خىتاي ئامېرىكا كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىنى تەنقىد قىلدى

0:00 / 0:00

خىتاي ھۆكۈمىتى 2006 - يىلقى ئامېرىكا كىشىلىك ھوقۇقى خاتىرىسىنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە دوكلات ئېلان قىلىشنىڭ ئىككى كۈن ئالدىدا ئامېرىكا يەر شارى كىشىلىك ھوقۇقى ۋەزىيىتىنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە دوكلات ئېلان قىلىپ، خىتاي كىشىلىك ھوقۇقى خاتىرىسىنىڭ يەنىلا ناچار ئەھۋالدا تۇرۇۋاتقانلىقىنى، بەزى ساھەلەردە كەينىگە چېكىنلگەنلىكىنى تەنقىدلىگەن ئىدى. دوكلاتتا، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا تېررورىزمغا قارشى ئۇرۇشنى باھانا قىلىپ، سىياسى كۆز قارىشى ئوخشىمايدىغان ئۇيغۇرلار ۋە دىنىي ئۆلۈمالارنى شەپقەتسىز باستۇرىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

خىتاي: ئامېرىكا كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدە جاھانگىرلىك قىلماقتا

خىتاي دۆلەت كابېنتى پەيشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان 2006- يىلدىكى "ئامېرىكا كىشىلىك ھوقۇقى خاتىرىسى" نىڭ ئەھۋالى ھەققىدىكى دوكلاتتا، ئامېرىكا چەتئەلدە قوزغىغان ئۇرۇشلار ۋە بۇ ئۇرۇشلاردا ئۆلگەن ئىنسانلارنىڭ ھاياتى شۇنداقلا ئامېرىكىنىڭ ئىچكى قىسمىدا كىشىلىك ھوقۇقنىڭ ئەبجىغى چىقىپ كەتكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى. دوكلاتتا، ئامېرىكا ئۆزىنى باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئۈستىگە قويۇپ باشقىلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنى تەنقىد قىلسىمۇ، لېكىن ئۆزىدىكى مەسىلىسىنى كۆرمەسكە سالماقتا، قوش ئۆلچەم قوللانماقتا ۋە كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدە جاھانگىرلىك قىلماقتا،" دەيدۇ.

دوكلاتتا ئەسكەرتىشىچە، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ كىشىلىك ھوقۇقى زىيانكەشلىكى ئۆزىنى "كىشىلىك ھوقۇقى بايراقدارى" دەيدىغان ئامېرىكىنىڭ خەلقئارا ئوبرازىغا ئېغىر زىيان سالغان. خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى باياناتچىسى چىن گاڭ، پەيشەنبە كۈنكى مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا" بۇ دوكلات ئامېرىكىنىڭ ئۆزىنى ھىس قىلىش، ئۆزىدىكى كىشىلىك ھوقۇقى ئەھۋالىنى بىلىش شۇنداقلا باشقىلارغا باھا بېرىش سالاھىيىتىنىڭ بار - يوقلىقىنى كۆرۈپ يېتىشتىكى بىر ئەينەك،" دەپ كۆرسەتتى. لېكىن كىشىلىك ھوقۇقى تەشكىلاتلىرىنىڭ ئەسكەرتىشىچە، ئامېرىكا كىشىلىك ھوقۇقى خاتىرىسىنى يۈزدە-يۈز پاكىز، دەپ كەتكىلى بولمىسىمۇ، ئەمما ئامېرىكا كىشىلىك ھوقۇقى خاتىرىسىدىكى مەسىلە ئاساسەن تۈزۈمدىكى مەسىلە ئەمەس.

مەركىزى نيۇ يوركتىكى خىتاي كىشىلىك ھوقۇقى تەشكىلاتىنىڭ مەسئۇلى فېڭ دېچىڭ، خىتاي كىشىلىك ھوقۇقى خاتىرىسىنىڭ ناچارلىقىغا خىتاي سىياسى سىستېمىسىدىكى مەسىلە، دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ، "ئامېرىكا ئەدلىيە سېستىمىسى بىلەن جوڭگو ئەدلىيە سېستىمىسى پۈتۈنلەي ئوخشىمايدۇ. ئەمىلىيەتتە ئامېرىكىدا ساقچىلارنىڭ زوراۋانلىقى خۇسۇسى ھادىسىلەر بولۇپ، بۇ تۈزۈم خاراكتېرلىك مەسىلە ئەمەس. لېكىن جۇڭگودا ساقچى ۋە ئەدلىيە پۈتۈنلەي مۇستەقىل ئەمەس. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئاشكارە ئەمەس شۇنداقلا ناھايىتى ئادالەتسىز. ئامېرىكىدا ئەدلىيە ۋە ساقچىلارنىڭ ھوقۇقى قانۇن - تۈزۈم ۋە مەتبۇئاتنىڭ نازارىتى ئاستىدا بولسىمۇ، لېكىن جۇڭگودا ئەھۋال پۈتۈنلەي بۇنىڭ ئەكسىنچە،" دەيدۇ.

خىتاي ئۆزىدىكى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى ئېتراپ قىلسىمۇ، بىراق ئاشكارە تەنقىت قىلىنىشىنى خالىمايدۇ

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى دوكلاتتا، خىتاي ھۆكۈمىتى ئاڭلاشنى خالىمايدىغان بەزى سەزگۈر مەسىلىلەرنى، بولۇپمۇ خىتاي كۆچمەنلىرىنى يۆتكەش سىياسىتى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا خىتاي نوپۇسىنىڭ كۆرۈنەرلىك كۆپىيىشىگە سەۋەبچى بولىۋاتقانلىقىنى شۇنداقلا خىتايلارنىڭ رايوندا ئاساسى ھوقۇقنى چاڭگىلىغا ئېلىۋالغانلىقىنى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ چەتكە قېقىلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن. كۈزەتكۈچىلەرنىڭ ئەسكەرتىشىچە، بېيجىڭ ھۆكۈمىتى يەڭ ئىچىدە خىتاي كىشىلىك ھوقۇقى خاتىرىسىنىڭ ناچارلىقىنى ئىقرار قىلسىمۇ، لېكىن كىشىلىك ھوقۇقى خاتىرىسىنىڭ ئاشكارە تەنقىد قىلىنىشىغا ناھايىتى سەزگۈر پوزىتسىيە تۇتۇپ كەلمەكتە.

فېڭ دېچىڭ بۇ ئەھۋالنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ " يۈز ئوبروي قوغلۇشۇش" روھى ھالىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك، دەپ كۆرسەتتى. خىتاي ھۆكۈمىتى ئامېرىكىنىڭ كىشىلىك ھوقۇقى ئەھۋالى ھەققىدىكى دوكلاتتا ئىراقتىكى توقۇنۇش، ئاۋام پۇقرالارنىڭ ئۆلۈمى، مەھبۇسلار مەسىلىسىدە جەنۋە ئەھدىنامىسىغا خىلاپلىق قىلغانلىقى، ئامېرىكىدا ئېرقىي كەمسىتىشنىڭ چوقۇر يىلتىز تارقانلىقى، پۇقرالارنىڭ ئىقتىسادى، ئىجتىمائىي ۋە مەدەنىيەت ھوقۇقى تېگىشلىك كاپالەتلىك ئىگە ئەمەسلىكى شۇنداقلا جىنايەت ھەرىكەتلەرنىڭ كىشىلەر ھاياتى ۋە مال-مۈلكىگە سالغان زىيىنى، ئامېرىكا قانۇن ئورگانلىرىنىڭ كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

خىتاي ئۆزىدىكى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى بىلەن ئامېرىكىدىكى ئىجتىمائىي مەسىلىنى ئارىلاشتۇرىۋەتكەن

بېيجىڭ ھۆكۈمىتى خىتاي كىشىلىك ھوقۇقى خاتىرىسىدە مەسىلە بارلىقىنى رەت قىلغان بولسىمۇ، لېكىن ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئامېرىكا كىشىلىك ھوقۇقى خاتىرىسى نۇقسانسىز، دەپ قارىمايدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە. ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى كوندىلىزا رايىس، ئالدىنقى كۈنى كىشىلىك ھوقۇقى دوكلاتى ئېلان قىلىش مۇناسىۋتى بىلەن ئۆتكۈزگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، ئامېرىكىنىڭ كىشىلىك ھوقۇقى دوكلاتى ئېلان قىلىشتىكى سەۋەبلىرىنى چۈشەندۈرگەن ۋە "بۇ دېگەنلىك بىزنىڭ ئامېرىكا كىشىلىك ھوقۇقى خاتىرىسى نۇقسانسىز، دەپ قارايدىغانلىقىمىز ئەمەس. ئەكسىنچە بىزنىڭمۇ كىشىلىك ھوقۇق جەھەتتە نۇرغۇن يىتەرسىزلىكىمىز بارلىقىنى بىلىمىز،" دەپ تەكىتلىگەن.

خىتاي كىشىلىك ھوقۇقى تەشكىلاتىدىكى فېڭ دېچىڭنىڭ ئەسكەرتىشىچە، خىتاينىڭ ئامېرىكا كىشىلىك ھوقۇقى ئەھۋالى ھەققىدىكى دوكلاتىدا ئىجتىمائىي مەسىلىلەر بىلەن كىشىلىك ھوقۇقى مەسىلىسى بىر - بىرىگە ئارلاشتۇرۇۋېتىلگەن. ئۇ، "دوكلاتتا جوڭگو ھۆكۈمىتى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدىكى چۈشەنچىسىنىڭ ناھايىتى ئاجىز ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلاپ قويغان. بۇ ئاجىزلىقنى دوكلاتتا كۆپ جەھەتلەردە كۆرۈۋېلىش مۇمكىن. بولۇپمۇ جوڭگو ھۆكۈمىتى ئامېرىكا جەمئىيىتىدىكى ئىجتىمائىي ھادىسىلەرنى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى بىلەن ئارلاشتۇرۇۋالغان. مەسىلەن: ئامېرىكىدا جىنايەت سادىر قىلىش ئورامنىڭ يۇقىرىقى قاتارلىقلار. ئەمىلىيەتتە بۇ مەسىلىلەر جەمى’يەتتىكى ئىجتىمائىي ھادىسىلەردىن ئىبارەت،" دەيدۇ.

فېڭ خوڭدېنىڭ ئەسكەرتىشىچە، دۆلەت يەر شارى كىشىلىك ھوقۇقى ئەھۋالى ھەققىدە دوكلات ئېلان قىلسا، يەنە بىر دۆلەتنىڭ ئۇنىڭغا قارشى شۇ دۆلەتنىڭ كىشىلىك ھوقۇقى ئەھۋالى ھەققىدە دوكلات ئېلان قىلىش توغرا ئەمەس. ئۇ، خىتاي دائىرىلىرىنى كىشىلىك ھوقۇقنى سىياسىلاشتۇرۇش ياكى خەلقئارادا ئۆز مەنپەئەتىنى قوغدايدىغان قورالغا ئايلاندۇرۇۋېلىش بىلەن ئەيىبلىدى. فېڭ خوڭدﯤ، "جوڭگو ھۆكۈمىتى كىشىلىك ھوقۇقنى دائىم سىياسىلاشتۇرۇپ كەلدى. بولۇپمۇ ب د ت نىڭ كىشىلىك ھوقۇقى كېڭىشىدە دائىم كىشىلىك ھوقۇققا ياتىدىغان ئىشلارنى سىياسى مەسىلىگە ئايلاندۇرۇۋالدى. بۇ جەھەتتە جوڭگو ھۆكۈمىتى 3- دۇنيا ئەللىرىدىن پايدىلىنىپ كەلمەكتە،" دەيدۇ. (ئەركىن)