خىتاي دىنىي زاتلارغا ئېغىر دەرىجىدە زىيانكەشلىك قىلىۋاتىدۇ


2004.11.18

"جوڭگوغا ياردەم بېرىش" جەمئىيىتى، ئامېرىكىنىڭ تېكساس شتاتى مىدلاند شەھىرىدىكى بىر خرىستيان دىنىي تەشكىلات. " جوڭگوغا ياردەم بېرىش جەمئىيىتى"نىڭ رەئىسى پوپ فۇ شىچيۇ چارشەنبە كۈنى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە ئۆتكۈزگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا مۇنداق دىدى:

"خىتاي ھۆكۈمىتى، بۇ يىل 6 - ئايدىن بېرى خىتاينىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئوتتۇرا- باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنى خۇراپاتلىققا قارشى تۇرۇش قەسەمنامىسىغا ئىمزا قويغۇزدى. يەر ئاستى دىنىي جەمئىيەتنىڭ دىن تارقاتقۇچىلىرى ئارقا- ئارقىدىن قولغا ئېلىنىپ، قاماق جازاسى بېرىلدى، ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش لاگىرلىرىغا ھەيدەلدى. بەزى دىنىي كەسپلەرگە ئوقۇغۇچى قولبۇل قىلىش بىر يىللىق توختىتىلدى. خىتاي دۆلەت كابىنتى دىنىي ئىشلار ئىدارىسىنىڭ شتاتى كۈپەيتىلىپ، 450 مىليون يۈئەن جەرىمانە يىغىۋالدى. فۇ شىچيۇ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يۇقىرىقى ھەرىكىتى، خىتاي كومپارتىيىسى مەركىزىي تەشكىلات بۆلۈمى ۋە مەركىزىي تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ بۇ يىل 5 - ئايدا تارقاتقان ئاتېئىزم تەربىيىسىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى مەخپىي ھۆججىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك، دەپ كۆرسەتتى.

فۇ شىجيۇ، مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا كومپارتىيىنىڭ " مەركىزىي تەشۋىقات 2004 (13)نومۇرلۇق ھۆججىتىنىڭ كۆپەيتىلگەن نۇسخىسىنى مەتبۇئات ساھەسىگە تارقاتتى. بۇ ھۆججەت بۇ يىل 5 - ئاينىڭ 28 - كۈنى خىتاينىڭ ھەر قايسى ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاستە قاراشلىق شەھەرلەردىكى پارتكوم تەشكىلات بۆلۈمى، تەشۋىقات بۆلۈمى، مەدەنىيەت ئىدارىسى ۋە مائارىپ نازارىتى قاتارلىق ئورگانلارغا تارقىتىلغان.

ھۆججەتنىڭ مەزمۇنىدا مۇنداق دىيىلگەن. "ئاتىئىزىم تەربىيىسى ۋە تەتقىقاتىنى كۈچەيتىش، ئاتىئىزىم نەزىرىيىسىنىڭ تەلىم-تەربىيە تەشۋىقاتىنى، دۆلەت مائارىپىنىڭ ئاساسى مەزمۇنى سۈپىتىدە چىڭ تۇتۇپ، خۇداسىزلىق تەشۋىقات ۋە تەربىيىسىنى ئاممىۋى مەتبۇئاتنىڭ كۈندىلىك خىزمىتىگە ئايلاندۇرۇش كېرەك. شۇنداقلا خۇراپاتلىق ۋە بىدئەتچىلىكنىڭ ئېغىر خەۋپلىرى قاتارلىق مەسىلىلەر ئۈستىدە تەتقىقات ئېلىپ بېرىش لازىم. فۇ شىچيۇ يۇقىرىقى ھۆججەت ھەققىدە مۇنداق دەيدۇ: "يۇقىرىقى سىياسەت، خىتاينىڭ يېقىندىن بېرى كەڭ كۆلەمدە ئېلىپ بېرىۋاتقان تور بەتلەرنى تاقاش، كىشىلەرنى قولغا ئېلىش، ئوخشىمىغان كۆز قاراشتىكى مەجمۇئەلەرنى پىچەتلەش ھەرىكىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىكدەك قىلىدۇ."

دىندارلارغا قارىتىلغان زىيانكەشلىك كۆپ قاتلاملىق ۋە كۆپ تەرەپلىمىلىك ھەرىكەت

خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىنىڭ، شۇنداقلا چەتئەلدىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ قاتتىق تەنقىدىگە ئۇچراۋاتقان مەسىلىلەرنىڭ بىرى. خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى دىنىي سىياسىتى.

بۇ يىل ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا جامائەت خەپسىزلىك نازارىتى، ھەر قايسى جايلاردىكى ج خ ئىدارىسى ۋە چىگرا ئېغىزلىرىغا ئۇقتۇرۇش چۈشۈرۈپ، شەخسىي يول بىلەن ھەج قىلىشقا ماڭغان ئۇيغۇرلارنىڭ پاسپورتىنى يىغىۋېلىشقا بۇيرۇغان. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن يېقىندا ھەجگە ماڭغان 30 نەچچە ئۇيغۇرنىڭ پاسپورتى تورغات ئېغىزىدا تارتىۋېلىنغائىدى. جوڭگوغا ياردەم بېرىش جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى فۇ شىچيۇمۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دىنىي زاتلارغا زىيانكەشلىك قىلىۋاتقانلىقى ھەققىدە توختۇلۇپ، خىتايدىكى بىر يەر ئاستى خرىستيان دىنىي جەمئىيىتىنىڭ پوپى سەي جۇخۋا، دىنىي ζئورنال چىقارغانلىقى سەۋەبىدىن بۇ يىل 11 - سېنتەبىردىن مەخپىي قولغا ئېلىنغانلىقىنى بىلدۈردى.

فۇ شىچيۇنىڭ كۆرسىتىشىچە، خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرلىقى بۇ دىلونى " دۆلەت قۇرۇلغاندىن بېرى يۈز بەرگەن چەتئەلدىكى دىنىي كۈچلەرنىڭ ئەڭ چوڭ سىڭىپ كىرىش ۋەقەسى" دەپ ئاتىغان. فۇ شىچيۇ مۇنداق دەيدۇ: "سىز بۇ ھۆججەتكە قارىسىڭىز، ئاساسلىقى ئاخبارات، مەتبۇئات ۋە ئىنتېرنەت تور بەتلىرىدە ئاتىئىزىم تەشۋىقاتى ئېلىپ بارىدىغان مەخسۇس بەت ئېچىشنى، ئالى مەكتەپ، پەن-تېخنىكا سېپىدىكىلەر، شۇنداقلا ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ ئاتىئىزىم تەرىبىيىسى ئېلىپ بېرىشىنى تەلەپ قىلغان. بۇ كەڭ كۆلەملىك، كۆپ قاتلاملىق ۋە كۆپ تەرەپلىمىلىك ئاتىئىزىم تەشۋىقات ھەرىكىتى بولۇپ، مەقسىتى ئاتالمىش فېئودال خۇراپاتلىققا زەربە بېرشتۇر."

خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ يىلنىڭ باشلىرى خوتەندىكى ئاتاغلىق دىنىي زات ئابدۇلئەھەد مەخسۇمنى قانۇنسىز دىنىي مەكتەپ ئېچىپ، بالا تەربىيىلەش بىلەن ئەيىپلەپ قولغا ئالغان. ئابدۇلئەھەد مەخسۇم، 1930 - يىللاردىكى ئۇيغۇر مىللىي ئازاتلىق ھەرىكىتىنىڭ ئاتاقلىق رەھبىرى مەمتىمىن بۇغرانىڭ جىيەنى ئىدى.

دىنىي ئېتىقات ئەركىنلىگى جەھەتتە ھىچقانداق ئىلگىرلەش بولمىدى

فۇ شىچيۇ، خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ خۇراپاتلىققا بەرگەن ئېنىقلىمىسى ئۆز ئىھتىياجىغا كۆرە بەلگىلەنگەن. شۇڭا خىتايدا نۇرغۇن دىنىي پائالىيەتلەر زەربە بېرىش نىشانىغا كىرگۈزۈلدى، دەپ كۆرسەتتى. بەزىلەر خىتايدا خۇ جىڭتاۋ- ۋېنجياباۋ گۇرۇھى ھاكىمىيەت ئۈستىگە چىققاندىن كېيىن بەزى خەلقپەرۋەر ھەرىكەتلەرنى ئېلىپ باردى، دەپ قارايدۇ. بىراق فۇ شىچيۇ، خىتاينىڭ دىنىي ئېتىقات ئەركىنلىكىنى چەكلەش سىياسىتىدە ھازىرغا قەدەر ھىچقانداق ئۆزگىرىش بولمىدى، دەپ كۆرسەتتى.

فۇ شىچيۇ مۇنداق دەيدۇ: ھېچقانداق ئىلگىرلەش بولمىدى، ئەكسىنچە كەينىگە چېكىندى. مەن ئىگىلىگەن مەلۇماتلارغا قارىغاندا، يېقىنقى 4 ئاي ئىچىدە 400 يەر ئاستى دىنىي جەمئىيەتنىڭ دىن مىسيۇنىرلىرى، كاتولىك جەمئىيىتىنىڭ پوپلىرى قولغا ئېلىندى، نەزەربەند قىلىندى ياكى قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى." فۇ شىچيۇ، ھەر قايسى ساھەلەردىكى ئامېرىكىلىق زاتلارنى بۇش ھۆكۈمىتىگە تېلېفون قىلىپ ياكى خەت يېزىپ، خىتايدا كىشىلىك ھوقۇقنىڭ ياخشىلىنىشى ئۈچۈن كۈچ چىقىرىشقا چاقىردى.

ئاتىئىزىم تەربىيىسىنىڭ نىشانى ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان

فۇ شىچيۇ، پەيشەنبە كۈنى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە خىتايدىكى دىنىي ئېتىقات ئەركىنلىكىنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە گۇۋالىق بەردى. فۇ شىچيۇنىڭ ئاشكارىلىشىچە، خىتاي كومپارتىيىسى خىتاينىڭ غەربىي ۋە چېگىرا رايونلاردا ئاتىئىزىم تەربىيىسىنى كۈچەيتىشنى ئالاھىدە تەكىتلىگەن.

فۇ شىچيۇ مۇنداق دەيدۇ : "بولۇپمۇ كومپارتىيىنىڭ ھۆجىتىدە خىتاينىڭ غەربىي ۋە چېگىرا رايونلاردىكى پارتىيە مەكتەپلىرىنى، مەمۇرى ئىنىستىتۇتلارنى شۇ جايلارنىڭ كۆپ مىللەت، كۆپ خىل دىنلار مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشتەك ئەمىلىيىتى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، يەرلىكتىكى رەھبىرى كادىرلارغا قارىتىلغان ئاتىئىزىم تەربىيىسىنى كۈچەيتىش كېرەك، دەپ يازغان." خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ ھۆججىتىدىكى خىتاينىڭ غەربىي ۋە چىگىرا رايونلار، ئاساسلىقى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايوننى كۆزدە تۇتىدىكەن..

خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا مۇسۇلمان ئوقۇغۇچىلار، كادىرلار ۋە دۆلەت شتاتىدىكى زىيالىلارنىڭ ناماز ئوقۇشىنى، مەسچىتكە بېرىشىنى، روزا تۇتۇشىنى چەكلەپ كېلىۋاتىدۇ. ئىگىلىشىمىزگە قارىمغاندا، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ جەنۇبىدىكى ئاساسىي قاتلام كادىرلىرىنى بۇ يىلقى رامىزان جەريانىدا ھەر كۈنى ھەقسىز زىياپەتكە ئورۇنلاشتۇرغان. (ئەركىن)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.