بۇندىن ئىلگىرى بىز شاڭخەيلىك ئاكا - سىڭىل دۇەن خۈيمىن ۋە دۇەن چۈنفاڭنىڭ بېيجىڭغا بېرىپ يۇقىرىلاپ ئەرز قىلماقچى بولغىنىدا، ساقچىلارنىڭ ئۇلارنىڭ ئالدىنى توسۇپ، دۇەن خۈيمىننى قاتتىق ئۇرۇپ زەخمىلەندۈرگەنلىكى ھەمدە ئۇنى قولغا ئېلىپ، قاماپ قويغانلىقى ھەققىدە خەۋەر بەرگەن ئىدۇق.
يېڭى يىللىق "سوۋغا"
مەزكۇر ۋەقە يۈز بەرگەندىن كېيىن، دۇەن خۈيمىننىڭ سىڭلىسى دۇەن چۈنفاڭ ۋە ئۇنىڭ 80 ياشتىن ئاشقان ئاتا -ئانىسى بىرلىكتە بېيجىڭغا كېلىپ دۇەن خۈيمىننى قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان. بۇ يىل 12 - ئاينىڭ ئاخىرىلىرى بىز بېيجىڭدا داۋا قىلىپ يۈرگەن دۇەن چۈنفاڭنى زىيارەت قىلغىنىمىزدا، ئۇ ئاكىسى دۇەن خۈيمىن ساقچىلار تەرىپىدىن ئۇرۇپ زەخمىلەندۈرۈلگەندىن كېيىن، قاماقتا يېتىش جەريانىدا ئۇنىڭغا ھېچقانداق داۋالىنىش پۇرسىتى بېرىلمىگەنلىكىنى مەلۇم قىلغان.
دۇەن چۈنفاڭنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئەينى چاغدا ئاكىسى دۇەن خۈيمىن ئۇنى قوغداش ئۈچۈن ساقچىلار تەرىپىدىن ئۇرۇلغان ۋە ئىنتايىن ئېغىر يارىلانغان ھەمدە تا ئىككى ئايغا قەدەر ئېغىز، بۇرۇن ۋە قۇلاقلىرىدىن قان توختىمىغان. گەرچە ئۇ كۆپ قېتىم داۋالىنىشنى تەلەپ قىلغان بولسىمۇ، ساقچىلار ئۇنىڭ ئۆلۈپ -تىرىلىشى بىلەن قىلچە كارى بولمىغان. ئۇلار ئۇنى ئۆلۈشتىن ئىككى كۈن بۇرۇن يەنى 31 - دېكابىر كۈنى سىڭلىسى دۇەن چۈنفاڭنىڭ ئۆيىگە ئەكىلىپ تاشلىغان. ساقچىلار ھەتتا دۇەن خۈيمىن ئۆلۈشتىن ئىككى كۈن ئىلگىرى، ئۇنىڭ قولىغا ئۇنى بىر يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلغان قەغەزنى تاپشۇرۇپ بەرگەن. پۈتۈن بەدىنى قانغا بويالغان دۇەن خۈيمىن يېڭى يىل كۈنى دوختۇرخانىغا ئاپىرىلغاندىن كېيىن، ئەتىسىلا جان ئۆزگەن.
سەيشەنبە كۈنى دوختۇرخانىغا بېرىپ دۇەن خۈيمىننى يوقلىغان داۋاگەر جۇ دۇڭخۈي رادىئومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزىنىڭ دۇ خۈيمىننى كۆرگەن چاغدىكى ئۇنىڭ ئېچىنىشلىق ھالىتىنى سۆزلەپ بەردى.
داۋاگەر جۇ دۇڭخۈي سۆزىدە "ئۇ كۆرۈنۈش بەكمۇ ئېچىنىشلىق، ئۇنىڭ قوسىقى كۆپۈپ كەتكەن، كۆز، قۇلاق، ئېغىز -بۇرۇن ھەممە يېرىدىن قان ئېقىپ تۇرغان. مەن بەكمۇ چۆچۈپ كەتتىم. دوختۇرلارنىڭ دېيىشىچە، ئەگەر ئەينى چاغدا دەل ۋاقتىدا دوختۇرخانىغا ئەكەلگەن بولسا، ئۇنى قۇتقۇزۇپ قالغىلى بولاتتىكەن. چۈنكى ئۇنىڭ مېڭە ۋە ئىچ - باغرى ھەممىسىگە قان ئۇيۇغان بولۇپ، ۋاقىتنىڭ ئۇزىرىشى بىلەن ئۇيۇغان قان پۈتۈن بەدەننى كاردىن چىقارغان" دەپ بىلدۈردى.
دۇەن خۈيمىننىڭ ئىنىسىنىڭ ئېيتقانلىرى
دۇەن خۈيمىننىڭ ئىنىسى دۇەن روفىي چارشەنبە كۈنى رادىئومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئاكىسىنىڭ ئۆلۈش ئالدىدا قىلغان ۋەسىيىتىنى سۆزلەپ كېلىپ، ساقچىلارنىڭ ئاكىسىغا ئىنتايىن رەھىمسىزلىك قىلغانلىقىنى مەلۇم قىلدى.
دۇەن روفىي سۆزىدە "ساقچىلار 4 - نويابىر كۈنى ئاكامنى ئۇرۇپ يارىلاندۇرغاندىن كېيىن، ئاكام شاڭخەي خۇئاڭ پۇ جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسىگە كۆپ قېتىم ئىلتىماس قىلىپ، داۋالىنىشنى تەلەپ قىلغان ئىكەن. لېكىن ئۇنىڭ تەلىپى پۈتۈنلەي رەت قىلىنغان. ساقچىلار ھەتتا ئۇنىڭ يېتىپ ئۇخلىشىغىمۇ رۇخسەت قىلماي، ئۇنى ئولتۇرغان پېتى ئوخلاشقا مەجبۇرلاپتۇ. بۇ خىل قىيناشقا بەرداشلىق بېرەلمىگەن ئاكام كۈنسېرى ئاجىزلاپ ئاخىرى ھوشىدىن كەتكەن. بۇ خىل ئەھۋالنى كۆرگەن ساقچىلار 28 - دېكابىر كۈنى ئۇنى تۈرمە دوختۇرىغا كۆرسەتكەندە، تۈرمە دوختۇرى ساقچىلارغا ئاكامنى دەرھال قويۇپ بېرىش كېرەكلىكىنى ھەمدە ئۇنىڭ پەقەت 3 - 4 كۈنلا ۋاقتى قالغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىكەن. شۇنىڭ بىلەن ساقچىلار 31 - دېكابىر كۈنى ئۆلەر ھالەتتە قالغان ئاكامنى سىڭلىمنىڭ ئۆيىگە ئەكىلىپ تاشلاپتۇ" دەپ بىلدۈردى. دۇەن خۈيمىننىڭ ئىنىسى دۇەن روفىي رادىئومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىۋاتقان شۇ پەيتتە، ئۇنىڭ 80 ياشتىن ئاشقان ئانىسى ۋە سىڭلىسىنىڭ يېغا ئاۋازى ئاڭلىنىپ تۇراتتى:
بىز شاڭخەي خۇئاڭ پۇ جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسىگە تېلېفون قىلىپ، مەزكۇر ۋەقەنى سۈرۈشتۈرمەكچى بولدۇق. لېكىن قارشى تەرەپ ئۆزلىرىنىڭ بۇ ئىش بىلەن ھېچقانداق مۇناسىۋىتى يوق ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. دۇەن خۈيمىننىڭ ئائىلىسىدىكىلەر مەتبۇئات ئورۇنلىرىدىن ياردەم سوراپ، مەملىكەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى مەتبۇئات ئورۇنلىرىنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالنى ئاشكارىلاپ، بۇنىڭدىن خۇ جىنتاۋ ۋە ۋىن جياباۋ قاتارلىقلارنىمۇ خەۋەردار قىلىشنى ئۈمىد قىلماقتا. ئۆلگۈچى دۇەن خۈيمىننىڭ ئىنىسى دۇەن روفىي ئۆزىنىڭ خىتاي جەمئىيىتىگە بولغان قاتتىق نەپرىتىنى بىلدۈرۈپ "بۇنداق جەمئىيەتنى قانداقمۇ ئىناق جەمئىيەت دېگىلى بولسۇن. بۇ بىر، ئادەم ئالدايدىغان، دۇنيا خەلقىنى ئالدايدىغان ئادالەتسىز جەمئىيەت! " دەپ كۆرسەتتى. (مېھرىبان)