گۇچۇڭ يېزىسىدىكى دېھقانلار يەر مەسىلىسى توغرىسىدا ئەرز سۇنماقتا


2004.09.07

ئامېرىكىدا چىقىدىغان" داجىيۆەن ۋاقتى گېزىتى" يېقىندا ئۇيغۇر ئېلىنىڭ گۇچۇڭ ناھىيىسىدە يۈز بەرگەن بىر يەر ماجىراسىنى پاش قىلدى. مەزكۈر گېزىتنىڭ ئىنگىلىز تىلىدىكى نۇسخىسىدا 24 - ئاۋغۇست كۈنى ئېلان قىلىنغان خەۋەردىن ئاشكارىلىنىشىچە، گۇچۇڭ ناھىيىسىگە قاراشلىق گۇچۇڭ يېزىسىدىكى بىر قىسىم دېھقانلار ئۆزلىرىنىڭ 1000 مودىن ئارتۇق تېرىلغۇ يەرلىرىنىڭ تارتىۋېلىنغانلىقىغا قارشى، كوللىكتىپ ھالدا سانجى ئوبلاستلىق ھۆكۈمەتكە ئەرز سۇنۇشنى قايتا باشلىغان. ئۇلار يەرلىرىنى تارتىۋېلىشقا مەسئول بولغان ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنى " پارىخور، ئاممىنىڭ پۇلىغا خىيانەت قىلدى" دەپ ئەيىپلەپ، ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ ئۇلارنىڭ دەۋاسىغا قۇلاق سالمىغانلىقىنى ئىنكاس قىلغان.

خەۋەردىن مەلۇم بولىشىچە، مەزكۈر دەۋا ئەسلى 2000 - يىلى باشلانغان بولۇپ، گۇچۇڭ يېزىلىق ھۆكۈمەت دائىرىلىرى 2000 - يىلى ئاۋغۇست ۋە سىنتەبىردە " تىيەنخې سودا سارىيى" قۇرۇش باھانىسى بىلەن دېھقانلارنىڭ 1000 مودەك يېرىنى ئېلىۋالغان. ئەينى ۋاقىتتىكى كىلىشىم بويىچە، ھۆكۈمەت دائىرىلىرى دېھقانلارغا ھەر بىر موغا 17 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق تۆلەم بەرمەكچى بولغان. كىيىن گۇچۇڭ ناھىيىلىك ھۆكۈمەت ھەر خىل باھانە، سەۋەبلەرنى كۆرسىتىپ، ھەر بىر مودىن 5000 يۈەننى تۇتىۋالغان. يېزىلىق ھۆكۈمەت يەنە 6700 يۈەننى تۇتۇپ قالغان . نەتىجىدە، دېھقانلار ھەر موغا پەقەت 5600 يۈەن تۆلەم پۇلى تاپشۇرىۋالغان. دېھقانلارنىڭ بىلدۈرىشىچە، ھەر بىر دېھقاننىڭ ئەسلى 4 موغا يېقىن يېرى بار بولۇپ، ھازىر پەقەت 1.7 مو يېرى قالغان.بۇنچىلىك يەر بىلەن ئۇلارئائىلىسىدىكىلەرنىڭ قوسىقىنى ئارانلا باقالايدىكەن.

" داجىيۆەن ۋاقتى گېزىتى" نىڭ خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، ئامالسىز قالغان دېھقانلار، ھاياتلىق تۆۋرىكى بولغان يەردىن ئايرىلغاندىن كىيىن، دەۋا ئېچىش يولىنى تاللىغان. ھالبۇكى، ئۇلار ئۈچ يىلدىن بويان يېزىلىق ھۆكۈمەت، ناھىيىلىك ھۆكۈمەت ۋە ھەتتا ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق ھۆكۈمەتنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىغا ئەرز سۇنغان بولسىمۇ، بىراق ھىچقانداق نەتىجىگە ئېرىشەلمىگەن. بۇ يىل 3 - ئاينىڭ 15 - كۈنى ئۇلار گۇچۇڭ ناھىيىلىك ھۆكۈمەتنىڭ ئالدىغا بېرىپ،قايتا ئەرز سۇنغان . ناھىيىلىك ھۆكۈمەت ئۇلارنىڭ مەسىلىسىنى ھەل قىلىش تۇرماق، ئەكسىچە، ئەرزدارلاردىن بەشنى قولغا ئالغان. ناھىيىلىك ھۆكۈمەت چاقىرىپ كەلگەن ساقچىلار يەنە نەق مەيداندا بىر ئەرزدارنىڭ قولىغاكويزا سالغان. ئۇلار جەمئى 15 كۈندەك تۇتۇپ تۇرۇلغان.

بىز مەزكۈر يەر ماجىراسىنىڭ تەرەققىياتىنى ۋە يېزىلىق ھۆكۈمەتنىڭ بۇ مەسىلىنى قانداق بىر تەرەپ قىلماقچى بولغانلىقىنى بىلىش ئۈچۈن، گۇچۇڭ يېزىلىق ھۆكۈمەتكە تېلىفون قىلغان بولساقمۇ، ھۆكۈمەتنىڭ تېلىفونىمىزنى ئالغان بىر نۆۋەتچى خادىمى سوئاللىرىمىزغا جاۋاب بېرىشتىن باش تارتتى.

" داجىيۆەن ۋاقتى گېزىتى" خەۋىرىدە بىلدۈرىشىچە، مەزكۈر گېزىتنىڭ مۇخبىرى يەر داۋاسى قىلىۋاتقان دېھقانلارنىڭ بىرى يۈ شىپىڭنى زىيارەت قىلىش پۇرسىتىگە ئېرىشكەن. يۈشىپىڭنىڭ بىلدۈرىشىچە، ئۇلار بۇ قېتىم يېڭىدىن سۇنغان ئەرزىدە پەقەت ھۆكۈمەتنىڭ " يەر باشقۇرۇش قانۇنى" دا بەلگىلەنگەن تىگىشلىك تۆلەم پۇلىنى بېرىشنى تەلەپ قىلغان. ئەمما گۇچۇڭ ناھىيىلىك ھۆكۈمەتتىكى ئەمەلدارلار، ئۇلارنىڭ قايتا ئەرز سۇنۇشىنى بىمەنىلىك دەپ ئاتىغان. گۇچۇڭ ناھىيىلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن سىكرىتارى، ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتىتىنىڭ باشلىقى خې فىڭلىن بولسا، ئۇلارنى " بېرىپ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا ئەرز قىلىڭلار" دەپ قايتۇرىۋەتكەن.

مەزكۈر دېھقاننىڭ " داجىيۆەن ۋاقتى گېزىتى" گە ئاشكارىلىشىچە، ھۆكۈمەت دېھقانلاردىن تارتىۋالغان بۇ يەرلەرگە سېلىنغان " تىيەنخې سودا سارىيى" ھازىرغىچە قۇرۇق بولۇپ، يەنە نۇرغۇن يەرلەر بىكار تاشلىنىپ تۇرماقتا ئىكەن. نۆۋەتتە ناھىيىلىك ھۆكۈمەتنىڭ يەر باشقۇرۇش كومىتىتى بۇ يەرلەرنى قايتا سېتىشنى پىلانلاۋاتقان بولۇپ، ھەر بىر مونىڭ باھاسى 20 مىڭ يۈەندىن 40 مىڭ يۆەنگىچە بولىدىكەن.

ئامېرىكىدا قانۇن ئىلمىدە ئوقۇۋاتقان ئالىم سېيىتوف ئەپەندى، خىتايدا تۇراقلىق قانۇن سېستىمىسى بولمىغانلىقى گۇچۇڭدىكىگە ئوخشاش يەر دەۋالىرىنىڭ يۈز بېرىشىدىكى ئاساسلىق سەۋەب ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ، مۇنداق دىدى:

" داجىيۆەن ۋاقتى گېزىتى" نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، نۆۋەتتە گۇچۇڭدىكى دېھقانلارنىڭ ئەڭ چوڭ ئارزۇسى ھۆكۈمەتنىڭ ئۇلارنىڭ تىگىشلىك ھوقوقلىرىغا قانۇن بويىچە كاپالەتلىك قىلىشى ئىكەن. بىراق ئالىم سېيىتوف ئەپەندى، خىتاينىڭ ھازىرقى تۈزۈلمىسىدە، ھاكىمىيەت قانۇندىن ئۈستۈن بولغان شارائىتتا، دېھقانلارنىڭ بۇ ئارزوسىنىڭ ئەمەلگە ئېشىش ئىمكانىيىتىنىڭ ئىنتايىن ئازلىقىنى بىلدۈردى.(ئارزۇ)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.