تەبىئىي پەن ئىلىملىرى بىلەن شۇغۇللىنىش ئىبادەتتۇر

كۆپلىگەن پەيلاسوپلار ۋە كاتتا ئالىملار «ئىلىم ئاللاھقا باشلايدۇ» دېگەن شۇئارنى بىردەك سۆزلىمەكتە. چۈنكى ياراتقۇچىنى تونۇش ۋە كائىناتنى بىلىش پەقەت ئىلىم سايىسىدە ئەمەلگە ئاشىدۇ.
ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئۆمەرجان
2013-01-18
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت


19 - ئەسىردە ئۆتكەن ئەنگىلىيىلىك مەشھۇر پەيلاسوپ ھېربېرت سپېنسر «تەربىيە» ناملىق ئەسىرىدە مۇنداق دەپ يازغان ئىكەن: «ئىلىم خۇراپات بىلەن زىتلىشىدۇ، ئەمما دىننىڭ ئەسلىسى بىلەن زىتلاشمايدۇ. كۆپلىگەن يۈزەكى تەبىئىي پەن ئىلىملىرىدە دىنسىزلىق روھى باردۇر. ئەمما يۈزەكىلىكتىن يۈكسىلىپ، ھەقىقىي مەنىدىكى ئىلىم سەۋىيىسىگە كۈتۈرۈلگەن ئىلىم مۇنداق دىنسىزلىق روھىدىن يىراقتۇر، ئەلۋەتتە. تەبىئىي پەن ئىلىملىرى بىلەن شۇغۇللىنىش ئىبادەتتۇر. چۈنكى تەبىئىي پەن ئىلىملىرىگە ئىچكىرىلەپ كىرىش بىز سىرلىرىغا يېتىپ بولالماي دەرتلىنىۋاتقان ۋە ئاستا ـ ئاستا بىلىۋاتقان شەيئىلەرنىڭ ئېسىللىكىنى ئېتىراپ قىلىش، ئاندىن ئۇلارنى ياراتقان زاتنىڭ چەكسىز قۇدرىتىنى تونۇش دېمەكتۇر. بۇ ئاغزاكى تەسبىھ (ئاللاھنى مەدھىيىلەش) ئەمەس، ئەمەلىي تەسبىھتۇر. مۇنداق ئىلىملەرگە قىلىنىدىغان ھۆرمەتمۇ مەنىسىز ھۆرمەت ئەمەس، بەلكى ئەقىل، تەپەككۇر ۋە ۋاقىتنى قۇربان قىلىش بەدىلىگە كەلگەن قىممەتلىك ھۆرمەتتۇر. بۇنداق ئىلىم كىشىلەرگە ئاللاھنىڭ قانداق شەكىل ۋە قانداق كەيپىياتتا ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈشنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكىنى بىلدۈرۈشتە ئىستىبدات يولىنى تۇتمايدۇ، لېكىن بىزگە بۇ مۇمكىن ئەمەسلىكنى چۈشەندۈرۈش ئۈچۈن مۇناسىپ يولنى تۇتىدۇ ۋە ئىنساننى ئەقلى يېتىدىغان بارلىق ساھەلەرگە باشلاپ بېرىپ، ئاخىرىدا ئەقىلنىڭ سىرتىدا بولغان چېگرادا توختايدۇ. شۇ ۋاقىتتا دەيدۇكى، ئىنساننىڭ ئەقلى شۇنچىلىك يەرگىچە يېتىدۇ، ئەمما ئەقىل ئىدراك قىلالمايدىغان ئالەملەر كۆپ!».

بىلىدىغانلار بىلەن بىلمەيدىغانلار تەڭ ئەمەس

قۇرئان كەرىمدە:«بىلىدىغانلار بىلەن بىلمەيدىغانلار ئوخشاش بولمايدۇ» دېيىلگەن. ھېربېرت سپېنسر خۇددى بۇ ئايەتنى شەرھىلىگەندەك مۇنداق دېگەن: «بىر تامچە سۇنى كۆرگەن ئالىم ئۇنىڭ ئوكسگېن بىلەن ھىدروگېندىن مەلۇم نىسبەتتە تەركىب تاپقان سۇ ئىكەنلىكىنى، ئەگەر ئۇ ئۆزىنىڭ شۇ نورماللىقىدىن ئۆزگىرىپلا كەتكەندە، سۇ ئەمەس، باشقا نەرسىگە ئايلىنىپ قالىدىغانلىقىنى ئوبدان بىلىدۇ. بۇنىڭدىن ئاللاھ تائالانىڭ قۇدرىتىنى ۋە ھېكمەت بىلەن شۇنداق ئورۇنلاشتۇرغانلىقىنى چۈشىنىدۇ. مۇنداق ئالىمنىڭ ئىلمى سۇ تامچىسىنى پەقەت بىر تامچە سۇ خالاس، دەپ بىلىدىغان ئالىمنىڭ ئىلمىدىن ئەلۋەتتە يۇقىرى ۋە كۈچلۈك ئىلىمدۇر. شۇنىڭدەك، بىرتال قار دانىسىنى كۆرگەن ئالىممۇ ئۇنىڭدىكى بەدىئىي سەنئەتنى، دىققەت بىلەن لايىھىلەنگەن گۈزەللىكنى كۆرىدۇ. شۈبھىسىزكى، بۇنىڭ بىلەن ئاللاھنىڭ ماھارىتىنى ۋە ھېكمەتلىك ئىش قىلىدىغانلىقىنى بىلىدۇ. ئەمما شەيئىلەرگە يۈزەكى باقىدىغان ئالىم قار دانىسىنى «مۇزلىغان سۇ» دەپلا كۆرىدۇ، بەس».

تولۇق بەت