ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە سەيشەنبە كۈنى دىنىي ئەركىنلىك، دىنىي باراۋەرلىك ۋە ئوخشىمىغان دىنلارنىڭ ھەمكارلىقى قاتارلىقلار تەشەببۇس قىلىنغان كۈتىۋېلىش كېچىلىكى ئۆتكۈزۈلدى. يىغىنغا ئامېرىكىدىكى ئوخشىمىغان دىنلارغا تەۋە ئاممىۋىي تەشكىلاتلار، ئورگانلار ۋە شەخسلەر قاتناشتى.
مەزكۇر يىغىن ئامېرىكا ئەركىنلىك سارىيىنىڭ دىنىي ئەركىنلىك مەركىزى ۋە قوشما شىتاتلار خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتى تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان بولۇپ، بۇنىڭغا قوشۇمچە يەنە، ئامېرىكا يەھۇدىلار كومىتېتى ۋە خەلقئارا ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق ۋە دېموكراتىيە فوندى جەمئىيىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 5 ئورگان ۋە جەمئىيەت ساھىپخانلىق قىلدى.
يىغىندا ئۆز پۇقرالىرىنىڭ دىنىي ئەركىنلىكىنى بوغۇۋاتقان دۆلەتلەر قاتارىدا خىتايمۇ ئەيىبلەندى ۋە ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ ھەج قىلىش، روزى تۇتۇش ۋە ياش ،ئۆسمۈرلەرنىڭ مەسچىتكە كىرىش ھوقۇقى چەكلەنگەنلىكى تەنقىدلەندى.
مەزكۇر يىغىنغا خەلقئارا ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇقى ۋە دېموكراتىيە فوندى جەمئىيىنىڭ ۋەكىللىرى قاتناشتى. بۇ ھەقتىكى تەپسىلىي مەلۇماتلارنى مۇخبىرىمىز ئەركىندىن ئاڭلاڭ.