دېموكراتىيىنىڭ بۆشۈكىدىكى ئۇيغۇرلار ۋە ئۇيغۇر مەسىلىسى - شۋېتسىيە


2006.12.06

شۋېتسىيە بالتىق دېڭىزى بويىدا، فىنلاندىيە ۋە نورۋېگىيىنىڭ ئارىسىغا جايلاشقان شىمالىي ياۋروپا دۆلىتىدۇر. شۋېتسىيە 9 مىليون نوپۇسقا ئىگە بىر دۆلەت بولۇپ، يۈز ئۆلچىمى 449 مىڭ 964 كۇۋادىرات كىلومېتىر، پايتەختى ستوكھولمدۇر.

شۋېتسىيە ئۇيغۇرلارنى تەتقىق قىلىشقا ئەڭ بۇرۇن باشلىغان دۆلەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ، شۋېتسىيە كۈتۈپخانىلىرىدا ئۇيغۇرلار ھەققىدە نۇرغۇنلىغان تارىخى ماتېرىياللار ساقلانماقتا. ئۇ يەنە بۈگۈنكى كۈندە بىرلەشكەن دۆلەتلەردە پاناھلىق تىلىگەن ئۇيغۇرلار ئەڭ كۆپ قوبۇل قىلىنىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ بىرىدۇر. بۇ دۆلەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ سانى كۈندىن كۈنگە كۆپىيىۋاتقان بولۇپ، بۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى تەتقىق قىلىش ۋە تەشۋىق قىلىش پائالىيەتلىرى شۇنداقلا ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىلىرىنى دۇنيا جامائەتچىلىكىگە ئاڭلىتىش پائالىيەتلىرىمۇ ئېلىپ بېرىلماقتا.

شۋېتسىيە ئۇيغۇر كومىتېتى باشلىقى فارۇق سادىقوف ئەپەندى ۋە ئۇيغۇر دىيارىدىن شۋېتسىيىگە پاناھلىق تىلەپ بارغان ئابدۇشۈكۈر ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ شۋېتسىيىدىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ۋە ئۇيغۇرلار ھەققىدە توختالدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.