كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى، خىتاينىڭ دىنىي ئەركىنلىكنى بوغۇش قىلمىشىنى ئەيىبلىمەكتە
2006.03.01

مەركىزى نيۇيوركتىكى كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى چارشەنبە كۈنى، خىتايدا كىشىلەرنىڭ دىنىي ئەركىنلىكى يەنىلا توسقۇنلۇققا ئۇچرىماقتا دەپ بىلدۈردى.
خىتايدىكى دىنىي ئېتىقادچىلار تەھدىت ئىچىدە ياشىماقتا
خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆتكەن يىلى دىنىي ئەركىنلىكنى قوغداش ھەققىدە قارار ماقۇللىغانلىقىنى، پۇقرالارنىڭ دىنىي ئەركىنلىكى جەھەتتە چوڭ قەدەم باسىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن ئىدى. بىراق كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، خىتايدا ئادەتتىكى دىنىي پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان كىشىلەرنىڭمۇ قولغا ئېلىنىش، تۈرمىگە سولىنىش ۋە تۈرلۈك تەھدىتلەرگە ئۇچراش ئېھتىماللىقى چوڭ ئىكەن.
كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى يەنە، خىتايدا مۇسۇلمانلار، بۇددىستلار ۋە خرىستىئانلارنىڭ ئىبادەت قىلىش پائالىيەتلىرى داۋاملىق توسقۇنلۇققا ئۇچرىغاندىن سىرت، تىزىمغا ئالدۇرۇلمىغان دىنىي تەشكىلاتلارنىڭ باستۇرۇلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
خىتاي تېرروچىلىققا قارشى تۇرۇشنى باھانە قىلىپ، ئۇيغۇرلارنى باستۇرماقتا
كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ چارشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان مەزكۇر دوكلاتىدا، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ دىنىي ئەھۋالى ھەققىدە مەخسۇس توختىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتى بۆلگۈنچىلىك بىلەن تېرروئېچىلىققا زەربە بېرىش شۇئارى ئاستىدا مۇسۇلمانلارغا قارىتا بىر مەيدان يوقىتىش خاراكتېرلىك باستۇرۇش ھەرىكىتى ئېلىپ بارماقتا دېيىلگەن.
دوكلاتنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئېتىقادىنى باستۇرغانلىق ھەققىدىكى قىسمى، خىتاي كومپارتىيىسى ۋە ھۆكۈمىتىنىڭ ئېلان قىلمىغان يوشۇرۇن ھۆججەتلىرى، يەرلىك قانۇن - نىزاملىرى، ئورگان گېزىت - ژورناللىرىدا ئېلان قىلىنغان پاكىتلىق ھۆججەتلەر ھەتتا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ئېلىپ بېرىلغان زىيارەتلەر ئاساسىدا تەييارلانغان. بۇ دوكلات تۇنجى قېتىم، ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئەركىنلىكى، يىغىلىش، سۆز قىلىش ئەركىنلىكىگە ئائىت ھۆكۈمەت قانۇنلىرى شۇنىڭدەك ھۆكۈمەت سىياسىتىنىڭ مۈرەككەپ قۇرۇلمىسىنى ئاشكارىلىغان.
خىتاينىڭ دىنىي سىياسىتى ۋە قانۇنىدا مەكتەپ، ئائىلىلەرگىچە ھەتتا دىنىي ئېتىقاد ئىدىيىسىنى يوق قىلىش نىزامى ئاستىدا كىشىلەرنىڭ مېڭىسىدە دىنىي قاراش تىكلىمەسلىك بېكىتىلگەن بولۇپ، بىر پارچە ھۆكۈمەت دوكلاتىدا" ئاتا - ئانىلار ۋە باشقا كۆزەتكۈچىلەر يېشىغا توشمىغان بالىلارنىڭ دىنىي پائالىيەتكە قاتنىشىشىغا قەتئىي يول قويماسلىقى كېرەك" دېيىلگەن.
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ سىياسىتىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقان ئۇيغۇرلار مىللى مەدەنىيىتىنىڭ، ئۆرپ - ئادىتىنىڭ ۋە تۇرمۇش ئۇسۇللىرىنىڭ ئاسسىمىلياتسىيە بولۇپ، يوقىلىپ كېتىشىدىن قاتتىق ئەندىشە قىلىدىكەن.
كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى ئاسىيا بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى براد ئادامىسنىڭ تەكىتلىشىچە، دۇنيا مىقياسىدا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان تېررورچىلىققا زەربە بېرىش ھەرىكىتى، بېيجىڭ دائىرىلىرىنىڭ، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا باستۇرۇش ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىشتىكى چىرايلىق باھانىسىگە ئايلانغان، يەنى ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئېتىقادىنى باستۇرۇش خەلقئارا تېررورچىلىققا كۈرەشنىڭ ۋاستىسىگە ئايلانغان.
دىنىي پائالىيەتلەرنى كونترول قىلىش دائىرىسى كېڭەيگەن
دوكلاتتا يەنە، ئۇيغۇرلارنىڭ تۈركىي تىلدا سۆزلىشىدىغان، 8 مىليوندىن كۆپرەك نوپۇسقا ئىگە خىتاي بولمىغان مىللەتلەردىن بىرى ئىكەنلىكى، مۇنبەت يەر بايلىقىغا ئىگە بولغان مەزكۇر زېمىننىڭ خىتاينىڭ غەربىي شىمالىغا جايلاشقانلىقى، نۆۋەتتە بۇ زېمىنغا خىتاي ئۆلكىلىرىدىن كۆپلەپ كۆچمەن يۆتكەپ كېلىنىۋاتقانلىقى قەيت قىلىنغان. ستاتستىكىلىق مەلۇماتلاردىن ئاشكارىلىنىشىچە، ئۆتكەن 10 يىلدىن بېرى، بۇ زېمىنغا 1 مىليون 200 مىڭ خىتاي كۆچۈپ كېلىپ يەرلەشكەن.
كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا ئادەم ئەۋەتىپ مەخسۇس تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان، تەكشۈرۈشتىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ سىياسىتىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقان ئۇيغۇرلار مىللى مەدەنىيىتىنىڭ، ئۆرپ - ئادىتىنىڭ ۋە تۇرمۇش ئۇسۇللىرىنىڭ ئاسسىمىلياتسىيە بولۇپ، يوقىلىپ كېتىشىدىن قاتتىق ئەندىشە قىلىدىكەن.
تەكشۈرۈش نەتىجىسىدىن قارىغاندا، نۇرغۇنلىغان ئۇيغۇرلار ئۆزىگە - ئۆزى خوجا بولۇشنى ئارزۇ قىلسا، يەنە بىر قىسىم ئۇيغۇرلار مۇستەقىل بىر دۆلەت ھاكىمىيىتىنىڭ بەرپا بولۇشىنى ئارزۇ قىلىدىكەن.
دىنىي پائالىيەتلەرنى كونترول قىلىش خىزمىتى ئىدارە - ئورگان، مەكتەپ، مەدەنىيەت تارماقلىرى، نەشرىيات ھەمدە ھەر بىر ئۇيغۇرنىڭ تۇرقى ۋە ھەرىكىتىگىچە كېڭەيتىلگەن بولۇپ، ھۆكۈمەت "ئۆزىنى - ئۆزى تەنقىد قىلىش" يىغىنلىرى، مەسچىتلەرنى مەجبۇرىي تەكشۈرۈش، مەكتەپ ئىچىدە دىنىي ئېتىقادىي كۈچلۈك ئوقۇتقۇچى ۋە ئوقۇغۇچىلارنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش، ئەدەبىي ئەسەر شۇنىڭدەك ناخشا تېكستلىرىدىكى سىياسىي مەزمۇنلارنى تەكشۈرۈش قاتارلىق سىياسىي تەقىپلەرنى كۈچەيتكەن، بولۇپمۇ بېيجىڭنىڭ سىياسىتىدىن نارازى بولۇپ، بۆلگۈنچىلىكنى تەرغىپ قىلغۇچىلارنىڭ پائالىيەتلىرى ھۆكۈمەت تەرىپىدىن چوقۇم " تېررورچىلىق ھەرىكىتى" قىلىپ بېكىتىلىدىكەن. (ئەقىدە)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- مۇخبىرلارنى قوغداش كومىتېتى يىللىق دوكلات ئېلان قىلدى
- ئەركىن ئالپتېكىن، ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي مەسىلىلىرى ھەققىدە دۇنيا ئىسلام يىغىنى تەشكىلاتىغا مۇراجەتنامە يوللىدى
- كىشىلىك ھوقۇق كۆزىتىش تەشكىلاتى يىللىق دوكلاتىدا خىتاينى ئەيىبلىدى
- ئۇيغۇر ئېلىدىكى مۇسۇلمانلار خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دىنىي سىياسەتلىرىنىڭ بېسىمىغا ئۇچرىماقتا
- خىتاي ھۆكۈمىتى قۇربان ھېيت مەزگىلىدە مەسچىتلەرنى تېخىمۇ قاتتىق كونترول قىلماقتا
- خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدىكى خرىستىئان مۇرىتلىرىنى تۇتقۇن قىلماقتا
- ئۇيغۇر ئېلىنى زىيارەت قىلغان ب ب س مۇخبىرىنىڭ ھېس قىلغانلىرى