شايار ناھىيىسى قايلۇ يېزىسىدىكى جامائەتنىڭ يېڭى مەسچىتكە ئىگە بولۇش ئارزۇسى كۆپۈككە ئايلاندى


2006.08.29

گەرچە جوڭگۇ ھۆكۈمىتى ئۆز پۇقرالىرىغا قارىتا كەڭ دىنىي سىياسەت يولغا قويىۋاتقانلىقىنى تەشۋىق قىلىۋاتقان بولسىمۇ، بىراق خەلق ئۆزلىرىنىڭ دىنىي بېسىمغا دۇچ كېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ھۆكۈمەتكە قارشى ئۆز نارازلىقىنى ئىپادىلىمەكتە.

بولۇپمۇ، چەتئەللەردە كىشىلىك ھوقۇق، دېموكراتىيە ۋە دىنىي ئەركىنلىك ئۈچۈن پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ دىنىي كەمسىتىشكە ئەڭ كۆپ ئۇچراۋاتقانلىقىنى، جوڭگۇ دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنى يالغۇز دىنىي ئەركىنلىكتە ئەمەس، بەلكى باشقا نۇرغۇن تەرەپلەردە قاتتىق قول سىياسەت يۈرگۈزۈپ، مىللەتنى يوق قىلىش ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.

ھەقىقەتەن ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئەركىنلىكى دەپسەندە قىلىنىۋاتامدۇ؟ بىزنىڭ بۇ سۇئالىمىزغا جاۋاپ بەرگەن كىشىلەرنىڭ بىلدۈرىشىچە، ھازىر ئۇيغۇر ئېلىدا خىزمەتچى كادىرلارنىڭ ناماز ئوقۇشى چەكلەنگەنلىكىنى، ئالى، ئوتتۇرا ۋە باشلانغۇچ مەكتەپلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ناماز ئوقۇشى، مەسچىتكە كىرىشى ۋە روزا تۇتىشى مەنئى قىلىنغان.

شايار ناھىيسى قايلۇ يېزا ئاھالىسىنىڭ مەسچىت قۇرۇش ئارزۇسى، يېزا باشلىقى تەرىپىدىن بىكار قىلىندى

يېقىندا مۇنداق بىر ۋەقە يۈز بەرگەن بولۇپ، شايار ناھىيىسى قايلۇ يېزىسى ئاھالىسى، نەچچە يىلدىن بېرى يېڭى بىر مەسچىت سېلىش ئۈچۈن، نۇرغۇن مەبلەخ توپلاپ مەسچىت قۇرۇلىشىنى باشلىغان. مەسچىت پۈتۈشكە ئاز قالغاندا، يېزا باشلىقى مەمەت تۇراپ، مەسچىت قۇرۇلىشىنى توختىتىش ھەققىدە بۇيرۇق چۈشۈرگەن.

مەزكۇر ۋەقەدىن خەۋىرى بار بىراق ئۆزىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بىر كىشىنىڭ ئېيتىشىچە، مەمەت تۇراپ، ھۆكۈمەتنىڭ رۇخسىتىگە ئېرىشكەندىن كېيىن باشلانغان مەزكۇر مەسچىت قۇرۇلىشىنى توختىتىشتىن سىرت يەنە، 40 ‏- 50 يىلدىن بۇيان قايلۇ يېزىسىنىڭ ئىمامى بولۇپ كەلگەن 75 ياشلىق ئىمىن قارى ھاجىمنى قاتتىق ھاقارەتلىگەن ۋە بىر قانچە يىلدىن بېرى ئېغىر كېسەل تارتقان يېزا ئىمامىنى قول كۆتۈرۈپ ئۇرغان.

بۇنىڭدىن خەۋەر تاپقان جامائەت، 7 ‏- ئاينىڭ 7 ‏- كۈنى جۈمە نامىزىدىن تارقىلىپ، 15 كىشىلىك ۋەكىللەر گۇرۇپپىسى تەشكىللەپ قايلۇ يېزىلىق ھۆكۈمەتتىن مەسچىت قۇرۇلۇشىنىڭ نىمە ئۈچۈن توختىتىلغانلىقى، يېزا باشلىقىنىڭ ياشانغان كىشىنى ئۇرۇپ ھاقارەتلىگەنلىكىنىڭ سەۋەبىنى سۈرۈشتە قىلىدۇ.

يېزىلىق ھۆكۈمەت، يېزا باشلىقىنىڭ يولسىزلىقى ۋە ھۆكۈمەتنىڭ رۇخسىتىگە ئېرىشكەن قۇرۇلۇشنىڭ توختىتىلىشىنىڭ سەۋەپلىرىنى سۈرۈشتە قىلىش ئۇياقتا تۇرسۇن، بەلكى ۋەقەنى باستۇرۇش پوزىتسىيىسى بىلدۈرۈپ، مۇسا ۋە ئەخمەت ئىسىملىك ئىككى كىشىنى سولاپ قويىدۇ.

ئىمىن قارى ھاجىم قاتتىق ھاقارەت ۋە تاياق دەستىدىن كېسىلى قايتا قوزغۇلۇپ، دوختۇرخانىدا يېتىپ قالىدۇ.

قايلۇ ئاھالىسى، يېزا باشلىقىنىڭ قاتتىق بېسىمى ئاستىدا سادىر بولغان ۋەقەنى سۆزلەپ بېرىشتىن باش تارتتى

بىز بۇ ۋەقە ھەققىدە تېخىمۇ ئېنىق مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن، ئىلگىرى شايار ناھىيىلىك ساقچى ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ھازىر تەپتىش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى بولۇپ خىزمەت قىلىۋاتقان ئىمىن مۇھەممەتنىڭ ئۆيىگە تېلېفۇن ئۇردۇق. بىر قانچە قېتىم تېلېفۇن ئۇرغان بولساقمۇ، ئۇنىڭ ئايالى ئۇنىڭ ئۆيگە قايتىپ كەلمىگەنلىكىنى ئېيتتى.

بىز يەنە قايلۇ يېزىسى سۇ پونكىتىنىڭ باشلىقىغا تېلېفۇن ئۇرۇپ، مەزكۇر ۋەقەنى سۈرۈشتە قىلدۇق. ئۇ بۇ ئىشتىن خەۋىرى يوقلىقىنى ئېيتتى.

بىز، قايلۇ يېزىسىدا ئوقۇتقۇچىلىق قىلىدىغان بىر خانىمدىنمۇ بۇ ۋەقەنى سۈرۈشتە قىلدۇق. ئۇ خانىممۇ بۇ ئىشتىن خەۋىرى يوقلىقىنى ئېيتتى.

بىزگە بۇ ھەقتە مەلۇمات بەرگەن كىشى، قايلۇ يېزىسىدا يۈز بەرگەن مەسچىت قۇرۇلىشىدىن كېلىپ چىققان ۋەقەدىن پۈتۈن كىشىنىڭ خەۋىرى بارلىقىنى، ئەمما يېزا باشلىقى مەمەت تۇراقتىن چۆچىگەن يېزا ئاھالىسىنىڭ سۈكۈتتە تۇرىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۆزىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان كىشىنىڭ بىلدۈرىشىچە، مەمەت تۇراپنىڭ، قايلۇ يېزا ئاھالىسىنىڭ ئۆز ئىقتىسادىنى تېجەپ تۇرۇپ يىققان 100 مىڭ يۈئەندىن ئارتۇق پۇلىنى زىيانغا ئۇچراتقان. ئۇنىڭ ئايالى شايار ناھىيىلىك دوختۇرخانىنىڭ نۇرغۇن پۇلىغا خىيانەت قىلغان، گەرچە بىر قانچە ئاي تۈرمىدە ياتقان بولسىمۇ، كېيىن ئېرىنىڭ يولى بىلەن قۇتۇلۇپ چىققان، نۆۋەتتە بۇ بىر ئائىلە كىشىلىرى خەلىقنىڭ قاتتىق نەپرىتىگە ئۇچرىماقتا. (ئەقىدە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.