دېموكراتىيىنىڭ بۆشۈكىدىكى ئۇيغۇرلار ۋە ئۇيغۇر مەسىلىسى - گوللاندىيە ۋە نورۋېگىيە

0:00 / 0:00

گوللاندىيە بىر شىمالىي ياۋروپا دۆلىتى بولۇپ، پايتەختى ئامستېردام. گوللاندىيىنىڭ يەر مەيدانى 16 مىڭ 330 كۇۋادىرات كىلومېتىر بولۇپ، نوپۇسى 16 مىليون 299 مىڭ. بېلگىيە ۋە گېرمانىيە بىلەن چېگرىداش. گوللاندىيە ئۆزىنىڭ سۇ قاناللىرى، رايلىق قاتناش سىستېمىلىرى ۋە ئۆزگىچە ئىمارەتلىرى بىلەن مەشھۇر. خەلقئارا ۋاكالەتسىز مىللەتلەر تەشكىلاتىمۇ گوللاندىيەدە قۇرۇلغان بولۇپ، بۇ تەشكىلاتنىڭ قۇرغۇچى ئەزالىرىدىن بىرى ئەركىن ئالىپتېكىندۇر.

گوللاندىيە شەرقىي تۈركىستان ۋەخپى باشلىقى بەختىيار شەمسەددىن ئەپەندى گوللاندىيەدىكى ئۇيغۇرلار ۋە بۇيەردىكى ئۇيغۇر ھەرىكىتى ھەققىدە مەلۇمات بېرىپ مۇنداق دىدى:

شىمالىي ياۋروپادا يەر ئالغان يەنە بىر دۆلەت نورۋىگىيە بولسا شىمالىي دېڭىز ۋە شىمالىي ئاتلانتىك ئوكياننىڭ ئارىسىغا، شۋېتسىيىنىڭ غەربىگە جايلاشقان. يەر مايدانى 324 مىڭ 220 كۇۋادىرات كىلومېتىر بولغان بۇ دۆلەت فىنلاندىيە، شۋېتسىيە ۋە رۇسىيە بىلەن چېگرىداش. نورۋىگىيەمۇ كىيىنكى يىللاردا ئۇيغۇرلار كۆپلەپ يەرلىشىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ، نورۋىگىيىدىكى ئۇيغۇرلارمۇ سانىنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ ئۆزلىرىنىڭ جەمئىيەتلىرىنى قۇرۇپ، ئۇيغۇر ھەرىكىتىدە ئاكتىپ رول ئوينىماقتا.

گوللاندىيىدىكى خەلقئارا ۋاكالەتسىز مىللەتلەر تەشكىلاتىنىڭ قۇرغۇچى ئەزالىرىدىن بىرى ئەركىن ئالىپتېكىن، گوللاندىيە شەرقىي تۈركىستان ۋەخپى باشلىقى بەختىيار شەمشىدىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، گوللاندىيىدىكى ئۇيغۇرلار ھەققىدە، نورۋىگىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى كېرەم ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ نورۋېگىيىگە يەرلىشىش تارىخى ۋە رابىيە خانىم رافتو مۇكاپاتىغا ئېرىشكەندىن كېيىن نورۋېگىيىدە پەيدا بولغان ئۇيغۇرلارغا قىزىقىش ھەققىدە توختالدى.