خىتاي ھۆكۈمىتى دېنى ئەركىنلىكنى تېخىمۇ قاتتىق كونترول قىلماقتا
نيۇيورك ۋاقىت گېزىتىدە بېرىلگەن مەلۇماتتا ئېيتىلىشىچە، يېقىندا خىتاينىڭ خاڭجۇ شەھىرىدىكى بىر شەخسى نامىدا قۇرۇلغان چېركاۋ پۈتۈنلەي ۋەيرانچىلىققا ئۇچراپ يوق قىلىنغان. مەلۇماتتا بىلدۈرىلىشىچە، 29 - ئىيۇل كۈنى 500 دىن ئارتۇق ساقچى مەزكۇر چېركاۋنى قورشىۋالغان بولۇپ، ئۇنى چېقىپ يوق قىلماقچى بولغانلىقىنى بىلدۈرگەن. شۇچاغدا، ساقچىلار ۋە نەق مەيداندىكى دىنى پائالىيىتىگە قاتنىشىۋاتقان 300 دىن ئارتۇق دىنى زاتلار ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇش پەيدا بولۇپ، قارشلىق بىلدۈرگەنلەر قولغا ئېلىنغان ۋە قاتتىق تەن جازاسىغا ئۇچرىغان.
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى دىنى پائالىيەتلەرگە بولغان كونتروللۇقى خىتاينىڭ باشقا ئۆلكىلىرىدىكىدىنمۇ بەكرەك چىڭ بولۇپ، بولۇپمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ دىنى پائالىيەتلىرى تېخىمۇ قاتتىق كونترول قىلىنغان. ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ باش كاتىپى ئالىم سېيىتوف ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، بۇ ھەقتە توختالدى. (مېھرىبان)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- ساقچىلار شاياردا دىنىي كۇرس ئاچقان ئۇيغۇرنىڭ قولغا ئېلىنغانلىقىنى ئېتىراپ قىلدى
- خىتاي كومپارتىيىسى ئۇيغۇر كادىرلارغا ئاتېئىزم تەربىيىسىنى كۈچەيتمەكتە
- ئامېرىكا پارلامېنت ئەزالىرى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دىنىي ئەركىنلىككە كەڭچىلىك قىلىشنى تەشەببۈس قىلدى
- خىتاي دىنىي ئۆلىمالارغا قارىتا بېسىمنى كۈچەيتمەكتە
- ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە دىنىي ئەركىنلىك يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى