' دەيۈز' لۈكتىن تۇغۇلغان ئەركەكلەر ناملىق ماقالە غۇلغۇلا قوزغىدى

" دەيۈز " لۈكتىن تۇغۇلغان ئەركەكلەر ناملىق بۇ ماقالىدە ئۇيغۇر جەمئىيىتىدىكى مەۋجۇت مۇھىم مەسىلىلەر بايان قىلىنغان.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﻗﯩﺪﻩ
2009-01-08
Share

ماقالىدا، "ھازىرقى دەۋرىمىزدە ئۆزىنىڭ ئەرلىك ۋىجدان - غۇرۇرىنى، ئىرادە - جاسارىتىنى، ئەرلەرگە خاس تولۇپ تاشقان ھاياتىي كۈچىنى، سۈرلۈك قىياپىتىنى ۋە ئىمان ‏ - ئېتىقادىنى يوقاتقان ئەركەكلەر مەۋجۇت. ئۇلار يا ئەرلەرگە يا ئاياللارغا ئوخشىمايدىغان، ئەرلەر بىلەن ئاياللارنىڭ ئەبجەش تەبىئىتىنى ئۆزىدە يۇغۇرۇپ مۇجەسسەملەشتۈرگەن، ئۆزىنى ئەركەكلەر دەپ ئاتىۋالغان ئەركەكلەردۇر،" دېيىلگەن.

ماقالىدا ئاپتور يەنە، بۇ خىلدىكى ئەركەكلەر ئۆزىنىڭ ئائىلىسى، مەڭگۈلۈك مېھرىبان ھەمرىيى، ئۇلۇغ نىمىتى بولغان پەرزەنتى ئۈستىدىكى مەسئۇلىيەت، مەجبۇرىيەت ۋە بۇرچىنى يوقاتقان ئەركەكلەر" دېيىش ئارقىلىق ئۇيغۇر جەمئىيىتىدىكى بىر قىسىم ئەرلەر سادىر قىلىۋاتقان ناچار خائىشلارنى پاش قىلغان يەنى بىر قىسىم ئۇيغۇر ئەرلىرىدە دىنىي ئېتىقادىنىڭ سۇسلۇقى تۈپەيلى مەيدانغا كېلىۋاتقان ئەخلاقسىزلىقلارنى تىلغا ئېلىش بىلەن، بۇنداق ئاتىلار قولىدا تەربىيىلىنىدىغان كەلگۈسى پەرزەنتلەرنىڭ تەقدىرىدىن قاتتىق ئەندىشە قىلغان.

ماقالىدا، ئۇيغۇر ئەركەكلىرىنىڭ تاڭ ئاتقىچە قانچە بوتۇلكا ھاراق ئىچكەنلىكىدىن، بىر قانچە ئاشنىسى بار ئىكەنلىكىدىن، غۇرۇرلىنىپ، ماختىنىپ يۈرگەنلىكى تەنقىد قىلىنىپ، ئەگەر بۇ ئەركەكلەر ئەركەكلىكنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى چۈشەنگەن بولسا ئىسلام شەرىئىتىگە، ئەڭ ئاددى ئىنسانىي ئەخلاق ‏ - پەزىلەت ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن كەلمەيدىغان ھەم چۈشمەيدىغان بۇ خىل چىركىن ئىللەتلەر، ئىنسانلىقنىڭ، ئەركەكلىكنىڭ ئۆلچىمى ۋە بەلگىسى ئەمەس بەلكى " دەيۈز" لۈكنىڭ ئۆلچىمى ۋە بەلگىسى دېيىلگەن.

ماقالىدا، بۇ خىل ئەركەكلەر سەۋەبلىك ئۇلۇغ ئانىلارنىڭ، كەلگۈسىدە ئانا بولغۇچى پاك قىزلىرىمىزنىڭ، مىللىتىمىزنىڭ تەقدىرى نېمە بولار دەپ ئالاھىدە خىتاپ قىلىنغان.

ياۋرۇپا شەرقىي تۈركىستان بىرلىكىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ۋە ياۋرۇپا ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزىنىڭ رەئىسى ئۈمىد ئاگاھىي ئەپەندى ئالدى بىلەن ماقالىدە تىلغا ئىلىنغان ئۇيغۇر ئەركەكلىرىنىڭ نېمە سەۋەبتىن بۈگۈنكى ئەھۋالغا چۈشۈپ قالغانلىقى ھەققىدە ۋە يەنە ئەگەر بۇ خىل ئەركەكلەر ئۆزلىرىنى ئىسلاھات قىلمايدىكەن، ئانىلار ۋە قىزلار، تېخىمۇ ئوچۇق قىلىپ ئېيتقاندا، پۈتۈن بىر ئۇيغۇر مىللىتى دۇچ كېلىدىغان ئاقىۋەتلەر توغرىسىدا توختالدى.

ماقالىدە يەنە مۇنداق سۆزلەر بايان قىلىنغان " ھەقىقىي ئەركەك ئۇ ‏ - ئەركەككە خاس ئۆزىنىڭ تەبىئىتىنى ساقلاپ قالالىغان، ئىمان ‏ - ئېتىقادى كامىل، قەلبى ۋە روھىيىتى پاك بولغان، ئۆزىنىڭ ئائىلە ‏ - تاۋابىئاتلىرىنى قوغدىيالايدىغان ھەم ئۇلارنى توغرا، ھىدايەت يولىغا باشلىيالايدىغان، ھەقىقىي مۇھەببەت، ۋىجدان - غۇرۇر، شىجائەت، ئىلىم - ھېكمەت، روھىيىتىگە چىن مەنىسى بىلەن سىڭىپ كىرىپ، نۇر چاقنىتىپ جۇلالاندۇرالىغان، شەمشەر باش ئۈستىگە تاقىلىپ، ئۆز مەنپەئەتى زىيانغا ئۇچراش ئالدىدا تۇرسىمۇ ھەقىقەتنى سۆزلىيەلەيدىغان ۋە ھەق ‏ - ئادالەت يولىدا تەۋرەنمەي، مۇستەھكەم تۇرالايدىغان، ھەقىقىي ئىنساندەك ياشىيالايدىغان باتۇر - قەيسەرانە يىمىرىلمەس روھنى قەلبىدە مەڭگۈلۈك ئابىدە قىلىپ تىكلىيەلىگەن ئەركەكلەر ھەقىقىي ئەركەكلەر، ئەگەر مۇشۇنداق ئەركەكلەر ئارىمىزدا كۆپ بولغاندا ئانىلىرىمىزنىڭ ھۆرمىتى ئېشىپ، قىزلىرىمىزنىڭ ئىززىتى كۆتۈرۈلىدۇ. مانا مۇشۇنداق ئەركەكلىرىمىز كۆپ بولغاندا قىزلىرىمىز ئۆزلىرىنىڭ قەدىر - قىممەت، ئىپپىتىنى ساقلاپ قالغۇسى، مانا مۇشۇنداق ھەقىقىي ئەركەكلىرىمىز كۆپ بولغاندا، ئۇلارنىڭ پاك قەلب، پاك روھىيىتىدىن ئاپىرىدە بولغان مىليونلىغان ھەقىقىي ئىنسانلار دۇنياغا كۆز ئاچقۇسى...! مىللىتىمىز تېخىمۇ گۈللەپ قۇدرەت تاپقۇسى..."!

يۇقىرىدا تىلغا ئىلىنغان جۈملىلەر ھەققىدە توختالغان ئۈمىد ئاگاھى ئەپەندى، نۆۋەتتە ئۇيغۇر خانىم - قىزلىرىنىڭ، خىتاينىڭ باستۇرمىچىلىق سىياسىتى ئاستىدا خورلىنىۋاتقانلىقىنى، ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ خىتاينىڭ ئاسسىمىلىياتسىيە سىياسىتىگە قۇربان بولۇپ، ھەتتا پاھىشە قىلىنىپ سېتىلىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ئۇيغۇرلارنىڭ نارازىلىق بىلدۈرۈشىگە قارىماي ئۆتكەن بىر يىل ئىچىدە خىتاي ئۆلكىلىرىگە مەجبۇرىي يۆتكەپ كېتىلىۋاتقان ئۇيغۇر ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرىنىڭ، ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ سانى ھازىرغا قەدەر 1 مىليون 500 مىڭ ئادەم قېتىمدىن ئاشقان بولۇپ، ئىستانسىمىز ئىگىلىگەن مەلۇماتلاردىن ئاشكارىلىنىشىچە، خىتاي ئۆلكىلىرىگە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلغان بۇ ئۇيغۇر قىزلىرى ھەر خىل قىسمەتلەرگە دۇچ كەلگەن بولۇپ، بىر قىسىم ئۇيغۇر قىزلىرى خىتاي پاھىشەخانىلارغا سېتىۋېتىلگەن ھەتتا ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالغان قىزلارمۇ بولغان.

ئۇيغۇر ئەركەكلىرىنىڭ ھىمايىسىگە، قوغدىشىغا ئېرىشەلمىگەن بۇ ئۇيغۇر خانىم - قىزلىرى دۇچ كېلىۋاتقان قىسمەتلەر دۇنيا جامائىتىنىڭ دىققىتىنى قوزغىماقتا.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت