشىۋاتقان تەسىر كۈچىنى قانداق ئىشلىتىدۇ؟

روبېرت زويلىك مۇنداق دېدى:

بىزنىڭ ھازىرقى سىياسىتىمىز خىتاينى خەلقئارا سىستېمىغا قوشۇشلا ئەمەس، بەلكى ئۇنى خەلقئارا سىستېمىدىكى مەسئۇلىيەتچان بىر ئەزاغا ئايلاندۇرۇش. بۇ ئىقتىسادىي ۋە دىپلوماتىيە ساھەسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، ئامېرىكا ۋە خىتاينىڭ قاراشلىرىدا يەنىلا ئىنتايىن چوڭ پەرق بار. خىتاي رەھبەرلىرى خىتاينىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىدىن پەخىرلەنگەن بىر ۋاقىتتا، دۆلەت ئىچىدە زور سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي مەسىلىلەرگە دۈچ كەلمەكتە.

خىتاي نوپۇسىنىڭ ئۈچتىن ئىككى قىسمى يەنى 900 مىليون ئاھالىسى يەنىلا نامرات رايۇنلاردا ياشىماقتا. 200 مىليون ئاھالىسى كۈنلۈك تۇرمۇش خىراجىتى بىر دوللارغا يەتمەيدىغان نامرات سەۋىيىدە تۇرمۇش كەچۈرمەكتە. خىتاي ھازىر ئىچكى مەسىلىلىرىنى بىر تەرەپ قىلىشقا پايدىلىق خەلقئارالىق مۇھىتقا ئىنتايىن مۇھتاج. شۇڭا ئۇ ئامېرىكا بىلەن توقۇنۇشنى خالىمايدۇ.

ئاغزىدىن ئوت چاچرىتىپ تۇرىدىغان ئەجدىرىھا

پرېزىدېنت جورج بۇش ئېيتقاندەك، ئەركىنلىك كىشىلەرنىڭ قىل سىغمايدىغان ھوقۇقى. ئامېرىكىنىڭ خىتاينى ئەركىنلىككە چاقىرىشى ھەرگىزمۇ خىتاينى ئاجىزلاشتۇرۇش ئەمەس. 11 - سېنتەبىر ۋەقەسىدىن كېيىن، كىشىلەر شۇنى ھېس قىلدىكى، ئەركىنلىك يوق، ساغلام بولمىغان بىر جەمئىيەتتە راك ئاسانلا تارقىلىدۇ.

روبېرت زويلىكنىڭ بىلدۈرۈشىچە، شۇنداق بولۇشىغا قارىماي، نۇرغۇن ئامېرىكىلىقلار خىتاينىڭ "ئاغزىدىن ئوت چاچرىتىدىغان ئەجدىرھا" غا ئايلىنىشىدىن قاتتىق ئەندىشە قىلىدۇ.

90 - يىللارنىڭ باشلىرى، نۇرغۇن ئامېرىكىلىقلار خىتاينى ھەر خىل پۇرسەتلەرگە تولغان گۆھەر جاي دەپ قارىغان ئىدى. ھازىر كىچىك شىركەتلەر خىتايدىن كېلىدىغان رىقابەت، ھەددىدىن ئاشقان ساختا مال ئىشلەپچىقىرىش ۋە ئەقلىي مۈلۈكلەرنىڭ پاتېنت ھوقۇقىنى ئوغرىلاش پائالىيەتلىرىدىن ئەنسىرەيدۇ. چوڭ شىركەتلەر بولسا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بازارنى كونترول قىلىشىدىن، ئەركىن رىقابەتنىڭ يوقلىقىدىن ئەندىشە قىلىدۇ.

روبېرت زويلىك سۆزىدە يەنە "خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزىنىڭ بىر قىسىم ئىش- پائالىيەتلىرىنىڭ باشقىلار تەرىپىدىن قانداق قارىلىدىغانلىقىنى تونۇپ يېتىشى كېرەك" دەپ كۆرسەتتى.

ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، بولۇپمۇ خىتاينىڭ دۇنيادىكى قالايمىقانچىلىق پەيدا قىلىۋاتقان بىر قىسىم دۆلەتلەر بىلەن بولغان باردى - كەلدىسى، شۇنداقلا ئىش - ھەرىكەتلىرىنىڭ ئوچۇق- يورۇق بولماسلىقى ئىنتايىن خەتەرلىك بولۇپ، ئامېرىكا خىتاينىڭ ئۆز كۈچىنى قانداق ئىشلىتىدىغانلىقىنى پەملىيەلمىگەچكە، خىتايغا قوش قوللۇق تەييارلىق كۆرۈشكە مەجبۇر بولىۋاتىدۇ. نۇرغۇن دۆلەتلەر خىتاينىڭ " تىنچلىق بىلەن كۆتىرىلىشى" نى خالىسىمۇ، ئەمما ھىچكىم ئۆزىنىڭ كەلگۈسىنى ئۇنىڭغا دو تىكمەيدۇ.

خىتاي ئوچۇق- يورۇق بولۇش كېرەك

ئامېرىكىنىڭ مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى روبېرت زويلىك، ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى يېقىندا ئېلان قىلغان خىتاينىڭ ھەربىي كۈچى ھەققىدىكى دوكلات گەرچە ھەقىقەتنى ئاساس قىلغان بولسىمۇ، ئەمما خىتاينىڭ ئىنكار قىلىشىغا ئۇچراۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى. ئۇ ئەگەر خىتاي ھۆكۈمىتى جىددىيچىلىكنى پەسەيتىمەن دەيدىكەن، چوقۇم ھەربىي خىراجەتنى جىددىي ئۆستۈرىشىنى ھەمدە ھەربىي مانېۋىرلىرىنىڭ مەقسىتى قاتارلىقلارنى ئوچۇق چۈشەندۈرىشى كېرەكلىكىنى كۆرسەتتى.

ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، خىتاي ئېچىۋېتىلگەن، تەرتىپكە چۈشۈرۈلگەن خەلقئارا ئىقتىسادىي سىستېمىسىدىن زور پايدا ئالدى. ئامېرىكا بازىرىمۇ خىتاي ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم. ئەمما ھېچقانداق دۆلەت 162 مىليارد دوللارلىق سودا تەتۈر تاناسىپىغا تەخىر قىلىپ تۇرالمايدۇ. شۇڭا ئۇ خىتاينى، ئامېرىكا بازىرىغا كىرىشنى شۇنداق بولۇشقا تىگىشلىك ئىشتەك ھىسابلىماسلىققا چاقىردى. ئۇ يەنە، خىتاي ھۆكۈمىتىدىن ئەقلىي مۈلۈك ھوقۇقىنى ئوغرىلاش ۋە ساختا مال ئىشلەپچىقىرىشلىرىنى قاتتىق چەكلەشنى تەلەپ قىلدى.

خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ ھاكىمىيىتى دۆلەت ئىچىدىكى ھەر خىل رىقابەتلەرنى بىر تەرەپ قىلىشقا بارغانسىرى ئامالسىز قالماقتا…… خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ بەزى رەھبەرلىرى ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە مىللەتچىلىكنى كۈچەيتىش ئارقىلىق ھاكىمىيىتىنى ساقلاپ قېلىشنى ئويلاۋاتىدۇ. بىراق بۇ خەتەرلىك ۋە خاتادۇر.

ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: "خىتاينىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى ئېنېرگىيىگە جىددىي مۇھتاج. شۇڭا خىتاي دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى نېفىت تەمىناتىنى قۇلۇپلىۋالغۇسى باردەك ھەرىكەت ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ. ئەمما بۇ، نېفىت تەمىناتىغا كاپالەتلىك قىلىدىغان ئەقلىي بىر يول ئەمەس. خىتاي ھەتتا نېفىت ئۈچۈن بىر قىسىم ھاكىمىيەتلەر بىلەن ھەمكارلىق ئورنىتىپ، ئۆزىنىڭ ئابرويىغا تەسىر يەتكۈزدى، شۇنداقلا، باشقىلارنىڭ خىتايغا بولغان گۇمانىنى كۈچەيتتى.

روبېرت زويلىك، خىتاينى بۇ ئىستراتېگىيىسىدىن ۋاز كېچىپ، ئامېرىكا بىلەن بىرلىكتە يېڭى تىپتىكى ئېنېرگىيىنى ئېچىشقا ھەمدە مەھسۇلاتلارنىڭ سۈپىتىنى يۇقىرى كۆتىرىپ، ئېنېرگىيىنىڭ ئىشلىتىلىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈشكە چاقىردى.

خەلقئارا سىستېما، ھەر بىر دۆلەتنىڭ تىنچ تەرەققىياتىغا كاپالەت قىلىدۇ. شۇڭا ھەر بىر مەسئۇلىيەتچان دۆلەت، چوقۇم بۇ سىستېمىنىڭ توغرا ئىشلىشىگە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك دەپ تەكىتلىگەن، ئامېرىكىنىڭ مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنسىتىرى روبېرت زويلىك، خىتاينىڭ، دىپلوماتىيىدە مەسئۇلىيەتچان بولۇپ، شىمالىي كورىيىنى يادروسىزلاندۇرۇش يولىدىكى ئالتە تەرەپ سۆھبىتىنىڭ نەتىجىسىنىڭ ئەمەلگە ئېشىشىغا كاپالەتلىك قىلىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى ئىپادىلىدى.

ئۇ يەنە، خىتاينى ئىراننىڭ يادرو پىلانىغا قارىتا تەدبىر قوللىنىپ، ئۆزىنىڭ يادرو قوراللارنىڭ تارقىلىشىنى چەكلەش ئىرادىسىنى كۆرسىتىشىكە دەۋەت قىلىش بىلەن بىللە، خىتاينىڭ سەزگۈر تېخنىكىلارنىڭ ئېكىسپورتىنى چەكلەش بەلگىلىمىسىنى قارشى ئالدى. ئەمما ئۇ، بۇنىڭغا خىلاپلىق قىلغۇچىلارغا قاتتىق جازا بېرىلىشىنى كۆرۈشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

بىر پارتىيە دىكتاتورلىقى ئۇزۇنغا بارمايدۇ

روبېرت زويلىك پرېزىدېنت جورج بۇشنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ مۇنداق دېدى: "پرېزىدېنت جورج بۇش ئېيتقاندەك، ئەركىنلىك كىشىلەرنىڭ قىل سىغمايدىغان ھوقۇقى. ئامېرىكىنىڭ خىتاينى ئەركىنلىككە چاقىرىشى ھەرگىزمۇ خىتاينى ئاجىزلاشتۇرۇش ئەمەس. 11 - سېنتەبىر ۋەقەسىدىن كېيىن، كىشىلەر شۇنى ھېس قىلدىكى، ئەركىنلىك يوق، ساغلام بولمىغان بىر جەمئىيەتتە راك ئاسانلا تارقىلىدۇ. خىتاي پۇقرالىرى تۇغۇلۇشى بىلەنلا دېموكراتىيە بىلەن چىقىشالمايدۇ ئەمەس. تەيۋەن، ياپونىيە ۋە جەنۇبىي كورىيىمۇ خىتايغا ئوخشاش مەدەنىيەتكە ئىگە. بىراق ئۇلار ئۆز مەدەنىيىتى بىلەن ھازىرقى زامان دېموكراتىيىسىنى ئىنتايىن ياخشى بىرلەشتۈردى.

ئۇ يەنە، خىتايدىكى بىر پارتىيە دىكتاتۇرلىقى ئۇزۇنغا بارمايدۇ. ئىقتىسادنىڭ تەرەققىي قىلىشى بىلەن خىتاي پۇقرالىرى ئۆزىگە تېخىمۇ كۆپ ھوقۇق تەلەپ قىلىدۇ، دېدى.

ئۇ سۆزىدە مۇنداق دېدى: خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ ھاكىمىيىتى دۆلەت ئىچىدىكى ھەر خىل رىقابەتلەرنى بىر تەرەپ قىلىشقا بارغانسىرى ئامالسىز قالماقتا. خىتايدا پەقەتلا بىر ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى بار، ئەمما ئىشچىلار نامايىشلىرى كۆپلەپ يۈز بېرىۋاتىدۇ، دېھقانلار ھەرىكىتى ئارقىلىق ھاكىمىيەتنى قولغا كەلتۈرگەن خىتاي كومپارتىيىسى نۆۋەتتە دېھقانلارنىڭ زوراۋانلىق نامايىشلىرىغا دۈچ كېلىۋاتىدۇ، شۇنچە كۆپ ساقچىسى بار ھۆكۈمەت، جىنايى قىلمىشلارنىڭ يامرىشىنى كونترول قىلالمايۋاتىدۇ، خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ بەزى رەھبەرلىرى ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە مىللەتچىلىكنى كۈچەيتىش ئارقىلىق ھاكىمىيىتىنى ساقلاپ قېلىشنى ئويلاۋاتىدۇ. بىراق بۇ خەتەرلىك ۋە خاتادۇر.

روبېرت زويلىك يەنە مۇنداق دېدى: ھۆكۈمەتنىڭ پۇقرالارغا ھەقىقەتەن مەسئول بولۇشىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن، خىتاي تىنچ سىياسىي ئىسلاھات ئېلىپ بېرىشى كېرەك: ئەدىلىيە سېستىمىسىنى ئۆزگەرتىپ، خەلق تەشكىلاتلىرىنى ھۆكۈمەت باشقۇرۇشىغا قاتناشتۇرۇش كېرەك، مەسىلىلەرنى ئوتتۇرىغا چىقارغان ژورنالىستلارغا زىيانكەشلىك قىلىشنى توختىتىشى كېرەك، خىتاي شۇنداقلا يەنە، دىنىي ئەركىنلىكنى كۈچەيتىپ، قەغەز يۈزىدە ۋەدە قىلغان كىشىلىك ھوقۇقلارنى ئەمەلىلەشتۈرىشى كېرەك.

ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، ھازىر خىتاينىڭ " تىنچ باش كۆتىرىش" نەزىرىيىسى تالاش - تارتىش قىلىنماقتا. دۇنيا جەمئىيىتى خىتاينىڭ قىلغان - ئەتكەنلىرىنى كۆرۈپ تۇرماقتا.

ئامېرىكا مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنسىتىرى روبېرت زويلىك سۆزىنىڭ ئاخىرىدا مۇنداق دېدى: ئامېرىكىنىڭ خىتاي بىلەن نۇرغۇن ئورتاق مەنپەئەتلىرى بار. ئەمما ئورتاق مەنپەئەت ئۈستىگىلا قۇرۇلغان مۇناسىۋەتنىڭ يىلتىزى تېيىز بولىدۇ. پەقەت ئورتاق مەنپەئەت ۋە ئورتاق قىممەت قارىشى ئاساسىغا قۇرۇلغان مۇناسىۋەت چوڭقۇر ۋە ئۇزۇنغا داۋام قىلىدۇ. گەرچە بىز ئەتىكى دېموكراتىك خىتاينى قۇرۇش ئۈچۈن تىرىشىۋاتقان بولساقمۇ، بۇنىڭ ئۈچۈن بۈگۈنكى باش كۆتىرىۋاتقان خىتاي بىلەن ھەمكارلىشىمىز. (ئارزۇ)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.