خىتاي دىنىي ئۆلىمالارغا قارىتا بېسىمنى كۈچەيتمەكتە


2006.06.14

CHINa-XINJIANG_MOSQUE_200.jpg
2003-يىلى سېنتەبىردە، ئۇيغۇر مۇسۇلمانلار ھېيتگاھ مەسچىتىدە ئىبادەت قىلماقتا. خەلقئارا تەشكىلاتلار، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئەركىنلىكىنى بوغىۋاتقانلىقىنى ئەيىبلەپ كەلمەكتە. AFP

خەلقئارادا ئېلان قىلىنىۋاتقان دىنىي ئەركىنلىك تەكشۈرۈش، كىشىلىك ھوقۇق دوكلاتلىرىدىن خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە مۇسۇلمانلارنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىنى قاتتىق كونترول قىلىپ كېلىۋاتقانلىقى مەلۇم. ھەتتا مەسچىتلەرگىمۇ ئوچۇق ئاشكارا ھالدا كىملەرنىڭ مەسچىتلەرگە كىرىشى مەنئىي قىلىنغانلىقى ھەققىدىمۇ تۈزۈملەر چاپلاپ قويۇلغان.

قوش ۋەزىپە

خىتاي ھۆكۈمىتى ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىنى ھەر خىل يوسۇندا بوغقاندىن سىرت يەنە، مەسچىت ئىماملىرى ھەمدە جامە ۋە خەلق ئىچىدە نوپۇزلۇق دىنىي زاتلارنىڭمۇ دىنىي پائالىيەتلىرىگە توسقۇنلۇق قىلىپ كەلمەكتە.

خىتاي دائىرىلىرى ئىسلام دىنى ئۆلىمالىرىغا ھەر قايسى دەرىجىلىك كوممۇنىستىك پارتىيە مەكتەپلىرىدە ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيە كۇرسى ئاچقاندىن باشقا يەنە، مەخسۇس زىيارەت ئۆمەكلىرى تەشكىللەپ، ئۇلارنى خىتاينىڭ تەرەققىي قىلغان شەھەرلىرىگە ئاپىرىپ زىيارەت قىلدۇرۇش ھەمدە بۇ جەرياندا ئۇلارغا خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ دىنىي ھەمدە مىللىي سىياسەتلىرىنى تېخىمۇ چوڭقۇر سىڭدۈرۈپ، ئۇلارغا ئۆز يۇرتلىرىغا قايتقاندا، مەسچىتلەردە خىتاينىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيىسىنى ئېلىپ بېرىشنى ۋەزىپە قىلماقتا. يېقىندا مانا مۇشۇنداق زىيارەت ئۆمىكىنىڭ 16 ‏- تۈركۈمى خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى سىياسىي ئېكسكۇرسىيىسىنى تاماملاپ قايتىپ كەلگەن. ھازىرغىچە بۇ خىل زىيارەت ئۆمىكىگە قاتناشقان ئىماملارنىڭ سانى 533 كە يەتكەن.

شىنجاڭ تېلېۋىزىيە قانىلىدا -14 ئىيۇن بېرىلگەن بىر خەۋەردە " بۇ قېتىم بېيجىڭ قاتارلىق تۆت شەھەر ھەم ئۆلكىدە زىيارەتتە بولۇپ قايتىپ كەلگەن ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زاتلار، پارتىيىنىڭ دىنىي سىياسىتىنىڭ ئەۋزەللىكىنى تېخىمۇ چوڭقۇر ھېس قىلدى. جۇڭگودىكى مىللەتلەر ئارىسىدىكى ئىتتىپاقلىقنى، ئىللىقلىقىنى ھېس قىلدى. ئۇلار قايتىپ كەلگەندىن كېيىن ۋەتەننى تېخىمۇ سۆيۈپ، شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقى ئۈچۈن جان كۆيدۈرۈپ ئىشلەيدىغانلىقى، خەلققە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيىسىنى، ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيىسىنى كۈندىلىك تەلىم تەربىيە تەشۋىقاتىغا ئايلاندۇرىدىغانلىقىنى ئەمەلىي ئىشلىرى بىلەن كۆرسىتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى " دېيىلگەن.

خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ مەسچىتلەردىكى تەشۋىقاتى نارازىلىق قوزغىماقتا

ئۇلار بىزگە ئوخشاش ئىمام، ئۆلىمالارنى ناھىيە، يېزىلاردىن يىغىپ ئىچكىرىلەرگە ئاپىرىۋاتىدۇ، بەزىلىرىمىز، ئىچكىرى ئەمەس بەلكى ئۈرۈمچىنىمۇ كۆرۈپ باقمىغان مۆمىنلەر، ئۇلار بەلكىم بىزنى خىتاينىڭ باي بولۇپ كەتكىنىنى، ئىگىز ‏- ئىگىز بىنالىرىنى كۆرۈپ ئاغزى ئېچىلىپ بىزمۇ مۇشۇلارغا ئەگەشسەك مۇشۇنداق باي بولىدىكەنمىز دەپ ئويلايدۇ دەپ ئويلىسا كېرەك، بەلكىم شۇنداق بولىدىغانلىرىمۇ باردۇر، ئەمما مېنىڭ بىلىشىمچە، بىز ئۇ يەرلەردىكى خەلقنىڭ تۇرمۇش سەۋىيىسى تەرەققىياتى ئەركىنلىكىنى كۆرۈپ ئۆزىمىزنىڭ يۇرتى بىلەن سېلىشتۇرۇپ تېخىمۇ غەزەپكە كېلىپ قايتىپ كېلىمىز.

رادىئومىزغا كەلگەن ئىنكاسلارغا ئاساسلانغاندا خىتاي ھۆكۈمىتى مانا بۇ خىل سىناقلاردىن ئۆتكەن دىنىي زاتلارغا "ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زات" نامىنى بەرگەن بولسا، كەڭ مۇسۇلمان خەلق ئاممىسى ئۇلارغا " كوممۇنىست ئىمام" دەپ نام بەرگەن. بەزى ئىنكاس قىلغۇچىلارنىڭ بىلدۈرۈشىگە قارىغاندا، ھەتتا جۈمە ناماز ۋە ھېيت نامازلىرىدىمۇ ئىماملار خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ تەشۋىقاتىنى قىلىۋاتقان بولغاچقا كىشىلەرنىڭ نەپرىتىنى قوزغاۋاتقان ئىكەن.

ئىمام‏ - ئۆلىمالارنىڭ خەلقنىڭ نەزىرىدىن بارا‏- بارا چۈشۈپ قېلىشىدىكى سەۋەب، خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن كىنىشكا تارقىتىلغان ئىماملارغا مەسچىتتىكى تەبلىقلەردە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دىنىي سىياسىتىنى تەشۋىق قىلغاندىن باشقا مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىش، تېررورلۇققا، مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش، كوممۇنىستىك پارتىيىنى ھىمايە قىلىش، خىتاينىڭ بىرلىكىنى قوغداش قاتارلىق تېمىلاردا مەخسۇس تەربىيە بېرىش ۋەزىپىسى يۈكلەنگەن.

بەزى ئىماملار گەرچە ھۆكۈمەت تەرىپىدىن بېرىلگەن ۋەزىپىسىنى ياخشى ئۆتىگىنى بىلەن بۇ خەلق مەنپەئەتى ھەم ئارزۇسى بىلەن توقۇنۇشلۇق بولغاچقا، نەپرەتلەنگەن بەزى كىشىلەر ھەتتا بۇ خىل ۋەتەنپەرۋەر ئاتالغان ئىماملىرىدىن ئۆچ ئېلىپ خەلققە ئىبرەتلەر بەرگەن ۋەقەلەرمۇ يۈز بېرىپ تۇرماقتا. بۇنىڭغا پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىنى توغرا دەپ تەشۋىق قىلغان ھېيتگاھ مەسچىتىنىڭ بۇرۇنقى ئىمامى ھارۇنغان ھاجىمنىڭ پىچاقلىنىش ۋەقەسى مىسال بولالايدۇ.

نىشان ئىمانى كۈچلۈك ئىماملار

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئالدىنقى قېتىملىق " ۋەتەنپەرۋەر زاتلار زىيارەت ئۆمىكىگە قاتناشتۇرۇلغان " ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان مەلۇم مەسچىتنىڭ ئىمامى، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنى ئاساس قىلغان ئىسلام دىنى ئۆلىمالىرىدىن ئۆمەكلەرنى تەشكىللەپ خىتاي ئۆلكىلىرىگە ئاپىرىشىتا نېمىنى شەرت قىلىۋاتقانلىقى ھەققىدە توختىلىپ "خىتاي ھۆكۈمىتى ئىچكىرىگە ئاپىرىدىغان ئۆمەكلەرگە ئاكتىپ، ئەسلىدىن خىتاي سىياسىتىنى ياقلايدىغان قۇلىقى يۇمشاق ئىماملارنى تاللىمايدۇ، ئۇلار بۇ دىنىي زاتلارنىڭ ئىدىيىسىنى ياخشى ئىگىلەپ، ئالدى بىلەن ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئىسلام دىنىي مۇرىتلىرىنىڭ بەكرەك ھۆرمىتىگە ئېرىشكەن، ئۇزۇن يىل تەبلىق قىلغان سىياسىي گەپلەرنى ئاز قىلىدىغان ئۇلار تەرىپىدىن كاج دەپ قارالغان ئىمانى كۈچلۈك، مىللىي ھېسسىياتى بار، غۇرۇرلۇق كىشىلەرنى ئاساسلىق ئوبيېكت قىلىپ ئۆمەك تەشكىللەپ ئاپىرىۋاتىدۇ. چۈنكى باشقا سادىق ۋەتەنپەرۋەر كوممۇنىست ئىماملارغا پۇل خەجلەپ ئاۋارە بولۇشنىڭ ئورنى يوقتە" دېدى.

بۇ ئۆلىما يەنە خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بۇ خىل ۋەتەنپەرۋەر زاتلار ئۆمىكى تەشكىللەپ تۈركۈملەپ خىتاي ئۆلكىلىرىگە ئېكسكۇرسىيىگە ئۇيۇشتۇرۇشتىكى مەقسىتى ھەققىدە توختىلىپ "ئۇلار بىزگە ئوخشاش ئىمام، ئۆلىمالارنى ناھىيە، يېزىلاردىن يىغىپ ئىچكىرىلەرگە ئاپىرىۋاتىدۇ، بەزىلىرىمىز، ئىچكىرى ئەمەس بەلكى ئۈرۈمچىنىمۇ كۆرۈپ باقمىغان مۆمىنلەر، ئۇلار بەلكىم بىزنى خىتاينىڭ باي بولۇپ كەتكىنىنى، ئىگىز ‏- ئىگىز بىنالىرىنى كۆرۈپ ئاغزى ئېچىلىپ بىزمۇ مۇشۇلارغا ئەگەشسەك مۇشۇنداق باي بولىدىكەنمىز دەپ ئويلايدۇ دەپ ئويلىسا كېرەك، بەلكىم شۇنداق بولىدىغانلىرىمۇ باردۇر، ئەمما مېنىڭ بىلىشىمچە، بىز ئۇ يەرلەردىكى خەلقنىڭ تۇرمۇش سەۋىيىسى تەرەققىياتى ئەركىنلىكىنى كۆرۈپ ئۆزىمىزنىڭ يۇرتى بىلەن سېلىشتۇرۇپ تېخىمۇ غەزەپكە كېلىپ قايتىپ كېلىمىز" دېگەچ يەنە ھۆكۈمەتنىڭ چىقىم قىلىپ بۇ ئۆلىمالارنى زىيارەتكە ئۇيۇشتۇرۇشىنىڭ بىكارلىق ئەمەسلىكىنى تەكىتلەپ، بۇ زىيارەتتىن كېيىن قانداق ۋەزىپىلەرگە مەجبۇرلىنىدىغانلىقىنى ئېيتىپ بەردى.

ئېكسكۇرسىيىدىن كېيىن تەسىرات سۆزلەش

بۇ ئىمامنىڭ بىلدۈرۈشىگە قارىغاندا، خىتاي دائىرىلىرى ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زاتلار كۇرسى ئارقىلىق ئىمام، ئۆلىمالارغا خىتاينىڭ دىنىي سىياسەتلىرىنى دەرس قىلىپ ئۆتۈۋاتقان بولسا، ئېكسكۇرسىيە خۇددى پراكتىكىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغانغا ئوخشاش بولۇپ، بۇ جەرياندا ئۇلار تەسىرات سۆزلەش، ئىرادە بىلدۈرۈشكە ئوخشاش سىياسىي ئىدىيە جەھەتتىن مەجبۇرىي ئىپادە بىلدۈرۈشكە ئۇيۇشتۇرۇلىدىكەن. ئۇنىڭدىن باشقا مەخسۇس خادىملار، پارتىيىنىڭ ياخشى دىنىي سىياسىتى بولغاچقا سىلەر مۇشۇ كۈنلەرگە ئېرىشتىڭلار، ئېكىسكۇرسىيىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ شىنجاڭغا قايتقاندىن كېيىن باشقا دىنىي ئۆلىمالارنى ھەمدە ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلغۇچى ئاممىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، پارتىيىنىڭ دىنىي تەشۋىقاتىنى يەنىمۇ ياخشى قىلىشقا تىرىشىڭلار، شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقىدا سىلەرنىڭ رولىڭلار مۇھىم، ئۆگەنگەنلىرىڭلارنى ئەمەلىيىتىڭلاردا كۆرسىتىڭلار" دەپ تەھدىت ئارىلاش ۋەزىپىلەرنى يۈكلىگەن شۇنداقلا بۇنىڭغا دىنىي زاتلارنى بىرمۇ ‏- بىر ئىرادە بىلدۈرگۈزگەن. دېمەك خىتاي ھۆكۈمىتى پەقەت دىنغا ئېتىقاد قىلغۇچىلارغىلا ئەمەس دىن تەشۋىق قىلغۇچىلارغا بېسىم ھەم كونتروللۇقنى كۈچەيتىۋاتقان بولۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتى -2001يىلى خەلقارا تېررورلۇققا قارشى ئۇرۇش باھانىسىدا مۇسۇلمانلارغا قاراتقان بۇ خىل بېسىمنى يەنىمۇ كۈچەيتكەن. شۇنداقلا ئۇيغۇر ئېلىدىكى بارلىق مەسچىت ئىماملىرى تۈركۈم ‏- تۈركۈملەپ سىياسىي كۇرسلارغا ئۇيۇشتۇرۇلغاندىن باشقا خىتاينىڭ دىنىي سىياسىتى، شىنجاڭنىڭ تارىخىنى ئاساس قىلغان ھالدا مەخسۇس ئىمتىھانلار ئارقىلىق قايتا تەكشۈرۈلۈپ، ئىماملىق ۋەزىپىسى بەلگىلەنمەكتە. ئۆتكەن ئايدا خىتاي ھۆكۈمىتى يەنە، مەسچىت ئىماملىرىنىڭ كىنىشكا ئېلىشىنى شەرت قىلىپ، كىنىشكىسىز ئىماملارنىڭ مەسچىتلەردە ۋەزىپە ئۆتىشىگە رۇخسەت قىلمايدىغانلىقىنى قارار قىلدى. يەنى ئۇلار دىنىي زاتلارنىڭ دىنىي پەنلەردىكى سەۋىيىسى ئەمەس بەلكى ئۇلارنىڭ سىياسىي ئىدىيىسىنى شەرت قىلىپ كىنىشكا تارقاتماقتا. (گۈلچېھرە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.