دېڭ شاۋپىڭ خاندانلىقىنىڭ چېگرا رايون سىياسىتى (4)

ئامېرىكىدا تىبەتچە، خىتايچە ۋە ئىنگلىزچە چىقىدىغان 'تىبەتكە نەزەر' ژۇرنىلىنىڭ 42‏ - سانىدا ئېلان قىلىنغان 'دېڭ شاۋپىڭ خاندانلىقىنىڭ چېگرا رايون سىياسىتى' دېگەن ماقالىدە بايان قىلىنىشىچە، مەركىزى كومىتېتنىڭ باش سېكرېتارى خۇ ياۋباڭ تىبەتتىكى مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئۈچۈن 'ئالتە ماددا' لىق سىياسەت بەلگىلىدى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﯞﻩﻟﻰ
2010.04.27
Xitay-reisi-Ding-shiao-ping-herbi-paratta-305.jpg ﺳﯜﺭﻩﺕ، ﺧﯩﺘﺎﻱ ﺳﺎﺑﯩﻖ ﺭﻩﺋﯩﺴﻰ ﺩﯨﯔ ﺷﯩﺌﺎﯞﭘﯩﯖﻨﯩﯔ ﺧﯩﺘﺎﻱ ﺋﺎﺭﻣﯩﻴﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﭘﺎﺭﺍﺗﯩﻨﻰ ﻛﯚﺯﺩﯨﻦ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﯞﺍﺗﻘﺎﻥ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺷﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮﻯ.
RFA File

بۇ سىياسەتنى 'شىنجاڭغىمۇ ماس كېلىدۇ' دەپ جاكارلىغاندىن كېيىن، ۋاڭ جېن، دېڭ لىچۈنلەر بۇ سىياسەتنىڭ ئىجرا قىلىنىشقا كاشىلا قىلغان.

ئامېرىكىدا تىبەتچە، خىتايچە ۋە ئىنگلىزچە چىقىدىغان 'تىبەتكە نەزەر' ژۇرنىلىنىڭ 42‏ - سانىدا ئېلان قىلىنغان 'دېڭ شاۋپىڭ خاندانلىقىنىڭ چېگرا رايون سىياسىتى' دېگەن ماقالىنىڭ ئاپتورى بايانىنى مۇنداق داۋاملاشتۇرىدۇ: مەركىزى كومىتېتنىڭ باش سېكرېتارى خۇ ياۋباڭ تىبەتتىكى مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئۈچۈن 'ئالتە ماددا' لىق سىياسەت بەلگىلىدى، بۇنى 'شىنجاڭغىمۇ ماس كېلىدۇ' دەپ جاكارلىدى. بۇ سىياسەتكە ۋاڭ جېن، دېڭ لىچۈنلەر كاشىلا قىلدى.

بۇ ماقالىنىڭ ئاپتورى رۇەن مىڭ ئەپەندى خىتاي كوممۇنىست پارتىيە مەركىزى كومىتېتىنىڭ سىرلىرىنى ياخشى بىلىدىغان ئەرباب. ئۇ، بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇتقۇچى بولغان، مەركىزى پارتىيە مەكتىپىدە مەخسۇس سىياسەت تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللانغان. ئۈچىنچى ئومۇميىغىننىڭ قارارىنى يېزىشقا قاتناشقان. خۇ ياۋباڭنىڭ تىبەتنى ۋە شەرقىي تۈركىستاننى تەكشۈرۈپ - تەتقىق قىلىشقا قاتناشقان. خۇ ياۋباڭ جازالانغاندىن كېيىن، ئۇمۇ جازالانغان. ئۇ 4 - ئىيۇن ۋەقەسىدىن كېيىن چەتئەلگە قېچىپ چىققان.

خۇ ياۋباڭنىڭ تىبەتكە قارىتىلغان ئالتە ماددىلىق سىياسىتى

ئاپتور بايانىنى مۇنداق دەپ داۋاملاشتۇرىدۇ: خۇ ياۋباڭ تىبەت مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن 'ئالتە ماددا'لىق سىياسەت بەلگىلىدى. ئۇنىڭدا تىبەت ئاپتونوم رايونى كومپارتىيە رەھبەرلىكىدە تولۇق، مۇستەقىل ھالدا ئىگىلىك ھوقۇقىنى يولغا قويۇش؛ تىبەت خەلقى بىر نەچچە يىلغىچە باج تۆلىمەي، ئۆزىنىڭ ھال - كۈنىنى ياخشىلىۋېلىش؛ چارۋىچىلىق، دېھقانچىلىق ياكى باشقا كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىشنى تىبەتلەر ئۈچۈن ئۆزى تاللايدىغان، تىبەتلەرنى باي قىلىدىغان ئىقتىسادىي سىياسەت قوللىنىش؛ دۆلەت مەبلەغ ئاجرىتىپ تىبەت ئەنئەنىسىنى ساقلاش ۋە ھەر يىلى تىبەتلەر ئۈچۈن بىر نەچچە خىل ياخشى ئىش قىلىپ بېرىش؛ تىبەتنىڭ يەرلىك مائارىپ، سەنئەت، مۇزىكا، تىبابەت ئىشلىرىنى تەرەققى قىلدۇرۇش؛ ئۈچ يىل ئىچىدە تىبەتتىكى دۆلەت كادىرلىرىنىڭ 3 تەن 2 قىسمىنى تىبەتلەردىن قىلىش دەپ ئېنىق بەلگىلەندى. بۇنىڭ يەنە تەپسىلى تارماق ماددىلىرى بار ئىدى.

ۋاڭ جېن، دېڭ لىچۈن ۋەكىللىكىدىكى چوڭ خىتايچىلار 'ئالتە ماددا'غا توسقۇنلۇق قىلدى

خۇ ياۋباڭ تىبەت مەسىلىسىنى ھەل قىلىدىغان 'ئالتە ماددا'لىق سىياسەتنى ئېلان قىلغاندىن كېيىنلا، 1980‏ - يىلى 7‏ - ئاينىڭ 10 ‏- كۈنى، 'شىنجاڭ مەسىلىسى' نى ھەل قىلىش ئۈچۈن، مەركىزى كومىتېتنىڭ سېكرېتارىيات يىغىنى ئاچتى. خۇ ياۋباڭ يىغىندا، شىنجاڭ مەسىلىسى تىبەت مەسىلىسىدەك مۇرەككەپ ئەمەس، ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي مەبۇتى يوق، چەتئەللەردە مۇھاجىرەتتە تۇرۇۋاتقان ھۆكۈمىتىمۇ يوق، ئۇلارنىڭ مۇستەقىل بولۇشىنى قوللايدىغان چەتئەل ھۆكۈمەتلىرىمۇ يوق. شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي، مەدەنىيەت، قاتناش شارائىتى تىبەتتىن ياخشى، بۇ رايوندىكى مەسىلىنى ھەل قىلىش قېيىن ئەمەس دەپ كۆرسەتتى.

ئەمما خۇ ياۋباڭ ئەينى ۋاقىتتا، ۋاڭ جېن، دېڭ لىچۈن ۋەكىللىك قىلىۋاتقان چوڭ خىتايچى مۇتەئەسسىپلەر ئوتتۇرىغا چىقىپ، مەركىزى كومىتېتقا بىۋاستە توسقۇنلۇق قىلىشىنى، مەركەزنىڭ ھازىرقى تىبەت، شىنجاڭ سىياسىتىگە ھۇجۇم قىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ 1950‏ - يىللاردىكى چوڭ خىتايچىلىق خاتالىقى ئۈچۈن دېلو ئاغدۇرۇشىنى تەسەۋۋۇر قىلمىغان ئىدى. - خۇ ياۋباڭ چوڭ قالايمىقانچىلىقى پەيدا قىلدى، - دەپ ھۇجۇم قىلدى ئەينى ۋاقىتتا شى جۇڭشۈن شىنجاڭدىن قوغلىۋەتكەن دېڭ لىچۈن. ئۇ، خۇ ياۋباڭنىڭ خاھىشى مىللىي كادىرلارنى كۆتۈرۈپ خىتاي كادىرلارنى بېسىش.

خۇ ياۋباڭنىڭ سىياسىتىدە جاھانگىرلارنىڭ خىتاينى پارچىلايدىغانلىقى ۋە مىللىي رايونلاردا مىللىي بۆلگۈنچىلىكنىڭ خەۋپى بارلىقىدىن ئىبارەت بۇنداق بىر چوڭ مەسىلىگە نىسبەتەن سەزگۈرلۈك، چۈشەنچە يوق. ئۇ، ئەنگلىيە بىلەن ھىندىستان تىبەتنى، ئامېرىكا بىلەن رۇسىيە شىنجاڭنى پارچىلىۋالماقچى بولغان يۈز يىللىق تارىختا تامامەن سەل قارىدى. مىللىي رايونلاردا مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش بىرىنچى دەرىجىلىك چوڭ ئىش، ھەر قانداق ئىچكى سىياسەت مۇشۇ ئاساستا بولۇشى كېرەك دەپ قۇتراتقۇلۇق قىلدى.

دېڭ لىچۈننىڭ قۇتراتقۇلۇقى بىلەن ۋاڭ جېن ئوتتۇرىغا چىقىپ تېخىمۇ چوڭ ھۇجۇمغا ئۆتتى. شۇنىڭدىن كېيىن، ۋاڭ جېننىڭ شىنجاڭدىكى كونا ئەسكەرلىرى چوڭ جېدەل چىقاردى. تىبەتتە ۋە شىنجاڭدا كادىرلارنىڭ ئىدىيىسى قالايمىقانلاشتى.

مىللىي كادىرلار خۇ ياۋباڭنىڭ 'ئالتە ماددا' لىق سىياسىتى ئىجرا قىلىنماي قېلىشىدىن ئەنسىرەشكە باشلىدى

-- مەن شىنجاڭدا ئىككى ئاي تۇردۇم،‏‏-- دەپ بايانىنى داۋاملاشتۇرىدۇ ئاپتور، ‏-- 1981 ‏- يىلى كۈزدە، خۇ ياۋباڭ ماڭا تۆۋەنگە كۆپرەك بېرىپ تەتقىق قىلىشنى تاپشۇردى. جەنۇبقىمۇ، شىمالغىمۇ باردىم. ۋاڭ جېن شۇ ۋاقىتتا، خۇ ياۋباڭنىڭ 'ئالتە ماددا' لىق سىياسىتىنى ئىجرا قىلىشقا باشلىغان شىنجاڭ پارتكوم سېكرېتارى ۋاڭ فېڭنىڭ ئۈستىدىن دېڭ شاۋپىڭغا 'ئەرز' قىلدى. دېڭ شاۋپىڭ شىنجاڭغا گۇ جىڭشېڭنى ئەۋەتتى. ئۇ قايتىدىن ۋاڭ جېننىڭ 1950 ‏- يىللاردىكى چوڭ خىتايچىلىق سىياسىتىنى ئىجرا قىلىشقا باشلىدى.

‏‏-- مەركىزى پارتىيە مەكتىپىدىن شىنجاڭغا بارغان بىز (ئىككى كىشى) ھەممىنى كۆرۈپ تۇردۇق: دېڭ شاۋپىڭ شىنجاڭدا خۇ ياۋباڭنىڭ سىياسىتىنى ئىجرا قىلىۋاتقان ۋاڭ فېڭنى يۆتكىۋەتكەندىن كېيىن، شىنجاڭدىكى خىتاي كادىرلار ئوچۇق- ئاشكارا ھالدا مەركىزى كومىتېتنىڭ باش سېكرېتارى خۇ ياۋباڭغا بىۋاستە ھۇجۇم قىلىشقا باشلىدى. مىللىي كادىرلار بولسا خۇ ياۋباڭنىڭ 'ئالتە ماددا' لىق سىياسىتىنى ھېمايە قىلاتتى. ئەمما بۇ ۋاقىتتا، ئۇلار 'ئالتە ماددا' نىڭ شىنجاڭدا ئىجرا قىلىنماي قېلىشىدىن ئەنسىرەشكە باشلىدى.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.


پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.