ئامېرىكا پارلامېنت ئەزالىرى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دىنىي ئەركىنلىككە كەڭچىلىك قىلىشنى تەشەببۈس قىلدى


2006.06.21
sam_brownback-200.jpg

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئەزاسى، جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسىنىڭ رەئىسى Rick Santorum سەيشەنبە كۈنى، دۆلەت مەجلىسىدە ئۆتكۈزۈلگەن دىنىي ئەركىنلىك توغرىسىدىكى مۇھاكىمە يىغىنىدا سۆز قىلىپ": ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ 20 ‏- ئىيۇن كۈنىنى دىنىي ئەركىنلىك كۈنى قىلىپ بېكىتىشىدىكى مەقسىتى، ھەر قايسى ساھەلەرنىڭ دىققىتىنى، ئامېرىكا ھەمدە خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك مەسىلىسىگە مەركەزلەشتۈرۈشتىن ئىبارەت" دېدى.

مەزكۈر يىغىنغا قاتناشقان مۈتەخەسسىسلەر ، ئامېرىكىنىڭ دۆلەت ئىچىدىكى دىنىي ئەركىنلىك مەسىلىسى بىلەن ئىسلام دۇنياسىدىكى كۆپ تەرەپلىمىلىك ئېتىقاد مەسىللىرى ئۈستىدە مۇزاكىرە ئېلىپ باردى . Rick Santorum يەنە، بىر قىسىم مۈتەخەسسىسلەرنى خىتاي ،شىمالىي كورىيە، ئىران، ھىندىستان، مىسىر، ۋېتنام، رۇسىيە ۋە سەئۇدى ئەرەبىستان قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ دۇنيا بويىچە، دىنىي ئەركىنلىككە خىلاپ ھەرىكەتلەرنى ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقى توغرىسىدا چۈشەندۈرۈش بېرىشكە تەكلىپ قىلدى.

خىتايدا دىنىي ئەركىنلىككە قاراتقان كونتروللۇق كۈندىن - كۈنگە ئېغىرلاشماقتا

خىتايدىكى دىنىي مەسىللەر ھەققىدە توختالغان "ئەيسا ئەلەيھسسالام بېيجىڭدا" ناملىق كىتابنىڭ مەشھۇر يازغۇچىسى Aikman ئەپەندى": خىتايدا خىرستيان دىنىغا ئېتىقاد قىلغۇچىلار سانى تېز سۈرئەتتە كۆپەيمەكتە، بىراق، ھۆكۈمەتنىڭ ئىككى يىلدىن بۇيان دىنىي ئەركىنلىككە قاراتقان كونتروللۇقىمۇ كۈندىن - كۈنگە ئېغىرلاشماقتا، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۈزلۈكسىز ھالدا قولغا ئېلىش، ھۆكۈمسىز سولاش ۋە قىيناش قاتارلىق ئۇسۇللار بىلەن فالوڭگوڭ مۇرىتلىرىنى باستۇرۇش ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ ،خىتايدا ئۆتكەن ئىككى يىلدا خرىستىيان دىنىي ئۆلىمالىرىنى كۆپلەپ قولغا ئېلىش، خرىستيان مۇرىتلىرىنى سولاپ قويۇش ھەرىكەتلىرى يۈز بەرگەن " دېدى.

Aikman ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ دوكلاتىغا ئاساسلانغاندا، خىتاينىڭ قانۇن ئىجرا قىلغۇچى خادىملىرىنىڭ سولاپ قويۇش مەركەزلىرىدە كىشىلەرنى قىيناش ئەھۋالى ئادەتكە ئايلانغان بولۇپ، ئەسلىدە خىتاي قانۇنىدا قىيناش ئۇسۇلى مەنئىي قىلىنغان .

دىنىي كىتابلارنى نەشر قىلىش مەسىلىسى ھەققىدە توختالغان Aikman نىڭ ئېيتىشىچە، ھازىرغا قەدەر، پۇقرالارنىڭ كىتابخانىدىن " ئىنجىل " سېتىۋىلىشى ئەسلا مۇمكىن ئەمەس ئىكەن. كىشىلەر "ئىنجىل " سېتىۋىلىش ئۈچۈن چوقۇم ھۆكۈمەت رۇخسەت قىلغان كاتولوگ ياكى خرىستيان چېركاۋلىرىغا بارىدىكەن.

ئۇ يەنە ، ئامېرىكا پرىزېدىنتى جورج بۇش ئۆتكەن يىلى 11 ‏- ئايدا بېيجىڭنى زىيارەت قىلىشتىن بۇرۇن، بىر يەر ئاستى خرىستيان دىنىي تەشكىلاتىنىڭ رەھبىرى ھۆكۈمەت تەرىپىدىن قولغا ئېلىنىپ سولاپ قويۇلغانلىقىنى، بۇنىڭ سەۋەبىنىڭ بولسا ، ئۆز ئالدىغا " ئىنجىل " بېسىپ ، باشقىلارغا تارقاتقان دېگەن جىنايەت ۋە كارخانىچىلىق قانۇنىغا خىلاپلىق قىلغان دېگەن ھۆكۈملەر ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلىدى.

Sam Brownback: خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆز قانۇنلىرىنى ھۆرمەت قىلىشىنى تەشەببۈس قىلىمەن

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دىنىي ئەركىنلىككە تۇتقان پوزىتسىيىسى توغرىسىدا، مۇخبىرلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسى كىشىلىك ھوقۇق ئىشلىرى رەئىسى Sam Brownback ، خىتاي ھۆكۈمىتىدىن ، دىنىي ئەركىنلىك ئېتىقادىنىڭ كۈچىيىپ كېتىشىدىن ئەندىشە قىلماسلىقىنى تەشەببۈس قىلدى.

ئۇ مۇنداق دەيدۇ": مەن، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆز قانۇنلىرىنى ھۆرمەت قىلىشىنى تەشەببۈس قىلىمەن، خىتاي دائىرىلىرى ھەر بىر ئىنساننىڭ دىنىي ئەركىنلىكتىن بەھرىمەن بولۇشىغا يول قويۇش كېرەك، خىتاي ھۆكۈمىتى دىنىي ئېتىقادتىن ۋەھىمە ھېس قىلماسلىقى كېرەك، دىنىي ئېتىقاد ئىنسانلارنىڭ ئاكتىپچانلىق كۈچى ۋە ھەقىقەتنىڭ كۈچى بولۇپ، ئىنسانىيەت تۇرمۇشىغا ياخشىلىقلار ئېلىپ كېلىدۇ. مەن چۈشەنمەي قالدىم، خىتاي ھۆكۈمىتى نېمە ئۈچۈن دىنىي ئەركىنلىك ئېتىقادىدىن قورقىدۇ. زامانىۋىيلاشقان بىر جەمئىيەتنىڭ ئۈسۈپ يېتىلىشى بىلەن تەڭ خەلققە تېخىمۇ كۆپ ئەركىنلىكلەر بېرىلىشى كېرەك. خىتاي ھۆكۈمىتى دەل مۇشۇ خىل يولنى تاللىشى كېرەك، بولۇپمۇ ئەڭ ئالدى بىلەن خەلققە ئېتىقاد ئەركىنلىكى بېرىشى كېرەك"

ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسى، خىتاي ئىشلىرىغا مەسئۇل گۇرۇپىنىڭ رەئىسى، جۇمھۇرىيەت پارتىيىسىنىڭ ئەزاسى Norm Coleman مۇخبىرلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ": ئامېرىكا دائىرىلىرى خىتايدىكى دىنىي ئەركىنلىك مەسىلسىنى داۋاملىق تۈردە كۆزىتىدۇ" دېدى.

ئۇ سۆزىدە مۇنداق دەيدۇ": دىنىي ئەركىنلىك، يالغۇز ئامېرىكا ئۈچۈنلا مۇھىم بىر مەسىلە بولۇپ قالماستىن، پۈتۈن دۇنيا ئۈچۈنمۇ ئىنتايىن مۇھىم، بىز چوقۇم ئويلىغانلىرىمىزنى ئوچۇق ئىپادىلەش بىلەن بىرگە، بۇ ئىپادىلىرىمىزگە باشقىلارنىڭ ئەھمىيەت بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمىز، مەن خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋ ، ۋاشىنگتوننى زىيارەت قىلغان ۋاقىتتا ئۇلار بىلەن ئۇچرىشىپ، سۆھبەتلەشكەن ئىدىم. ئامېرىكا بىر تەرەپتىن خىتاي بىلەن ھەمكارلىشىش پۇرسىتىگە ئەھمىيەت بەرسە ، يەنە بىر تەرەپتىن ، دىققىتىنى خىتايدىكى خەلق ھوقۇقى ئەركىنلىكى بىلەن ئېتىقاد ئەركىنلىكى مەسىلىلىرىگە مەركەزلەشتۈردى. ئامېرىكا رەھبەلىرىنىڭ بۇ مەسىلىگە قارىتا ئۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇشى ئىنتايىن مۇھىم. بىز شۇنى ئېنىق ئېيتىمىزكى، ئىقتىسادنى تەرەققى قىلدۇرۇش ئىنتايىن مۇھىم، بىراق بۇنىڭ بىلەن بىز كىشىلىك ئەركىنلىك مەسىلىسىگە ھەرگىز سەل قارىمايمىز " . (ئەقىدە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.