دىيانەت ۋە ئەخلاق ئۆلچىمى

ھازىرقى زامان دىندارلىرى ئىچىدە يۈز بەرگەن ئەڭ زور كرىزىس دىيانەت بىلەن ئەخلاق ئىككىسىنى بىر - بىرىگە باغلىيالماسلىق، ئېنىقراق ئېيتقاندا، شەكلىي ئىبادەتلەرنى ئورۇنداپ قويۇش بىلەن كۇپايىلىنىپ، ئەخلاقىي تەرەپلەرگە ئەھمىيەت بەرمەسلىك ياكى گۈزەل ئەخلاقنىڭمۇ ئىبادەت ئىكەنلىكىنى چۈشەنمەسلىكتۇر.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﯚﻣﻪﺭﺟﺎﻥ ﺗﻮﺧﺘﻰ
2009.02.26

شۇڭا ئۆزىنى دىندار دەپ سانايدىغان بەزى كىشىلەر گۈزەل ئەخلاقتا باشقىلارغا ئۈلگە بولۇشنىڭ ئورنىغا، ئالدامچىلىق، يالغانچىلىق، ساختىپەزلىك قاتارلىق ناچار ئەخلاقى سەۋەبلىك ئۆزى مەنسۇپ بولغان دىننىڭ، توغرىسى مۇسۇلمانلىقنىڭ شەنىگە داغ تەككۈزىدۇ. چۈنكى ئۇلار بەش پەرزگە ئوخشاش بەزى مۇھىم ئىبادەتلەرنىلا دىن قاتارىدىن ساناپ كەلگەنلىكتىن، "دىن - مۇئامىلە" ئىكەنلىكىنى، " بىزنى ئالدايدىغانلار بىزدىن ئەمەس" ۋە " ئىمانى ئەڭ كامىل ئادەم ئەڭ ئەخلاقلىق بولغىنىدۇر" دېگەن ھەدىسلەرنىڭ روھىنى بىلمەيدۇ.

سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ مەدىنە مۇنەۋۋەرە شەھىرىدىكى ئىسلام ئۇنىۋېرسىتېتىنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن مەككىدە ئىلمىي خىزمەتلەر بىلەن بولىۋاتقان ئابدۇلئەزىز ئەپەندى بۇ ھەقتىكى سۆھبىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئىدى.

ئابدۇلئەزىز ئەپەندى بىلەن سۆھبەت

ئابدۇلئەزىز ئەپەندى دىيانەت بىلەن ئەخلاق ھەققىدە مۇنداق دېدى:" بىراۋنىڭ قانداق ئادەم ئىكەنلىكى، ئەخلاقىنىڭ قانچىلىك دەرىجىدە ئىكەنلىكى ئۇنىڭ باشقىلار بىلەن بولغان مۇئامىلىسى ئارقىلىق ئىپادىلىنىدۇ. كىشىلەرگە ئۇلارنىڭ تاشقى قىياپىتىگە، چىراي شەكلىگە ياكى ئىبادەتلىرىنىڭ كۆپلۈكىگە قاراپ ئەمەس، پەقەت مۇئامىلىسىگە قاراپ باھا بەرگىلى بولىدۇ. ئىسلام دىنى مۇسۇلمانلارنى ئىسلام ئەخلاقىنى ئۆلچەم قىلغان ھالدا پۈتۈن ئىنسانىيەتكە ياخشى مۇئامىلە قىلىشقا، ھەتتا ھايۋانلارغىمۇ رەھىم - شەپقەتلىك بولۇشقا، شۇنداقلا بارلىق مۇئامىلىلەردە توغرا، ئادالەتلىك، ھەققانىي بولۇشقا چاقىرىدۇ. چۈنكى ھەر قانداق بىر جەمئىيەت كىشىلىرىنىڭ ئۆز ئارا ئىناقلىقى، خاتىرجەم ھالدا بەختلىك ھايات كەچۈرۈشى شۇ جەمئىيەتتە ياخشى مۇئامىلىنىڭ ئومۇملىشىشىغا باغلىقتۇر. ۋەزىپىسىنى قېتىرقىنىپ ئىخلاس بىلەن ئورۇنداش، باشقىلارنىڭ غېمىنى يېيىش ۋە ئۆز ئارا بىر - بىرىگە كۆيۈنۈش قاتارلىق ياخشى ئادەتلەرنىڭ ھەممىسى ياخشى مۇئامىلىنىڭ مەھسۇلىدۇر."

دىن - مۇئامىلىدۇر

ئابدۇلئەزىز ئەپەندى"دىن - مۇئامىلىدۇر" دېگەن سۆز ھەققىدە توختۇلۇپ مۇنداق دېدى:" ئىسلام ئۆلىمالىرىنىڭ قەدىمدىن بىرى تەكرارلاپ كەلگەن " دىن - مۇئامىلىدۇر"دېگەن سۆزىگە دىققىتىمىزنى ئاغدۇرغىنىمىزدا، مۇسۇلمانچىلىقتا ياخشى مۇئامىلىنىڭ قانچىلىك ئەھمىيەتلىك ئىكەنلىكىنى بىلىمىز. بۇنىڭغا ئاساسەن دېيەلەيمىزكى، دىيانەت ياكى دىندارلىق ئىبادەتلەرنى ئورۇنلاپ قويۇش بىلەنلا ئەمەس، يۈرۈش - تۇرۇش، ئەخلاق ۋە باشقىلارغا بولغان مۇئامىلىلەردە ئىپادىلىنىدۇ. زامانىمىزدا، تاشقى قىياپىتىدە دىيانەتلىك كۆرۈنىدىغان، ئەمما ئىچكى دۇنياسى بۇزۇق كىشىلەرمۇ كۆپ. مەسىلەن: ئىسلامنىڭ تاشقى ئىبادەتلىرىنى تولۇق ئورۇندايدىغان، بەش ۋاخ نامىزىنى تەرك قىلمايدىغان، كىشىلەرنىڭ كۆزىدە ئەڭ دىندار كۆرۈنىدىغان، ئەمما باشقىلار بىلەن بولغان مۇئامىلىسىدە بۇلارنىڭ ئەكسىچە بولۇپ، جورىسىغا ۋە بالىلىرىغا قوپال مۇئامىلە قىلىدىغان، ئەتراپىدىكىلەرگە چوڭلۇق قىلىدىغان، ئۇنىڭ بىلەن مۇئامىلە قىلغانلارنى جاق تويغۇزىدىغان، باغرى قاتتىق ئادەملەر بار. مۇنداقلار ئۆزلىرىنى دىندار ۋە ئەخلاقلىق دەپ سانىسىمۇ. ئاللاھ ئۇلارنى ئۇنداق سانىمايدۇ."

دېمەك، دىيانەت مۇئامىلە ۋە ئەخلاق بىلەن ئۆلچۈنىدۇ، يەنى كىمنىڭ دىيانەتلىك ئىكەنلىكىنى ئۇنىڭ كۆپ ناماز ئوقۇغانلىقىدىن ياكى كۆپ سەدىقە بەرگەنلىكىدىن ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭ باشقىلارغا قىلىدىغان مۇئامىلىسى ۋە ئەخلاقىدىن بايقىغىلى بولىدۇ.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.