ئامېرىكا قاتارلىق تۆت دۆلەت بىرلىكىنىڭ ھەربىي مانېۋىرى بېنگال قولتۇقىدا باشلاندى


2007.09.04

DengizArmiyisi-200.jpg
ئامېرىكانىڭ گۇئامدىكى مانېۋىرى. 2007 - يىلى 14 -ئاۋغۇست. AFP PHOTO/HO/US NAVY

ھىندىستان، ئامېرىكا، قاتارلىق دۆلەتلەر بۈگۈن 2007 ‏- يىلى 9 ‏- ئاينىڭ 4 ‏- كۈنى، ھىندى ئوكياننىڭ بېنگال قولتۇقىدا زور كۆلەملىك ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزۈشكە باشلىدى. 'فرانسىيە ئاگېنېتلىقى'نىڭ ھىندىستاندىن خەۋەر قىلىشىچە، بۇ مانېۋىرغا ھىندىستان، ئامېرىكا، ياپونىيە ، ئاۋسترالىيە، سىنگاپور قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ 27 ئۇرۇشچى پاراخوتى، 160 ئۇرۇشچى ئايرۇپىلانى قاتناشتى. ئامېرىكىنىڭ 'نېمىتس' بەلگىلىك ئاۋىئاماتكا ئۇرۇشچى پاراخوتلار توپى ، 'كىچىك لاچىن' بەلگىلىك ئاۋىئاماتكا ئۇرۇشچى پاراخوتلار توپى ۋە 'چىكاگو' بەلگىلىك سۇ ئاستى يادرو پاراخوتى قاتناشقانلىقى، بۇ مانېۋىرنىڭ كۈچ كۆرسىتىش دەرىجىسىنى نامايەن قىلماقتا.

بۇ مانېۋىردا ئامېرىكا، ھىندىستان قاتارلىق دۆلەتلەر جەڭدە ئوز -ئارا ھەمكارلىشىشنى مەشىق قىلماقتا

ب ب س نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ھىندى ئوكياننىڭ بېنگال قولتۇقىدا ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان بۇ قېتىمقى ھەربىي مانېۋىر ‏-‏ ھىندى ئوكيان رايونىدا تىنچ يىللاردا ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان ئەڭ چوڭ مانېۋىر بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

بۇنىڭدىن بۇرۇن ئامېرىكا بىلەن ھىندىستان بىرلىكتە ئۆتكۈزگەن ھەربىي مانېۋىرلارغا سېلىشتۇرغاندا، بۇ قېتىمقى مانېۋىر ئاساسەن ئامېرىكا، ھىندىستان قاتارلىق ئىتتىپاقداش دۆلەتلەرنىڭ جەڭدە ئوز -ئارا ھەمكارلىشىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشنى مەقسەت قىلغان. شۇنداقلا بۇ مانېۋىردا يەنە، زامانىمىزدىكى دېڭىز قاراقچىلىقىغا، دېڭىز تېررورچىلىقىغا ۋە دېڭىزدا مۇھاسىرە قىلىنىشقا قارشى ئەمەلىي مەشىق ئېلىپ بېرىلىۋاتىدۇ.

ھىندىستاننىڭ ئاسىيا ناتوسى تەشكىللەش پىلانى ئەمەلگە ئاشماقتا

كانادادا چىقىدىغان 'خىتاي-ياپونىيە مۇداپىئە مۇلاھىزىلىرى' گېزىتىدە بايان قىلىنىشىچە، ئامېرىكا بىلەن ھىندىستان ھەر ئىككىلىسى خىتاينىڭ ھەربىي خامچوتىنىڭ ئوچۇق-يورۇق بولمىغانلىقىنى قوبۇل قىلمايۋاتقان دۆلەت.

بۇ ئىككى دۆلەت ھازىر ھىندى ئوكياندا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان بۇ مانېۋىر ئارقىلىق، ئەگەر بۇنىڭدىن كېيىن خىتاي دېڭىز ئارمىيىسى ھىندى ئوكيانغا كىرسە رىقابەتكە دۇچ كېلىدىغانلىقى ھەققىدە بىر ئوچۇق سېگنال بېرىۋاتىدۇ. مەزكۈر گېزىتتە مۇلاھىزە قىلىنىشىچە يەنە ، ناھايىتى ئېنىقكى، ھىندى ئوكياننىڭ بېنگال قولتۇقىدا ئېلىپ بېرىلغان بۇ قېتىمقى مانېۋىردا، ھىندىستاننىڭ ئىتتىپاقچىسى بولغان رۇسىيىگە قارىتىلغان ئالامەت يوق.

ئەمما ھىندىىستان ئۆزى ئامېرىكىنىڭ ئىتتىپاقدىشى بولغان ئاۋسترالىيە بىلەن خىتاينىڭ كونا رەقىبى بولغان ياپونىيىنى ھىندى ئوكيانغا باشلاپ كەلدى. ئۆتكەن يىلى ياپونىيە دېڭىز قىسىملىرىنىڭ ھەربىي مەشىقى پەقەت ياپون دېڭىزى قىرغاقلىرىدىكى يوكاسوكا ئاراللىرىدىلا ئۆتكۈزۈلگەن بولسا، بۇ يىل ياپونىيە كېڭىيىپ ھىندى ئوكيانغا چىقتى. بۇنىڭ بىلەن، قىسقىسى، خىتاي -ياپونىيە ئوتتۇرىسىدا دېڭىزدا سۈركۈلۈش پەيدا بولىدىغانلىقى مۇقەررەر. شۇنى كۆرگىلى بولىدۇكى، بۇ قېتىمقى مانېۋىر ئارقىلىق ھىندىستاننىڭ ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان ئارزۇ قىلىپ كېلىۋاتقان ئاسىيا ناتوسى تەشكىللەش پىلانى ئەمەلگە ئاشماقتا.

بېنگال قولتۇقىدا باشلانغان بۇ مانېۋىر مالاككا بوغۇزىغىچە داۋاملىشىدۇ

'فرانسىيە ئاگېنتلىقى'نىڭ ھىندىستاننىڭ بىلىيەر پورتىدىن خەۋەر قىلىشىچە، گەرچە ھىندىستان بۇنىڭدىن بۇرۇن ئەنگىلىيە، فرانسىيە، رۇسىيە، سىنگاپور قاتارلىق دۆلەتلەر بىلەن بىرلىكتە كۆپ قېتىم ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزۈپ باققان بولسىمۇ، ئەمما بۇ قېتىمقىدەك بۇنداق چوڭ كۆلەملىك ئەمەلىي ھەربىي مانېۋىرغا قاتنىشىپ باقمىغان ئىدى. تېخىمۇ سەزگۈر يېرى شۇكى، بۇ قېتىمقى مانېۋىر مالايسىيانىڭ سۇمارتا ئاراللىرىدىكى 805 كىلومېتىرلىق مالاككا بوغۇزىدىمۇ داۋاملىشىدىكەن. پۈتۈن دۇنيادىكى نېفىت قاتنىشىنىڭ %60 ى مۇشۇ مالاككا بوغۇزىدىن ئۆتىدۇ. بۇ جايدا دېڭىز قاراقچىلىقىغا قارشى ھەربىي مەشىق قىلىشنىڭ رولى ناھايىتى چوڭ، قاراتمىلىقى ناھايىتى ئېنىق.

بۇنىڭدىن باشقا يەنە، ئامېرىكا پرېزىدېنتى جورج بۇشنىڭ توساتتىن ئىراقنى زىيارەت قىلغاندىن كېيىنلا، بۈگۈن ئاۋسترالىيىگە كېلىپ ئاسىيا -تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى دۆلەت باشلىقلىرى ئۇچرىشىشىغا قاتناشقانلىقى، خۇددى 'ئامېرىكا ئاۋازى' بايان قىلغاندەك، بۇ يىغىندا پارس قولتۇقى مەسىلىسىنى تېخىمۇ سەزگۈر مەسىلە قىلىپ قويغان ئىدى. دەل مۇشۇنداق ۋاقىتتا، ئامېرىكا ، ھىندىىستان ، ياپونىيە ، ئاۋسترالىيىدىن ئىبارەت 'تۆت دۆلەت بىرلىكى'نىڭ بۇ چوڭ كۆلەملىك مانېۋىرى ھىندى ئوكياننىڭ بېنگال قولتۇقىدا باشلانغانلىقى، مالاككا ئاراللىرىدا داۋام قىلىدىغانلىقى ‏-‏ دۇنيا نوپۇسىنىڭ ئۈچتىن بىرىنى تەشكىل قىلىدىغان، پۈتۈن دۇنيادىكى ئومۇم مەھسۇلات قىممىتىنىڭ %60 نى تەشكىل قىلىدىغان، پۈتۈن دۇنيادىكى سودىنىڭ %46 نى تەشكىل قىلىدىغان، پۈتۈن يەر شارىدا تېز ئۆسۈۋاتقان ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ %70 نى تەشكىل قىلىدىغان ئاسىيا-تىنچ ئوكيان دۆلەتلىرى ئارىسىدىكى بەزى سەزگۈر مەسىلىلەرنى تېخىمۇ ئوچۇق گەۋدىلەندۈرمەكتە.

'ئاسىيا ناتوسى' نىڭ ئىش باشلىغانلىقى

ھىندىستان كوممۇنىست پارتىيىسى ھىندى ئوكياننىڭ بېنگال قولتۇقىدا باشلانغان بۇ چوڭ ھەربىي مانېۋىرنى 'ئامېرىكا -ھىندىستان بىرلىشىپ خىتاينىڭ باش كۆتۈرۈشىگە يول قويماسلىقنى مەقسەت قىلماقتا ' دەپ ئەيىبلەپ، بۈگۈن يېڭى دېھلىدا ئامېرىكىغا قارشى نامايىش ئۆتكۈزدى. كالكوتتا شەھرىدىمۇ، بېنگال ماركسىزمچىلار رەھبىرى جۇتى باسو باشچىلىقىدا، ئامېرىكا- ھىندىىستان، ياپونىيە، ئاۋسترالىيە قاتارلىق دۆلەتنىڭ ھىندى ئوكياننىڭ بېنگال پورتىدا باشلىغان چوڭ كۆلەملىك مانېۋىرىغا قارشى نامايىش يۈز بەردى. بۇ ھەربىي مانېۋىر خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۈگۈنكى باياناتىدا ، ھىندى ئوكياننىڭ بېنگال قولتۇقىدا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان مانېۋىر ئارقىلىق 'ئاسىيا ناتوسىنىڭ باشلىنىشى' بىلىنمەكتە، دەپ كۆرسىتىلدى.

سىرىلانكانىڭ ھىندىستاندا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى جاياسىنخا ئەپەندى بولسا 'خەلقئارالىق سودا ئۆتىشىدىغان بۇ ئاۋات دېڭىز يولى ئامېرىكىنى قارشى ئالىدۇ' دېدى. (ۋەلى)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.