ساقچىلار شاياردا دىنىي كۇرس ئاچقان ئۇيغۇرنىڭ قولغا ئېلىنغانلىقىنى ئېتىراپ قىلدى


2006.08.10

جوڭگو دائىرىلىرى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ شايار ناھىيىسىدىكى بىر يېزىدا يازلىق تەتىل مەزگىلىدىن پايدىلىنىپ ئوقۇغۇچىلارغا قۇرئان كۇرسى ئاچقان بىر دىنىي زاتنىڭ شۇ جايدىكى جامائەت خەۋپسىزلىك دائىرىلىرى تەرىپىدىن قولغا ئېلىنغانلىقىنى ئېتىراپ قىلدى.

شايار ناھىيىسىنىڭ قايلار يېزا 5 - ئەترىتىدىكى دېھقانچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدىغان دىنىي زات تۇنىياز زوردۇن بۇنىڭدىن بىر قانچە ھەپتىلەر ئىلگىرى ئۆيىدە ئوقۇغۇچىلارغا قۇرئاندىن ساۋات بېرىۋاتقاندا ساقچىلار تەرىپىدىن قولغا ئېلىنغان. ساقچىلار تۇنىياز قارىنى قولغا ئېلىش بىلەن بىرگە قۇرئان كۇرسىغا قاتنىشىۋاتقان بالىلارنى ئاتا - ئانىسىغا جەرىمانە قويغاندىن كېيىن قويۇپ بەرگەن.

بىر ساقچى: بۇ مەخپى

شايار ناھىيىسىدىكى بىر كىشى "بىر مۇسۇلماننىڭ ئانچە مۇنچە دىنىي ساۋات ئېلىشى كېرەكلىك بولغان تەربىيە،" دەپ تەكىتلىسە، يەنە بىر دېھقان خانىم مائارىپ دائىرىلىرىنىڭ ئاتا - ئانىلاردىن تەتىل مەزگىلىدە پەرزەنتلىرىنى دىنىي پائالىيەت بىلەن شۇغۇللاندۇرماسلىق توغرىسىدا تىلخەت ئالغانلىقىنى بىلدۈردى. شايار ناھىيىسى قايلار يېزىلىق ساقچى پونكىتىنىڭ ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمايدىغان بىر خىتاي خادىمى تۇنىياز قارىنىڭ قولغا ئېلىنغانلىقىنى ئېتىراپ قىلدى.

تۇنىياز قارىنىڭ دىلوسى سۈرۈشتۈرۈش باسقۇچىدا كېتىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن بۇ ساقچى، سۈرۈشتۈرۈشنىڭ قايسى باسقۇچتا كېتىۋاتقانلىقىنى سورىغان مۇخبىرىمىزغا "بۇ مەخپىي،" دەپ جاۋاپ بەردى. بۇ ۋەقەدىن خەۋەردار شۇ جايدىكى كىشىلەرنىڭ ئەسكەرتىشىچە، بۇ يىل 35 ياشلاردىكى تۇنىياز زوردۇن ئۆيلەنگەن ۋە ئىككى پەرزەنتى بار بولۇپ، ئۇنىڭ قۇرئان كۇرسى ئاچقانلىقىنى ساقچىلارغا شۇ مەھەللىدىكى كىشىلەر چېقىپ قويغان.

ۋەقەدىن خەۋەردار كىشىلەر، تۇنىياز زوردۇننىڭ "قانۇنسىز دىنىي پائالىيەت" بىلەن شۇغۇللانغان، دەپ قولغا ئېلىنغانلىقىنى ئەسكەرتمەكتە. قايلار ساقچى پونكىتىدىكى ھېلىقى خادىمنىڭ ئاشكاسرىلىشىچە، دىلونى شايار ناھىيىلىك جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى سۈرۈشتۈرمەكتە.

بىز ناھىيىلىك جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسىغا تېلېفون قىلغان قولغان بولساقمۇ، لېكىن تېلېفونومىزنى ئالىدىغان ئادەم چىقمىدى. بۇ دىلونىڭ ناھىيىلىك جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەنلىكى ۋە دىلونى شۇلارنىڭ سۈرۈشتۈرىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن يۇقىرىقى ساقچى،" دىلونىڭ تەپسىلى ئەھۋالىنى مىللىي يولداشلار ياخشى بىلەتتى. لېكىن ئۇلار ھازىر ئۇخلاپ قالدى،" دەيدۇ.

"قانۇنسىز دىنىي پائالىئەيلەر" نى باستۇرۇش ھەرىكىتىنىڭ بىر قىسىمى

تۇنىياز قارىنىڭ بالىلارغا دىنىي تەلىم تەربىيە بەرگەنلىكى ئۈچۈن قولغا ئېلىنغانلىقىنى توغرا تاپمىغان كىشىلەر " مۇسۇلمانلارنىڭ قىبلىگە قاراپ قوپۇشنى ئۆگىنىپ قويۇشىغا توغرا كېلىدۇ،" دەپ قارىماقتا. بۇ سۆزلەرنى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان، لېكىن ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمايدىغان شايار ناھىيىسىدىكى بىر زات مۇخبىرىمىزغا تەكىتلىدى.

جوڭگو ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ئۆز ئالدىغا دىنىي پائالىيەت ئېلىپ بارغان شەخسلەرنى "قانۇنسىز دىنىي ئۇنسۇرلار،" دەپ ئەيىپلىمەكتە ۋە بۇ خىل ھەرىكەتلەرنى شىددەتلىك تۈردە جازالىماقتا. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ قارىشىچە، تۇنىياز قارىم ۋەقەسى خىتاينىڭ "قانۇنسىز دىنىي پائالىئەيلەر" نى باستۇرۇش ھەرىكىتىنىڭ بىر قىسىمى. بۇ ۋەقەنى "خىتايلارنىڭ دىنىي ئەركىنلىككە زىيانكەشلىك قىلىۋاتقانلىقىنىڭ يەنە بىر مىسالى،" دەپ ئەيىبلىگەن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رىشىت، تۇنىياز زوردۇننىڭ "قانۇنسىز دىنىي پائالىيەتچى،" دېگەن ئەيىبلىنىش بىلەن سوتلانماقچى بولىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

تۇنىياز قارىنىڭ قانداق بىر تەرەپ قىلىنىدىغانلىقىنى ۋە تالىپلارنىڭ ئەھۋالىنى سورىغان مۇخبىرىمىزغا قايلار ساقچى پونكىتىدىكى ھېلىقى خادىم، كونكرېت قانداق بىر تەرەپ قىلىنىدىغانلىقىنى"بىلمەيمىز"، لېكىن ئەھۋالنىڭ ئېغىر - يېنىكلىكىگە قاراپ بىر تەرەپ قىلىنىشى مۇمكىن، دەپ جاۋاپ بەردى. ئۇ،" مېنىڭچە ئەھۋال ئېنىقلانغاندىن كېيىن، دىلونىڭ ئېغىر - يېنىكلىكىگە قاراپ بىر تەرەپ قىلىنىشى مۈمكىن،" دەيدۇ.

تۇنىياز زوردۇننى تونۇيدىغانلارنىڭ ئەسكەرتىشىچە، تۇنىياز زوردۇننىڭ ئائىلىسى تۇتقۇننىڭ ئەمگەك كۈچىگە تايىنىدىكەن. ئەگەر ئۇ، ئۇزۇن - مۇددەتلىك قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنسا، ئائىلىسى يار - يۆلەنچۈكسىز قېلىشتىن ئەنسىرىمەكتە ئىكەن. تۇنىياز قارىنىڭ "بالىلارنى ئوقۇتتى،" دەپ تۇتۇپ كېتىلگەنلىكى شايار ناھىيىسىدىكى پۇقرالارنى ئەندىكتۈرۈپ قويغان.

جوڭگو دائىرىلىرى يېقىنقى يىللاردا، بولۇپمۇ 11 - سېنتەبىر ۋەقەسىدىن كېيىن رايوندا ئوتتۇرا - باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ناماز ئوقۇشىنى، روزا تۇتۇشىنى ۋە مەسچىتكە كىرىشىنى چەكلەپ كەلدى.

ئاتا – ئانىلاردىن تىلخەت ئېلىنغان

ئالاقىدار دائىرىلەر، بۇ سىياسەتنى "ئۆسمۈرلەرنىڭ دەرسىنى كۆڭۈل قويۇپ ئۆگىنىشى ئۈچۈن زۆرۈر بولغان تەدبىر،" دەپ ئاقلىماقتا. يۇقىرىقى خانىمنىڭ ئاشكارىلىشىچە، مائارىپ دائىرىلىرى شايار بويىچە بۇ يازدا ئوقۇغۇچىلارنى تەتىلگە قويۇۋېتىشتىن بۇرۇن، ئاتا - ئانىلاردىن پەرزەنتلىرىنىڭ دىنىي پائالىيەت بىلەن شۇغۇللانمايدىغانلىقى توغرىسىدا تىلخەت ئالغان.

ئامېرىكا تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىكى جوڭگونى ھەر يىلى دىنىي ئەركىنلىك مەسىلىسىدە تەنقىد قىلسىمۇ، لېكىن بېيجىڭ ھۆكۈمىتى ئامېرىكىنىڭ تەنقىدىنى جوڭگودا پۇقرالارنىڭ دىنىي ئەركىنلىكى كاپالەتكە ئىگە، دەپ رەت قىلىپ كەلمەكتە.

بۇ قېتىم تۇنىياز زوردۇننىڭ قولغا ئېلىنىش ۋەقەسىنى مەركىزى ۋاشىنگتوندىكى ئامېرىكا ئۇيغۇر جەمئىيىتى ۋە ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇقى پروگراممىسى خىتاينىڭ ئاساسى قانۇنىدىكى دىنىي ئەركىنلىككە دائىر بەلگىلىمىلەر ۋە خەلقئارا ئەھدىنامىلاردا ئۈستىگە ئالغان مەجبۇرىيىتىگە ئاشكارە خىلاپ ھەرىكەت، دەپ ئەيىبلىدى.

ساقچىلار تۇنىياز زوردۇننىڭ ھازىر قايسى تۈرمىدە تۇتۇپ تۇرۇلىۋاتقانلىقىنى ئاشكارىلاشنى رەت قىلماقتا. تۇنىياز زوردۇن شاياردا دىنىي كۇرس ئاچقانلىقى ئۈچۈن قولغا ئېلىنغان بىردىن - بىر دىنىي زات ئەمەس. بۇنىڭدىن ئىككى يىل ئىلگىرى بىر ئايال بۇ ناھىيىدە قىزلارغا دىنىي كۇرس ئاچغانلىقى ئۈچۈن قولغا ئېلىنغان. (ئەركىن)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.