ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتى خىتاينىڭ ئۇيغۇر قاتارلىق رايونلاردىكى دىنىي ئەركىنلىك خاتىرىسىنى تەنقىد قىلدى

ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتىنىڭ سەيشەنبە كۈنى ئېلان قىلىنغان 2012‏-يىللىق دوكلاتىدا خىتاي يەنە بىر قېتىم دىنىي ئەركىنلىك ۋەزىيىتى «ئالاھىدە دىققەت قىلىنىدىغان دۆلەتلەر» تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلدى.
مۇخبىرىمىز ئەركىن
2012-03-21
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
9 - ﺋﯩﻴﯘﻝ ﻛﯜﻧﻰ، ﺧﯩﺘﺎﻱ ﻗﻮﺭﺍﻟﻠﯩﻖ ﺋﺎﺭﻣﯩﻴﯩﺴﻰ ﺩﯙﯓ ﻛﯚﯞﺭﯛﻙ ﺗﯘﺭﭘﺎﻥ ﻣﯩﭽﯩﺘﯩﻨﻰ ﻗﺎﻣﺎﻝ ﻗﯩﻠﯩﭗ، ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻏﺎ ﺟﯜﻣﻪ ﻧﺎﻣﯩﺰﻯ ﺋﻮﻗﯘﺗﻤﯩﻐﺎﻥ.
9 - ﺋﯩﻴﯘﻝ ﻛﯜﻧﻰ، ﺧﯩﺘﺎﻱ ﻗﻮﺭﺍﻟﻠﯩﻖ ﺋﺎﺭﻣﯩﻴﯩﺴﻰ ﺩﯙﯓ ﻛﯚﯞﺭﯛﻙ ﺗﯘﺭﭘﺎﻥ ﻣﯩﭽﯩﺘﯩﻨﻰ ﻗﺎﻣﺎﻝ ﻗﯩﻠﯩﭗ، ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻏﺎ ﺟﯜﻣﻪ ﻧﺎﻣﯩﺰﻯ ﺋﻮﻗﯘﺗﻤﯩﻐﺎﻥ.
RFA Photo

خىتاينىڭ ئۇيغۇر، تىبەت، فالۇنگوڭچىلار، يەر ئاستى خرىستىئان جەمئىيەتلىرىگە قارشى يولغا قويغان سىياسىتى تەنقىد قىلىنغان.

دوكلاتتا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ پىكىر، ۋىجدان ۋە دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىنى قوغداش خەلقئارا مەجبۇرىيىتىگە داۋاملىق ئېغىر خىلاپلىق قىلىۋاتقانلىقى، دىنىي گۇرۇھلار ۋە شەخسلەر «دۆلەت بىخەتەرلىكى ۋە ئىجتىمائىي مۇقىملىققا تەھدىت» دەپ قارىلىپ، ئۇلارنىڭ پائالىيىتى ئېغىر چەكلىمە، پاراكەندىچىلىك، تۇتقۇن قىلىنىش، تۈرمىگە تاشلىنىش ۋە باشقا كەمسىتىشلەرگە ئۇچراۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.

331 بەتلىك دوكلاتنىڭ 20 بەتلىك قىسمىدا مەخسۇس خىتاينىڭ ئۆتكەن بىر يىللىق دىنىي ۋەزىيىتى بايان قىلىنىپ، بۇ بىر يىلدا تىبەت بۇددىستلىرى بىلەن ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ ئەھۋالى ئالاھىدە يامانلاشقانلىقى، شۇنداقلا يەنە ھۆكۈمەتنىڭ دىنىي زاتلارنى نەزەردىن چۈشۈرۈش، تۈرمىگە تاشلاش ھەرىكىتىنى كېڭەيتىپ، دىنىي ئۆلىمالارنى سايلاش ئىشلىرىنى كونترول قىلغانلىقى، نورمال دىنىي يىغىلىشنى چەكلەپ، ئۇيغۇر ۋە تىبەتلەرنىڭ دىنىي كىتابلارنى تارقىتىشىنى كونترول قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

دوكلاتنىڭ 20 بەتلىك مەزكۇر قىسمىدا يەنە، ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئەھۋالى ھەققىدە ئايرىم توختىلىپ، مۇنداق دېيىلگەن: «خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تېررورلۇق، بۆلگۈنچىلىك ۋە دىنىي دىنىي ئەسەبىيلىكتىن ئىبارەت ‹3 خىل كۈچلەر› نى يوقىتىش ھەرىكىتى ئۇيغۇرلاردىكى ئۇزۇندىن بۇيان داۋام قىلىپ كېلىۋاتقان ئازاب-ئوقۇبەتنى تېخىمۇ ئېغىرلاشتۇرۇۋەتكەن. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ھۆكۈمەتنىڭ مۇستەقىل دىنىي پائالىيەتلەر بىلەن تېررورلۇقنى ئۆز ئارا باغلاپ مۇئامىلە قىلىشى، دىنىي ئەركىنلىككە ئېغىر بۇزغۇنچىلىق قىلىشنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.»

دوكلاتتا خىتاي ھۆكۈمىتى ئاگاھلاندۇرۇلۇپ، ئۇنىڭ بۇ خىل سىياسىتى سەلبىي نەتىجە بېرىش ئېھتىمالى بارلىقىنى بىلدۈرگەن. «خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىنىي ۋە مەدەنىيىتىنى ئاكتىپلىق بىلەن باستۇرۇشى، بەلكى سەلبىي نەتىجە بېرىپ، بېيجىڭ ھۆكۈمىتى چەكلەشكە ئۇرۇنغان ئەسەبىيلىكنىڭ ئەڭ رادىكال شەكلىنى پەيدا قىلىش ئېھتىماللىقى مەۋجۇت. 2011‏-يىلى ھۆكۈمەت كەسكىن ھەرىكەت ئېلىپ بېرىپ، ‹دىنىي ئەسەبىيلىك›، ‹قانۇنسىز دىنىي يىغىلىشنى› مەنئى قىلىش ۋە ‹دىنىي ھېسسىياتنى ئاجىزلاشتۇرۇش› ئېلىپ باردى.» دەپ تەكىتلىگەن.

دوكلاتتا، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى دائىرىلىرىنىڭ بۇ ھەقتىكى بەلگىلىمە ۋە يەرلىك يوليورۇقلاردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئىبادەت پائالىيىتىگە قويۇلغان چەكلىمە خىتاينىڭ باشقا ھەر قانداق بىر يېرىدىن ئېغىرلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتىنىڭ سىياسەت ۋە تەتقىقات ئىشلىرى مۇئاۋىن مۇدىرى دوكتور سكوت فلىپس زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان نۆۋەتتىكى دىنىي سىياسىتى ئۇ كۈتكەندەك نەتىجە بەرمەيدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇردى.

سكوت فىلىپس: بىزنىڭ مەيدانىمىز شۇكى بىز رايوندا زوراۋانلىقنى كۆرۈشنى خالىمايمىز. بىراق بىز يەنە شۇنىڭغا ئىشىنىمىزكى، خىتاي سىياسىتى رايوندىكى نارازىلىق، قارشىلىق ۋە ھەتتا زوراۋانلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىۋاتىدۇ. خىتاينىڭ سىياسىتىنى بولۇپمۇ ئۇنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان سىياسىتىنى قايتا تەرتىپكە سېلىش زۆرۈر. ئۇلار ئۇيغۇرلارنىڭ تىلى، مەدەنىيىتى ۋە دىنىنى قوغداش يولىدىكى تىنچ ھەرىكەتلىرىنى دىنىي ئەسەبىيلىكنىڭ دەلىلى، دەپ قارىسا بولمايدۇ. بۇنداق قاراش پۈتۈنلەي ئەكسىچە نەتىجە بېرىدۇ. بۇ كەلگۈسىدە تېخىمۇ كۆپ مەسىلىلەرنى پەيدا قىلىشى مۇمكىن. شۇڭا ئۇلارنىڭ يېڭى سىياسەتكە موھتاج. ئۇيغۇرلار بېيجىڭنىڭ ئىقتىسادى جەھەتتىكى قوللىشىغا ئېھتىياجلىق بولۇپلا قالماي، ئۇلار يەنە ئۇيغۇر كىملىكى ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم بولغان مەدەنىيەت، دىن ۋە تىل جەھەتتىكى ئېتىراپ قىلىشىغا ۋە شۇنداقلا تىنچلىق ۋە گۈللىنىشكە ئالاھىدە موھتاج، دەپ كۆرسەتتى.

ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتىنىڭ بۇ يىللىق دوكلاتى دەل خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا «دىنىي ئەسەبىيلىك»نى باستۇرۇش ھەرىكىتى قوزغاپ، كادىر، خىزمەتچى، ياش-ئۆسمۈرلەر، ئاياللار ۋە پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ناماز ئوقۇشىنى چەكلەپلا قالماي، ئاۋام خەلقنىڭ ساقال قويۇش، ياغلىق ئارتىش، كىيىنىش قاتارلىق دىنىي قىياپەتنى گەۋدىلەندۈرۈشكە قارشى ئاممىۋى ھەرىكەت ئېلىپ بېرىۋاتقان بىر مەزگىلدە ئېلان قىلىنغان ئىدى. خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتىنىڭ دوكلاتىدا بۇ مەسىلە ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، خىتاينىڭ مەزكۇر سىياسىتى تەنقىد قىلىنغان.

دوكلاتتا «بۇ خىل تەدبىرلەر شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ھۆكۈمىتىنىڭ ‹دىنىي ھېسسىياتنى ئاجىزلاشتۇرۇش › بولۇپمۇ، ئاياللار، ياش ئۆسمۈرلەر ۋە ھۆكۈمەت خىزمەتچىلىرىنىڭ دىنىي ھېسسىياتىنى ئاجىزلاشتۇرۇشتىن ئىبارەت كەڭ دائىرىلىك سىياسىتىنىڭ بىر پارچىسىدۇر» دەپ كۆرسىتىلگەن. دوكلاتتا كۆرسىتىشىچە، خىتاي ئاساسى قانۇنىدا پۇقرالارنىڭ دىنىي ئەركىنلىكى بار، دېيىلگەن بولسىمۇ، بىراق ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ھۆكۈمىتى ئاياللار، بالىلار، خىزمەتچىلەر ۋە پارتىيە ئەزالىرىنىڭ مەسچىتكە كىرىش، ھەج قىلىشىغا چەكلىمە قويۇپ، «ئۇيغۇر ئۆلىمالىرىنى، ۋە تالىپلىرىنى ‹قانۇنسىز دىنىي پائالىيەت› بىلەن شۇغۇللانغان دېگەندەك ھەرخىل خىل ناملار بىلەن تۇتقۇن قىلغان. دىنىي مەركەز ۋە دىنىي مەكتەپلەرنى ‹قانۇنسىز› دەپ تاقاپ، دىنىي نەشرىيات بۇيۇملىرىنىڭ مۇسادىرە قىلغان.»

ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتىدىكى دوكتور سكوت فىلىپس، خىتاي دائىرىلىرىنى قانۇنغا ئاساسەن ئىش كۆرۈشكە چاقىردى. ئۇ مۇنداق دېدى: خىتايدا قانۇن بىلەن ئىدارە قىلىش يوق. قانۇن تەتبىقلاش ئىشلىرى ئوچۇق ئاشكارا ئەمەس. ساقچىلارنىڭ قانداق ئىشلارنى قىلسا بولىدىغان؛ قانداق ئىشلارنى قىلسا بولمايدىغانلىقى ئېنىق ئەمەس. بىز ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنى بۇل خىل دوكلات ۋە ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ باياناتلىرى ئارقىلىق خىتاينى ئوچۇق-ئاشكارا بولۇشقا، بىر خىل مېخانىزم بەرپا قىلىپ، ئەيىبلەشكە ئۇچرىغان بارلىق مەھبۇسلارنىڭ قانۇنىي ۋاكالەتچى تەكلىپ قىلىشى، بولۇپمۇ، ئۇيغۇر ئىشلىرىدا ۋاكالەتچى تەكلىپ قىلالىشىغا، يەنە ئوچۇق-ئاشكارا بولۇش بىلەن بىرگە، قانۇن بويىچە ئىش كۆرۈشكە ئۈندەپ كەلدۇق.

ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: بۇ يەردىكى يەنە بىر زور مەسىلە-دىنىي پائالىيەتلەردە قانۇنسىز ئىشلار بىلەن قانۇنلۇق ئىشلارنىڭ ئېنىق چەك-چېگراسى يوقلۇقىدۇر. بۇ ئەھۋالنى ئۆزگەرتىش كېرەك. بۇ ئەھۋالنى ئۆزگەرتىپ، ئۇنى ئايدىڭلاشتۇرۇش، بولۇپمۇ تىنچ يوسۇندىكى دىنىي پائالىيەتلەر بىلەن تېررورلۇقنى ئارىلاشتۇرۇۋېتىشنى توختىتىش كېرەك. چۈنكى بۇ ئىككىسى ئىككى خىل مەسىلە.

دوكلاتنىڭ ئاخىرىدا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتى ئوباما ھۆكۈمىتىگە بەزى تەكلىپ ۋە تەۋسىيىلەرنى بېرىپ، «دىنىي ئەركىنلىك ۋە كىشىلىك ھوقۇق ئامېرىكا-خىتاي ئۆز-ئارا مۇناسىۋىتىنىڭ ئەڭ مۇھىم تەركىبى قىسمى بولۇشى كېرەك. چۈنكى بۇ قانۇن بىلەن ئىدارە قىلىش، پۇقرالار جەمئىيىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىنىڭ مۇقىملىقى، ئىپادە ئەركىنلىكىنى كېڭەيتىش، خىتاينى خەلقئارا سىستېمىغا ئېلىپ كىرىپ، ئۇنىڭ ئۇنىۋېرسال كىشىلىك ھوقۇق مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىشىغا مۇناسىۋەتلىك زور مەسىلە» دەپ تەكىتلىگەن.

دوكلاتتا يەنە، دىنىي ئەركىنلىك مەسىلىسىنى ئامېرىكا-خىتاي ئىستراتېگىيە ئىقتىسادىى دىئالوگى، ئامېرىكا-خىتاي قانۇن دىئالوگى قاتارلىق يۇقىرى دەرىجىلىك سۆھبەتلەردە ئوتتۇرىغا قويۇش، خەلقئارا تەشكىلاتلارنى ھەرىكەتلەندۈرۈپ، تىبەت ۋە ئۇيغۇر ئېلىدە قولغا ئېلىنغان،سوتلانغان، تۇتقۇن قىلىنغان بارلىق كىشىلەر ۋە مەھبۇسلارنىڭ ئىز دېرىكىنى قىلىش، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى لخاسا، ئۈرۈمچى قاتارلىق جايلاردا كونسۇلخانا قۇرۇش، قانۇن كۇرۇژۇكلىرىنى قۇرۇپ، ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى ۋە تىبەت بۇددىستلىرىنىڭ خىتاي ئاساسىي قانۇنى ۋە قانۇنلىرىدىن پايدىلىنىشىغا ياردەم قىلىش قاتارلىق تەكلىپ-پىكىرلەرنى بەرگەن.

ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتىدىكى سكوت فىلىپس يەنە، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ خىتايغا سىياسىتىنى ئۆزگەرتىش ھەققىدە بېسىم ئىشلىتىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ: بىز ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ بارلىق مەسىلىلەردە، جۈملىدىن ئۇيغۇر مەسىلىسىدە خىتاي ھۆكۈمىتىگە بېسىم ئىشلىتىشىنى ئۈمىد قىلىمىز. شۇنداقلا بىز يەنە، خىتاينىڭ ئۆز سىياسىتىنىڭ ئەكسىچە ئۈنۈم بېرىۋاتقانلىقىنى ئېتىراپ قىلىپ، بىخەتەرلىك بىلەن كىشىلىك ھوقۇق ۋە پۇقرالار ھوقۇقى ئارىسىدىكى تەڭپۇڭلۇقنى تۇراقلاشتۇرىشىنى ئۈمىد قىلىمىز. ئۇلار بۇنداق مەسىلىلەرنى دائىم قانۇن ئارقىلىق ھەل قىلىدىغان ئامېرىكا ۋە باشقا دۆلەتلەر بىلەن مۇزاكىرە قىلسا بولىدۇ. بۇ دېگەنلىك خىتاي بۇ مەسىلىنى ئۆزى ھەل قىلالمايدۇ، دېگەنلىك ئەمەس. ئۇ ھەل قىلالايدۇ. بىراق قانداق ھەل قىلىشنى ئويلىشىپ كۆرۈشى كېرەك. چۈنكى ئۇنىڭ سىياسىتى ئەسەبىيلىكنى ھەل قىلمايۋاتىدۇ، بەلكى ئۇنى پەيدا قىلىۋاتىدۇ» دەپ كۆرسەتتى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت