زىكىرىيا قارىھاجىم دىنىي تەلىم بەرگەنلىكى ئۈچۈن قولغا ئېلىنغان ۋە جەرىمانە تۆلىگەن
2008.02.20
ئىشەنچلىك ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، يېقىندا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ساقچىلىرى ئاقسۇ ۋىلايىتىگە قاراشلىق شايار ناھىيىلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ۋە ئىگەچى يېزىلىق چوڭ مەسچىتنىڭ ئىمامى زىكىرىيا قارىھاجىمنى تۇتقۇن قىلىپ بىر ئايدىن كېيىن قۇيۇۋەتكەن، ئەمما 80 مىڭ سومدىن ئارتۇق جەرىمانە تۆلەشكە مەجبۇر قىلغان.
زىكىرىيا قارى ھاجىمنىڭ خىتاي ساقچىلىرى تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنىش سەۋەبى، زىكرىيا قارىھاجىمنىڭ ئۆز ئۆيىدە ياش - ئۆسمۈرلەرگە دىنىي تەلىم بەرگەنلىكى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ،خىتاي ساقچىلىرى زىكىرىيا قارىھاجىمدىن دەرس ئالدى دەپ گۇمانلانغان 80 دىن بالىلارنىمۇ تۇتقۇن قىلغان ۋە سوراقتىن كېيىن ھەر بىر بالىغا ئاز دېگەندە 2500 سومدىن ئارتۇق جەرىمانە قويۇپ، قايتىدىن دىنىي دەرس ئالماسلىق ۋەدىسى بىلەن كاپالەتكە قويۇۋەتكەن.
بۇ ۋەقەدىن خەۋىرى بار بىر ياشنىڭ بىلدۈرۈشىچە، شايار ناھىيىسىدە بۇنداق دىنىي ۋە سىياسىي سەۋەبلەر بىلەن تۇتقۇن قىلىنىۋاتقانلارنىڭ سانى ناھايىتى كۆپ بولۇپ،خىتاي ساقچىلىرى ھەر زامان ئۆي-ئۆيلەرنى ئاختۇرۇپ، گۇمانلىق دەپ قارالغانلارنى خالىغانچە تۇتقۇن قىلىدىكەن.
شايار ناھىيىلىك زىكىرىيا قارىھاجىم، ئەسلى ئۈرۈمچىدىكى ئىسلام ئىنستىتۇتىنىڭ ھۆكۈمەت تەرىپىدىن تەربىيىلەشكە ئەۋەتىلگەن ئوقۇغۇچىسى بولۇپ، ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن ھۆكۈمەت تەرىپىدىن ئورۇنلاشتۇرغان ھەج ئۆمىكى تەركىپىدە سەئۇدى ئەرەبىستانغا بېرىپ ھەج قىلىپ كەلگەن ۋە شايار ناھىيىلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى قىلىپ ئۆستۈرۈلگەن. زىكىرىيا قارىھاجىم ھۆكۈمەت تەرىپىدىن مائاش ئېلىپ ئىماملىق قىلىۋاتقان دىنىي زاتلارنىڭ بىرى بولۇپ، ئىشتىن سىرتقى ۋاقىتلىرىدا ئۆز ئۆيىدە بالىلارغا دىنىي ساۋاق بېرىپ، ئەل ئىچىدە مەلۇم ئىناۋەتكە ئىگە بولغان. ئابدۇشكۇر سامساق ئەپەندى زىكىرىيا قارىھاجىم ھەققىدە بىزگە تەپسىلى ئۇچۇر يەتكۈزدى. (يالقۇن)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- ئۇيغۇر ياشلىرىنى ئۈمىدسىزلىككە ئىتتىرىۋاتقان ئامىللار توغرىسىدا
- ئۈرۈمچىدىكى ساقچى - ئەدىلىيە مەكتىپىدە توقۇنۇش يۈز بەردى
- قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرى ئۇيغۇر تىلى مائارىپىغا كۆڭۈل بۆلۈپ كەلمەكتە
- ئىستانبۇلدا ئۇيغۇرلارنىڭ يازلىق تەتىل كۇرسى مۇكاپاتلاش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى
- چەت ئەللەردىكى ئۇيغۇرلار پەرزەنتلىرىنىڭ ئانا تىل ئۆگىنىشىگە ئەھمىيەت بەرمەكتە
- قازاق مەكتەپلىرى تاقالماقتا
- شۋېتسىيىدىكى ئۇيغۇرلار ئانا تىل مەكتىپىنى تەبرىكلىدى
- ئۇيغۇرلارنىڭ پاسپورتىنى يىغىۋېلىش ۋەقەسى تۈركىيىدە غۇلغۇلا قوزغىدى
- ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ كەسپ ۋە مەكتەپ تاللاشتا كۆپ تەرەپلىمە چەكلىمىگە ئۇچرىشى ھەققىدە قاراشلار
- مۇسۇلمان ئاياللىرى ۋە ئىلىم - مەرىپەت
- كىچىك ئۇيغۇر قىزى ئارزۇ خەلقئارا كەشپىياتچىلار مۇسابىقىسىدە ئالاھىدە دەرىجىگە ئېرىشتى
- ئالىي مەكتەپكە ئىمتىھان بەرگەن ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار يەنىمۇ ئېغىر بېسىم ھەم ناھەق رىقابەتكە دۇچ كەلمەكتە
- خىتايدىكى رەھىمسىز جەڭ -ئالىي مەكتەپكە تاللاپ قوبۇل قىلىش ئىمتىھانى