'دىن ۋە ھايات ' ناملىق كىتاب نەشىردىن چىقتى

" ئىسلامدىكى ئائىلە تۈزۈمى"، "ئىسلام ئەقىدىلىرى" ۋە "ئىسلام دىنىدىكى ناماز" قاتارلىق ئۇيغۇرچە دىنىي ئەسەرلەرنىڭ ئاپتورى، مىسىرنىڭ دۇنياغا داڭلىق ئەڭ قەدىمى بىلىم يۇرتى ئەزھەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ شەرىئەت ۋە قانۇن فاكۇلتېتىنى پۈتتۈرۈپ بولۇپ، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تۈركىي جۇمھۇرىيەتلىرىنىڭ بىرىدە، بىر قانچە يىل ئوقۇتقۇچىلىق قىلغاندىن كېيىن، سەئۇدى ئەرەبىستاندا ئىلمىي ئىشلار بىلەن شۇغۇللىنىپ كېلىۋاتقان مۇھەممەد يۈسۈپنىڭ "دىن ۋە ھايات (1600سوئالغا جاۋاب)" ناملىق ئەسىرى، سەئۇدى ئەرەبىستان مەدەنىيەت ۋە تەشۋىقات مىنىستىرلىكىنىڭ تەستىقلىشى بىلەن سەئۇدى ئەرەبىستاندا نەشىردىن چىقتى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ ﺗﺎﺭﯨﻢ
2010.01.26
Din-we-hayat-kitap-305.jpg ﺳﯜﺭﻩﺕ، 'ﺩﯨﻦ ﯞﻩ ﻫﺎﻳﺎﺕ (1600 ﺳﻮﺋﺎﻟﻐﺎ ﺟﺎﯞﺍﺏ)' ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﻛﯩﺘﺎﺑﻨﯩﯔ ﻣﺎﻗﺎﯞﺍ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺷﻰ.
RFA Photo / Erkin Tarim

بۇ ئەسەر تىل جەھەتتىن ئاممىباب، چۈشىنىشلىك ھەم ئىخچام قىلىپ ھازىرلانغان بولۇپ، جەمئىي 7 بۆلۈمدىن تەركىپ تاپقان. ئۇلار  تۆۋەندىكىچە:

بىرىنچى بۆلۈم : ئېتىقاد ۋە ئۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەر
ئىككىنچى بۆلۈم: ئىبادەت ۋە ئۇنىڭ تۈرلىرى ھەم ئەھكاملىرى
ئۈچىنچى بۆلۈم: ئەخلاق ۋە ئۇنىڭ ئەھمىيىتى
تۆتىنچى بۆلۈم: مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ تەرجىمىھالى
بەشىنچى بۆلۈم: مۇئامىلە ۋە ئۇنىڭ ئەھكاملىرى
ئالتىنچى بۆلۈم: ھارام ۋە چەكلەنگەن ئىشلار
يەتتىنچى بۆلۈم: ئىسلامىي بىلىملەردىن قىسقىچە مەلۇمات

ئەسەرنىڭ بىرىنچى، ئىككىنچى ، ئۈچىنچى ۋە تۆتىنچى بۆلۈملىرى ئاساسەن ياش - ئۆسمۈرلەرگە تەربىيە بېرىش نۇقتىسىدىن ھازىرلانغانلىقتىن، سوئاللارنىڭ جاۋابلىرى ئىخچام بولۇپ، ئىختىلاپسىز مەسىلىلەر تاللاپ ئېلىنغان. ئەمما ئۇنىڭ بەشىنچى، ئالتىنچى ۋە يەتتىنچى بۆلۈملىرى ئومۇمەن چوڭلارغا مۇناسىپراق  بولغانلىقتىن، جاۋابلار بىر ئاز كېڭەيتىپ بېرىلگەن ۋە مەسىلىلەرنىڭ مەنبەلىرى ئىمكان قەدەر تولۇق كۆرسىتىلگەن.

كىتابنىڭ ئومۇمىي بەت سانى 925 بەت بولۇپ، چوڭ ھەجىملىك ۋە قاتتىق مۇقاۋىلىق قىلىپ بېسىلغان.

ئاپتور مەزكۇر ئەسەرنىڭ مۇقەددىمىسىدە، بۇ ئەسەرنى تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دەپ يازغان: "بۇ ئەسەرنى ھازىرلاش ئىشى ئۇزۇن مۇددەتلىك قىيىن ۋە جاپالىق ئەمگەك بولدى. بۇ ئەسەرنىڭ ئومۇمغا مەنپەئەتلىك، چۈشىنىشلىك ۋە تولۇق بىر ئەسەر بولۇپ چىقىشى ئۈچۈن ئىقتىدارىمنىڭ يېتىشىچە تىرىشتىم، كىتابىمنى ئەڭ ئىلغار ۋە ئومۇمىي مۇسۇلمانلار ئارىسىدا بىرلىككە كېلىنگەن، ئىختىلاپسىز پىكىرلەر بىلەن بېيىتتىم. دوستلىرىمنىڭ، كەسىبداشلىرىمنىڭ پىكىرلىرىنى ئالدىم ۋە ئاخىرقى نۇسخىنى ئۇلار كۆرۈپ چىققاندىن كېيىن مۇقىملاشتۇردۇم. بۇ كىتابنى كۆزدىن كەچۈرۈپ چىقىپ بېكىتىش ئىشىنى سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ ھەر قايسى ئالىي بىلىم يۇرتلىرىدا، پاكىستان ئىسلام ئۇنىۋېرسىتېتلىرىدا، شۇنداقلا مىسىر ئەزھەر ئالىي بىلىم يۇرتىدا ئىلىم تەھسىل قىلىپ، يۇقىرىسى دوكتۇرلۇقتىن باشلاپ تۆۋىنى باكلاۋىرلىق ئۇنۋانلىرىنى ئالغان ياش ئالىملار ئۈستىگە ئالغان ئىدى. بۇ ئەسەرنىڭ ھەر بىر ئۇيغۇر ئائىلىسىدە بىر نۇسخىدىن بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن."

بىز بۇ ئەسەر ھەققىدە  ئىسلام دىنى ئىلىم ئەھلىلىرىدىن جېلىل تۇران ۋە كۆپ ساندا دىنىي ئەسەرنى تەرجىمە قىلغان ژۇرنالىست ئازات بۇغرا ئەپەندىلەر ئۆز كۆز قاراشلىرىنى بايان قىلدى.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

پىكىر

Anonymous
Jan 27, 2010 12:19 AM

kandak usulda bu kitapni setiwalgili bolidu ?

Anonymous
Jan 27, 2010 03:21 PM

BU KITABNI NARDIN SETIWALGILI BOLIDU?