خىتايدا دېموكراتىيىنىڭ قاچان ئىشقا ئاشىدىغانلىقىنى ۋېن جياباۋ ئەمەس خەلق بەلگىلەيدۇ


2007.02.27
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp

بۈگۈن خەلقئارادا مەتبۇئاتلاردا ئېلان قىلىنغان خىتاي ھەققىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئىچىدە، خىتايدا ھەر يىلى بىر قېتىم ئېچىلىدىغان ئىككى چوڭ يىغىن يەنە باشلىنىش ئالدىدا تۇرۇۋاتقانلىقى ھەققىدىكى خەۋەر، مۇلاھىزىلەر بىر قەدەر مۇھىم سالماقنى ئىگىلەيدۇ. شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ بايان قىلىشىچە، ھازىر خەلق ۋەكىللىرى، سىياسىي كېڭەش ۋەكىللىرى بېيجىڭغا كېلىشكە تەييارلىنىۋاتىدۇ. ئۇلارنىڭ ئىچىدە، يېزا مەكتەپلىرىدە ئوقۇغۇچىلارنىڭ سېلىقىنى پۈتۈنلەي يوق قىلىش ھەققىدە تەكلىپ تەييارلاۋاتقان ۋەكىل سانى 20 دىن ئاشقانلىقى مەلۇم. خىيانەتچىلىككە قارشى تۇرۇش، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشقا دائىر چوڭ تەكىلىپ تەييارلاۋاتقانلارنىڭ سانىمۇ خېلى كۆپ ئىكەن.

ب ب س نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتايدا ئىككى چوڭ يىغىن باشلىنىش ھارپىسىدا، 26 ‏- فېۋرال كۈنى خىتاينىڭ باش مىنىسىتىرى ۋېن جياباۋ ئۆز نامىدا بىر ماقالە ئېلان قىلغان. ۋېن جياباۋ ماقالىسىدە، خىتايدا بازار ئىگىلىكى تۈزۈمى ، دېموكراتىيە تۈزۈمى ۋە جەمئىيەت ئەدلى-ئادالەت تۈزۈمى تېخى مۇكەممەل ئەمەسلىكىنى، خىيانەتچىلىك، پارىخورلۇقنىڭ يەنە مەۋجۇتلىقىنى ئېتىراپ قىلغان. ۋېن جياباۋ بۇنىڭ سەۋەبىنى چۈشەندۈرگەندە 'بىز تېخىچە سوتسىالىزىمنىڭ ئەڭ تۈۋەن باسقۇچىدا تۇرۇۋاتىمىز' دېگەن. ۋېن جياباۋ بۇنى ھەل قىلىش ئۈچۈن 'بىز تىنچ تەرەققى قىلىش بايرىقىنى داۋاملىق ئىگىز كۆتۈرىمىز. پارتىيىمىزنىڭ سوتسىالىزىمنىڭ تۆۋەن باسقۇچى نەزەرىيىسىنى تەۋرەنمەنمەستىن يەنە 100 يىل داۋاملاشتۇرىمىز' دېگەن.

ۋېن جياباۋ بۇ يىلقى ئىككى چوڭ يىغىن ئۈچۈن ئالدىن رامكا بەلگىلىگەن

ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ يېتەكچىسى رابىيە قادىر خانىم دەل بېيجىڭدا ھەر يىلى بىر قېتىم ئېچىلىدىغان ئىككى چوڭ يىغىن يەنە باشلىنىش ئالدىدا تۇرۇۋاتقاندا، ۋېن جياباۋ يىغىنغا رامكا بەلگىلەۋاتىدۇ، يىغىندا خەلقنىڭ دەردىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان ۋەكىللەر ئوتتۇرىغا قويىدىغان تەكلىپلەرنى رەت قىلىۋاتىدۇ، دەپ مۇلاھىزە قىلىدى.

ئىككى چوڭ يىغىندا ئالدى بىلەن خىيانەتچىلىك، كىشىلىك ھوقۇق ، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش مەسىلىلىرى مۇزاكىرە قىلىنىپ ھەل قىلىنىشى كېرەك

رابىيە خانىم ۋېن جياباۋنىڭ خىتاي يەنە سوتسىالىزمنىڭ تۆۋەن باسقۇچىدا100 يىلى تۇرىدىغانلىقى توغرىسىدىكى نەزىرىيىسىگە رەددىيە بەردى ۋە ئۇنى رەت قىلدى ۋە خىتايدا دېموكراتىيىنىڭ قاچان ئىشقا ئاشىدىغانلىقىنى ۋېن جياباۋ ئەمەس خەلق بەلگىلەيدۇ، دەپ كۆرسەتتى، شۇنداقلا بۇ ئىككى چوڭ يىغىندا ئالدى بىلەن خىيانەتچىلىك مەسىلىلىرى، كىشىلىك ھوقۇق جەھەتتىكى مەسىلىلەر ، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش مەسىلىسى مۇزاكىرە قىلىنىپ ھەل قىلىنىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى. (ۋەلى)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.