خىتايدا دىنغا ئېتىقاد قىلغۇچىلارنىڭ سانى 300 مىليونغا يەتتى
2007.02.09
خىتاي دىنىي ئىشلار باشقۇرۇش ئىدارىسى خىتايدا ئىسلام دىنى، بۇددا دىنى، خرىستىئان دىنى ۋە كاتولىك دىنى قاتارلىق تۈرلۈك دىنغا ئېتىقاد قىلغۇچىلارنىڭ سانىنى 120 مىليون دەپ ئېلان قىلغان. لېكىن يېقىندا خىتايدا ئېلىپ بېرىلغان بىر قېتىملىق تەكشۈرۈشتىن مەلۇم بولۇشىچە، ھازىر خىتايدا تۈرلۈك دىنلارغا ئېتىقاد قىلغۇچىلارنىڭ ھەقىقىي سانى خىتاي ھۆكۈمىتى ئېلان قىلغان ساندىن 2 ھەسسە ئارتۇق ئىكەن. يەنى 300 مىليونغا يەتكەن ئىكەن.
كۆپلىگەن ئانالىزچىلار خىتايدىكى دىنغا ئېتىقاد قىلغۇچىلارنىڭ بۇنداق تېز سۈرئەتتە كۆپىيىپ كېتىشىنى ھەيران قالغۇدەك ئىش ئەمەس دەپ تەكىتلەپ"ھازىر خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيىسى خەلق ئارىسىدا كوممۇنىزمى ئىلگىرىكىدەك تەشۋىق قىلىش كۈچىدىن قالدى، كوممۇنىزمغا ئىشىنىدىغان كىشىلەرمۇ يوق دىيەرلىك ھالەتكە يەتتى. ھەتتا كومپارتىيىنىڭ ئالىي دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرىمۇ كوممۇنىزمغا ئىشەنمەيدىغان بولدى. كۆپلىگەن كىشىلەر مېھرىبانلىق، تىنىچلىق ۋە ئادەلەتلىكنى نىشان قىلغان دىنلارغا ئېتىقاد قىلىپ، ئۆز ھاياتىنى مەنىلىك ئۆتكۈزۈشكە تىرىشىۋاتىدۇ. خەلقنىڭ كوممۇنىزمغا بولغان ئېتىقادىنىڭ بارغانسېرى يوقىشى بىلەن، خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ ھۆكۈمرانلىق قىلىش دەۋرىمۇ ئۇزۇنغا قالماي ئاياقلىشىدۇ" دەپ بىلدۈرمەكتە.
ئامېرىكا لوچىستېر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى تارىخشۇناس جۇ يۇڭدﯤ ئەپەندى "خىتاي كومپارتىيىسى ئۆزى دىنسىز بولغىنى بىلەن، ھۆكۈمرانلىق ھوقۇققا ئىگە بولۇپلا، يەنى 1949 - يىلىدىن باشلاپ كىشىلەرنى ماۋ زېدۇڭغا تەلۋىلەرچە چوقۇندۇرۇشقا باشلىغان. كىشىلەر خۇدا، ئەيسا ياكى بۇتقا ئەمەس، بلكى ماۋ زېدۇڭغا ئېتىقاد قىلىدىغان بولدى" دەپ كۆرسەتتى. ئۇ يەنە 1974 - يىلى، ئۆزى تۇنجى قېتىم خىتايغا قايتقىنىدا، ھەممىلا ئۆيدە دېگىدەك ماۋ زېدۇڭنىڭ رەسىمىنىڭ ئېسىغلىق تۇرغانلىقىنى شۇنداقلا كىشىلەرنىڭ ھەر كۈنى دېگىدەك ماۋ زېدۇڭنىڭ رەسىمىگە قاراپ، خۇددى بۇتقا چوقۇنغاندەك تازىم قىلىپ، ئۇنىڭدىن ئامانلىقنى تىلەيدىغانلىقىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەنلىكىنى مەلۇم قىلدى.
ۋاشىنگتوندىكى خىتاي ئۇچۇر مەركىزىنىڭ تەتقىقاتچىسى لياۋ تيەنچى خانىم "60 – ۋە 70 - يىللاردا، خىتايدا كىشىلەرنىڭ دىنغا ئېتىقاد قىلىشى پۈتۈنلەي مەنئىي قىلىنغان، بارلىق بۇتخانا، چېركاۋ ۋە مىچىتلەر تاقىۋىتىلگەن. كىشىلەر قەلبىدە دىنغا بولغان ئېتىقاد ئەمەس بەلكى ماۋ زېدۇڭغا بولغان تەلۋىلەرچە چوقۇنۇش ئىنتايىن يۇقىرى پەللىگە يەتكەن. خىتايدا دىنغا بولغان ئېتىقاد 80 - يىللاردىن كېيىن ئاستا- ئاستا باش كۆتۈرۈشكە باشلىدى. قىسقىغىنا 20 يىل ئىچىدە خىتايدىكى كىشىلەر ئارىسىدا دىنغا بولغان ئېتىقادنىڭ بۇنداق تېز سۈرئەتتە ئەسلىگە كېلەلىشى نۇرغۇن مەسىلىلەرنى كۆرسىتىپ بېرەلەيدۇ" دەپ بىلدۈردى.
ئامېرىكا لوچىستېر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى تارىخشۇناس جۇ يۇڭدﯤ ئەپەندى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان تۈرلۈك دىنىي پائالىيەتلەرنى قاتتىق باستۇرۇپ كېلىۋاتقانلىقىنى ھەمدە كىشىلەرنىڭ دىنىي ئەركىنلىكىنى خالىغانچە دەپسەندە قىلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ " كىشىلەرنىڭ دىنغا بولغان ئېتىقادىنى بۇنداق چەكلەيمەن دېيىش پۈتۈنلەي خاتا. زوراۋانلىق قىلىش بىلەن مەسىلىنى ھەل قىلغىلى بولمايدۇ. بۇنداق قىلىشنىڭ ئاقىۋىتى خەلقنىڭ قوزغۇلاڭ كۆتۈرۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ " دەپ بىلدۈردى.
يېقىندا ۋەتەندىن گېرمانىيىگە چىققان بىر خانىم ئۇيغۇر ئېلىدىكى دىنىي ۋەزىيەت ھەققىدە توختىلىپ" گەرچە خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدە دىنىي ئەركىنلىكنى قاتتىق كونترول قىلىپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئىسلام دىنىغا بولغان ئەركىنلىكىنى ھەرگىزمۇ توسۇپ قالالمايدۇ" دەپ بىلدۈردى. (مېھرىبان)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- خىتاي دىنغا بولغان بېسىمنى كۈچەيتمەكتە
- ئامېرىكا: خىتاي ھۆكۈمىتى دىنىي ئەركىنلىككە داۋاملىق خىلاپلىق قىلماقتا
- كاتولىك دۇنياسىنىڭ لېدىرى، رىم پاپاسى بېنېدىكت 16 نىڭ تۈركىيە زىيارىتى داۋام قىلماقتا
- ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى خىتاينىڭ ئەركىنلىك ئەھۋالى ھەققىدە ئىسپات بېرىش يىغىنى ئۆتكۈزدى
- ۋاڭ لېچۈەن، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا يولغا قويۇۋاتقان دىنىي باستۇرۇش سىياسىتىنى ئاقلىدى
- خىتاي دائىرىلىرى رامىزان ئېيىدا دىنىي باشقۇرۇشنى تېخىمۇ كۈچەيتمەكتە
- ئەركىنلىكنى ئاللاھ ئۆزى ھەر بىر ئىنسانغا تەقدىم قىلغان
- ساقال قويۇش جىنايەتمۇ؟
- خىتاي ھۆكۈمىتى تۈنىگەنلەرنى جازالىماقتا