خىتاي مەڭگۇ دېموكراتىيىنىڭ سىرتىدا تۇرىۋەرمەيدۇ


2005.06.03

5 - ئاينىڭ 27 - كۈنى، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى كاندولىسا رايس خانىم كالىفورنىيە شىتاتىنىڭ سانفرانسېسكو شەھىرىدىكى ئاممىۋى كۆز قاراش كۇلۇبىدا ئىراق ئۇرۇشى ۋە يەر شارى خاراكتېرلىق مەسىلىلەر ھەققىدە نۇتۇق ئېلان قىلغان. رايس خانىمنىڭ نۇتقىنى كۆپ سانلىق ئۇچۇر ۋاستىلىرى خەۋەر قىلىپ ئاڭلاتتى. ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇچۇر ۋاستىلىرى بۇنى ئاڭلاتمىدى.

"كۆزىتىش" ژورنىلىدا بايان قىلىنىشىچە، رايس خانىم ئىراق ئۇرۇشى مەسىلىسىدە توختىلىپلا قالماي، يەر شارى خاراكتېرلىق مەسىلىلەردە توختىلىپ " خىتاي مەڭگۇ دېموكراتىيىنىڭ سىرتىدا تۇرىۋەرمەيدۇ" دېگەندە كۇلۇبتا گۈلدىراس ئالقىش ئەۋجىگە چىققان.

رىگانىزم ۋە سوۋېت ئىتتىپاقى

"كۆزىتىش" ژورنىلىدا بايان قىلىنىشىچە، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى كوندالىزا رايس خانىم كالىفورنىيە شىتاتىدىكى ئاممىۋى كۆز قاراش كۇلۇبىدا ئىراق ئۇرۇشى ۋە يەر شارى خارەكتىرلىق مەسىلىلەر ھەققىدىكى نۇتقىنى "سانفرانسېسكو دېگەن بۇ شەھەر خەلقئارالىق سىياسەت تارىخىدا مۇھىم ئورۇن تۇتىدىغان شەھەر" دەپ باشلىغان.

بۇنىڭدىن 60 يىل بۇرۇن، دەيدۇ رايس خانىم، - بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئاساسىي قانۇنى مۇشۇ شەھەردە تۈزۈلۈپ، ئىنسانىيەت تارىخىدىكى يېڭى بىر ئىرا مۇشۇ شەھەردىن باشلانغان ئىدى. بۇنىڭدىن 20 يىل بۇرۇن، يەنە مۇشۇ شەھەردە، ئامېرىكىنىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جورجى شۇلز ئەپەندى سوۋېت ئىتتىپاقىنى پارچىلايدىغان بىر ئىستراتېگىيىنى دەل مۇشۇ كۇلۇبتا ئوتتۇرىغا قويدى. بۇنى كىشىلەر "رىگانىزم" دەپ ئاتىدى. مۇشۇ كۇلۇپتىن باشلانغان شۇ بىرقاتار ئىشلار بىر كونا دەۋرنى ئاياقلاشتۇردى.

رىگانىزم ئاددى، ئەمما ئۈنۈملۈك مەسلەك ئىدى، - دەيدۇ رايس خانىم، - شۇلز ئەپەندى ئەينى ۋاقىتتا "دېموكراتىيە پۈتۈن يەرشارىنى قاپلايدۇ، ئامېرىكا پۈتۈن كۈچى بىلەن دۇنيادىكى ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ دېموكراتىك قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ" دېگەن ئىدى. شۇنىڭدىن 4 يىل ئۆتكەندە "بېرلىن تېمى" ئۆرىۋېتىلدى. سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ يىمىرىلىشى بىلەن دۇنيادا سىياسىي جەھەتتىكى بۆلۈنمىلىك ھالەت تۈپتىن ئۆزگەردى. بۇ ئۆزگىرىش، بىر تەرەپتىن ئېيتقاندا، شەرقىي ياۋرۇپانىڭمۇ، رۇسىيىنىڭمۇ ئازات بولغانلىقى بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن ئېيتقاندا، خەلقئارا مۇناسىۋەتلەردىكى بوران - چاپقۇنغا بەرداشلىق بېرەلمەيدىغان "مۇقىملىق" شۇنىڭ بىلەن ئاياغلاشتى.

ھازىر دۇنياغا خېيىمخەتەر خەلقئارالىق تالاش-تارتىشتىن ئەمەس، دۆلەتلەرنىڭ ئىچكى زىددىيەتلىرىدىن كەلمەكتە

شۇنىڭدىن كېيىن بالقان رايونىدا مىللىي قىرغىنچىلىق يۈز بەردى، - دەيدۇ رايس خانىم سوۋېت ئىتتىپاقى يىمىرىلگەندىن كېيىن يۈز بەرگەن ۋاقەلەرنى ئەسلەپ، - ئافرىقىدىمۇ ئۈز - ئارا قىرغىنچىلىق قىلىدىغان قالايمىقانچىلىق ۋە ئۇرۇشلار پارتلىدى. ئۇنىڭدىن كېيىنلا، دىنىي ئەسەبىيلەر ئافغانىستاندا ھاكىمىيەتكە ئىگە بولىۋالدى. قانلىق قىرغىنچىلىق باشلاندى. ئۇنىڭدىن كېيىنلا، سېنتەبىرنىڭ بېشىدىكى شۇنداق بىر ئىللىق كۈندە بىر قەبىھ ھۇجۇم يۈز بېرىپ، دۇنيا تېررورىزم تۇمانلىرى ئىچىدە قالدى. رايون خاراكتېرلىق دېموكراتىيە بىلەن پۈتۈن دۇنيانىڭ ئورتاق بىخەتەرلىكنىڭ مۇناسىۋىتى زىچ ئىكەنلىكىگە، ئامېرىكا شۇ كۈنى قەتئى ئىشەندى. ھازىر بىز دۇنيا تىنچلىقىغا كېلىۋاتقان خېيىمخەتەر خەلقئارالىق تالاش-تارتىشتىن ئەمەس، بەلكى دۆلەتلەرنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى زىددىيەتلەردىن كېلىۋاتقانلىقىنى ئۇچۇق كۆرۈۋاتىمىز.

رەڭلىك ئىنقىلاپلار دۇنيانى قايتىدىن يېڭىلىماقتا

ئامېرىكا تارىختا كۆرۈلۈپ باقمىغان رىقابەتكە دۇچ كەلگەندە، - دەيدۇ رايس خانىم، -پرېزىدېنت بۇش "دۇنيانىڭ تىنچلىقى دۇنيادا ئەركىنلىكنىڭ قانچىلىك يولغا قويۇلىشىغا باغلىق" دەپ تەكىتلىدى. ھۆكۈمەت بۇ جەھەتتە بىر قاتار ئۈنۈملۈك تەدبىر قوللاندى ۋە بىز ئۈچۈن فرانكلىن، روزۋېلت، رىگان دەۋرلىرىدىكى ئۇلۇقۋار غايىنىڭ مەشئېلىنى يورۇتتى.

بىز ھازىر ئىشلەۋاتقان خىزمەتلەر ، - دەيدۇ رايس خانىم، - گۈزەل رەڭلىك غايىگە ۋە رىئالزىم روھىغا توشقان خىزمەتلەر. دۇنيادا ئەركىنلىككە يول ئېچىشتىن ئامېرىكا ھەرگىز باش تارتمايدۇ. ھازىر رەڭلىك ئىنقىلاپلار دۇنيانى يېڭىلىققا، مۇۋەپپىقىيەتكە ئېلىپ ماڭماقتا. رەڭلىك ئىنقىلاپ گروزىيەدە بولدى. ئۇكرائىنىيىدە بولدى. ئىراقتا، قىرغىزىستاندا بولدى، لىۋاندىمۇ بولىۋاتىدۇ. پەلەستىنمۇ دېموكراتىك دۆلەت قۇرۇش يولىدا ئىلگىرىلەۋاتىدۇ. دېموكراتىيە دېگەن ھەربىر كىشى ئۆزىنىڭ ئوي- پىكىر ۋە ئىرادىسىنى ئىپادىلىيەلەيدىغان تۈزۈم.

خىتاي مەڭگۇ دېموكراتىيىنىڭ سىرتىدا تۇرىۋەرمەيدۇ!

ئاسىيانىڭ كەلگۈسىنى بەلگىلەيدىغان نەرسە پەقەت بىر ئاتالغۇ - دەيدۇ ئاسىيا ھەققىدە توختالغاندا رايس خانىم، - ئۇ بولسىمۇ ئېچىۋېتىش، دېگەن ئاتالغۇ. بۇ ئاتالغۇ بۇرۇن ياۋروپاغا قالايمىقانچىلىق كەلتۈرگەن ھېرمان پادىشاھى، چار پادىشاھى، ئوسمانلى ۋە باشقا فىئودال ئىمپىرىيىلەرنى غۇلىتىپ تاشلىغان. ئاسىيادا ھازىر دېموكراتىيە ئومۇملىشىۋاتىدۇ، ئەمما خىتاي بۇنىڭ سىرتىدا كېتىۋاتىدۇ. بىز ئىشىنىمىزكى، - دەيدۇ رايس خانىم، - خىتاي مەڭگۇ دېموكراتىيىنىڭ سىرتىدا تۇرىۋەرمەيدۇ! دېموكراتىيە ھەربىر كىشىنىڭ ئۆز ئەركىلىكىنى ئىپادىلەش ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىدىغان تۈزۈم. ئۇ، مەلۇم بىر شەخش ئىرادىسىنى باشقا ھەممە كىشىگە مەجبۇرىي تاڭىدىغان مۇستەبىتلىككە ھەرگىز ئوخشىمايدۇ، ئۇنىڭ بىلەن ھەم بىللە تۇرمايدۇ. (ۋەلى)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.