كورلىدا يولغا قويۇلغان دىنغا ئىشەنمەسلىك ھەققىدىكى ۋەدىنامە ھەرىكىتى تەنقىدكە ئۇچرىدى

يېقىندا كورلا مائارىپ تارماقلىرى «دىنغا ئېتىقاد قىلماسلىق، دىن تارقاتماسلىق، ئىرادىسى قەتئىي ئاتېئىزمچىلاردىن بولۇش» ھەرىكىتى قوزغىدى.
مۇخبىرىمىز ئەركىن
2012.03.22
korla-oqutquchi-qanunsiz-diniy-305.jpg كورلا شەھەرلىك 9-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىغا «دىنىي پائالىيەتلەرگە قاتناشماسلىق» ۋەدىنامىسىگە قول قويدۇرماقتا. 2012-يىلى مارت.
Boshun/korla sheherlik ma’arip uchuri tori

بۇ ئارقىلىق دائىرىلەرنىڭ مەزكۇر شەھەردىكى ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچى ۋە پېنسىيىدىكى ئۇيغۇر مائارىپچىلارغا دىنغا ئېتىقاد قىلماسلىق توغرىسىدا ۋەدىنامە يازدۇرغانلىقى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىدى.

چەتئەلدە چىقىدىغان «بوشۈن» تور بېكىتى تۇنجى بولۇپ چارشەنبە كۈنى ۋەدىنامە يېزىش ھەرىكىتى ھەققىدە خەۋەر ئېلان قىلىپ، ۋەدىنامىگە خىلاپلىق قىلغۇچىلارنىڭ جازالىنىدىغانلىقى ئاگاھلاندۇرۇلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. بوشۈن تور بېكىتى خەۋىرىدە يەنە، ئاتېئىزم يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان ۋە ۋەدىنامىگە ئىمزا قويۇۋاتقان كورلا 9 باشلانغۇچ مەكتەپتىكى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ سۈرىتى بېسىلغان ئىدى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋەدىنامىدە ئوقۇتقۇچىلارنىڭ دىنغا ئېتىقاد قىلماسلىقى، دىنىي پائالىيەتكە قاتناشماسلىقى تەلەپ قىلىنىپلا قالماي، پەرزەنت ۋە ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىنىڭ دىنىي پائالىيەتكە قاتناشماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلىش تەلەپ قىلىنغانلىقىنى خەۋەرنى ئېلان قىلغان. مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، ۋەدىنامىگە ئىمزا قويغۇچىلار كېلىشىمغا ئاساسەن يەنە باشقىلارنى كۆزىتىپ، ئۇلارنىڭ ھەر قانداق دىنىي ھەرىكىتىنى دائىرىلەرگە خەۋەر قىلىشقا مەجبۇر قىلىنغان.

ئۇيغۇر ئىلى ۋەزىيىتىدىن يېقىندىن خەۋەردار بەزى كۆزەتكۈچىلەر، بۇ ھەرىكەت ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى دائىرىلىرىنىڭ يېقىنقى ئايلاردىن بۇيان، ئۇيغۇر ئېلىدە قوزغىغان «دىنىي ئەسەبىيلىك» كە قارشى تۇرۇش ھەرىكىتىنىڭ قانچىلىك رادىكال تۈس ئالغانلىقىنىڭ بىر ئىپادىسى، دەپ كۆرسەتتى.

 ۋەدىنامە يازدۇرۇش ھەرىكىتى تۈنۈگۈندىن باشلاپ چەتئەلدىكى بەزى دىنىي جەمئىيەت ۋە بەزى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان. ئامېرىكىنىڭ تېكساس شتاتىنى بازا قىلغان ۋە ئۇيغۇر ئىلىنى يېقىندىن كۆزىتىپ كېلىۋاتقان دىنىي گۇرۇھلاردىن «جۇڭگوغا ياردەم جەمئىيىتى» ناملىق تەشكىلاتنىڭ مەسئۇلى بىشوپ فۇ، خىتاي ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا ئېلىپ بارغان بۇ ھەرىكىتى خىتاي ئاساسى قانۇنىنىڭ دىنىي ئەركىنلىك توغرىسىدىكى ماددىلىرىغا خىلاپ ئېغىر ۋەقە ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

بىشوپ فۇ: مەن يازما ۋە رەسىملەر ئارقىلىق ئىسپاتلانغان بۇ ھەقتىكى ئىشەنچلىك خەۋەرلەرنى ئوقۇدۇم. كورلا دائىرىلىرى يەرلىك ئوقۇتقۇچى ۋە باشقا پۇقرالاردىن دىنىي پائالىيەتكە قاتناشماسلىقنى تەلەپ قىلغان. مەجبۇرلاش خاراكتېرلىك بۇنداق بەلگىلىمە جۇڭگو ئاساسى قانۇنى ۋە مۇناسىۋەتلىك قانۇنلارغا ئېغىر دەرىجىدە خىلاپ. بۇ يەنە دۆلەتنىڭ مەمۇرى بۇيرۇق ئارقىلىق مەجبۇرى خۇداسىزلاشتۇرۇش ئېلىپ بېرىپ، شىنجاڭدىكى بالىلارنىڭ دىنىي تەلىم تەربىيىگە ئىگە بولۇش ھوقۇقىنى تارتىۋېلىۋاتقانلىقىنىڭ ئىپادىسى. بۇ ناھايىتى ئېغىر ۋەقە. بۇ خىل ھەرىكەت ئۆتكەن يىلى خۇبېي ئۆلكىسىدىمۇ ئېلىپ بېرىلىپ، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىدىن قانۇنسىز دىنىي پائالىيەتكە قاتناشماسلىق تەلەپ قىلىنغان. بۇنىڭ ھەممىسى قانۇنسىز قىلمىش. ئۇنىڭ مەقسىتى بالىلارنىڭ مېڭىسىنى ئاتېئىزم ئىدېئولوگىيىسىدە يۇيۇشتۇر. بىراق بۇ ئۇلار ئويلىغاندەك ئۈنۈم بەرمەسلىكى مۇمكىن. چۈنكى ئىدىيە ئەركىنلىكى تەڭرى ئىنسانلارغا ئاتا قىلغان بىر خىل نېمەت. ئەگەر ھۆكۈمەت ئۆزىنىڭ ئىدىيىسىنى مەجبۇرى تاڭسا، ئۇ چوقۇم ئەكسىچە ئۈنۈم بېرىدۇ، دەپ كۆرسەتتى.

كورلا مائارىپ دائىرىلىرىنىڭ ئوقۇتقۇچىلارغا ۋەدىنامە يازدۇرۇش ھەرىكىتى ئېلىپ بارغان بۇ ۋاقىت دەل ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتىنىڭ دوكلات ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ دىنىي سىياسىتىنى تەنقىد قىلغان پەيتكە توغرا كەلگەن ئىدى. ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتى ئالدىنقى كۈنى ئېلان قىلغان دوكلاتىدا خىتاي دانىلىرىنى ئاگاھلاندۇرۇپ، ئۇنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە ئېلىپ بارغان «دىنىي ئەسەبىيلىك، قانۇنسىز دىنىي يىغىلىشنى مەنئى قىلىش ۋە دىنىي ھېسسىياتنى ئاجىزلاشتۇرۇش» ھەرىكىتى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىلگىرىلەپ نارازىلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقى، بۇنىڭ ئۇلار باستۇرماقچى بولۇۋاتقان ئاتالمىش «ئەسەبىيلىك» نى يوقاتمايدىغانلىقى، بەلكى پەيدا قىلىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

لېكىن چەتئەلدىكى كۆپ قىسىم ئۇيغۇرلارنىڭ قارىشىچە، خىتاينىڭ نۆۋەتتىكى ئۇيغۇرلارغا قارشى يولغا قويۇۋاتقان دىنىي سىياسىتى ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي كىملىكىنى ئاجىزلاشتۇرۇپ، ئۇلارنى خىتاي جەمئىيىتىگە ئاسسىمىلياتسىيە قىلىشنى مەقسەت قىلىدۇ. شۋېتسىيىدە ياشايدىغان ئۇيغۇر مۇھاجىرى ۋە مۇزىكانت پەرھات ئەپەندى كورلىدىكى ۋەدىنامە يازدۇرۇش ھەرىكىتى ئۇنىڭ بۇ پىلانىنىڭ بىر پارچىسى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باياناتچىسى دىلشات رىشىتنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ۋەدىنامە يازغان ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئۇنىڭغا خىلاپلىق قىلغان ھەر قانداق بىر ھەرىكىتى بايقالسا، خىزمىتىدىن ھەيدىلىش، دەم ئېلىشقا چىققانلار بولسا پېنسىيە پۇلى توختىتىلىش قاتارلىق جازالارغا تارتىلىدىكەن.

بايىنغولىن ئوبلاستلىق دىنىي ئىشلار ئىدارىسىنىڭ بىر ئەمەلدارى تۈنۈگۈن رادىئومىزغا ئەسكەرتىپ، ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچىلارغا دىنىي ۋەدىنامە يازدۇرۇلغانلىقىنى رەت قىلغان بولسىمۇ، بىراق «كورلا مائارىپ ئۇچۇر بايلىقى تور بېكىتى» نىڭ خەۋىرىدە، مائارىپ دائىرىلىرىنىڭ 14‏-مارت پېنسىيىگە چىققان ئوقۇتقۇچىلارغا يىغىن ئېچىپ، «دىنىي پائالىيەتكە قاتناشلىق توغرىسىدا ۋەدىنامە» يازدۇرغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

 خەۋەردە ئىلگىرى سۈرۈلۈشىچە، دائىرىلەر ئوقۇتقۇچىلارغا ۋەدىنامە يازدۇرۇپ، «توغرا سىياسىي يولدا قەتئىي چىڭ تۇرۇش، مىللىي بۆلگۈنچىلىك، قانۇنسىز دىنىي پائالىيەتكە قارشى تۇرۇش، خۇداسىزلىقنى تەرغىب قىلىپ، دىنىي پائالىيەتكە قاتناشماسلىق، مەسىلە بايقالسا دەرھال مەلۇم قىلىش» ھەققىدە ۋەدە ئالغان.

«جۇڭگوغا ياردەم جەمئىيىتى» دىكى بىشىوپ فۇ خىتاي دانىلىرىنى ئاساسىي قانۇننىڭ دىنىي ئەركىنلىك توغرىسىدىكى ماددىلىرىغا رىئايە قىلىشقا چاقىرىپ، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى دائىرىلىرىنى دىنىي جەھەتتىكى بۇ خىل مەجبۇرلاش ھەرىكەتلىرىدىن ۋاز كېچىشكە چاقىردى.

ئۇ مۇنداق دېدى: جۇڭگو ھۆكۈمىتى خەلق سايلاپ چىققان ھۆكۈمەت ئەمەس. ئۇ ئىزچىل قانۇنى سالاھىيەت مەسىلىسىگە ئۇچراپ كەلدى. شۇڭا ھەرقانداق مۇستەقىل ياكى مۇستەقىللىق خاھىشلىرىغا ئىگە ھەر قانداق شەخس، ئىجتىمائىي ۋە دىنىي گۇرۇھلارغا گۇمانى ياكى دۈشمەنلىك بىلەن مۇئامىلە قىلىدۇ. بۇ نۇقتىدىن ئېيتقاندا ئۇنىڭ خەلق ئاممىسىنى خۇداسىزلىققا مەجبۇرلىشى تاسادىپىيلىق ئەمەس. بىراق مەن شۇنىڭغا ئىشىنىمەنكى ئۇنىڭ خەلقنى خۇداسىزلىققا مەجبۇرلايدىغان بۇ خىل قىلمىشى تېخىمۇ كۆپ نارازىلىق ۋە ئىناقسىزلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بىز جۇڭگو ھۆكۈمىتىنى بۇ خىل قالاق پىكىر قىلىش ئۇسۇلىدىن ۋاز كېچىپ، دىنىي ئىناقلىقنى ھەقىقىي ئىشقا ئاشۇرۇشقا، خەلقنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى ۋە ھوقۇقىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىشقا چاقىرىمىز. بىز يەنە ئاساسى قانۇندىكى بەلگىلىمىلەرنى ئىجرا قىلىپ، ئۇلارنىڭ ئېغزاكى، ئاق تاشلىق كىتاب ياكى جۇڭگو رەھبەرلىرىنىڭ چەتئەلگە چىققان بەرگەن جۇڭگو پۇقرالىرىنىڭ دىنىي ئەركىنلىك ھوقۇقى توغرىسىدىكى ۋەدىلىرىگە ئەمەل قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز. شۇنداق قىلغاندىلا جۇڭگو مىللىي، دىنىي ياكى ئاممىۋى يارىشىشنى ئىشقا ئاشۇرالايدۇ.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.