ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى خىتاينىڭ ئەركىنلىك ئەھۋالى ھەققىدە ئىسپات بېرىش يىغىنى ئۆتكۈزدى


2006.11.22
namaz-heytgah-150.jpg
15 – ئۆكتەبىر كۈنى، ئۇيغۇر كىشى قەشقەردىكى ھېيتگاھ جامەسىدە ئىمامغا قۇلاق سالماقتا. خىتاي ھۆكۈمىتى 18 – ياشتىن تۆۋەن ياشلارنىڭ مەسچىتكە كىرىشىنى مەنئىي قىلىپ، دىنى ئېتىقادى كۈچلۈكرەك ئۇيغۇرلارنى "دىنىي ئەسەبىيلەر" دەپ ئەيىبلەپ، جازالىماقتا. AFP

خىتاينىڭ دىنىي ئەركىنلىك ئەھۋالى بۇش ھۆكۈمىتى ۋە ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئەڭ سەزگۈر مۇئامىلە قىلىپ كېلىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇقى مەسىلىلىرىنىڭ بىرى بولۇپ كەلمەكتە.

دىنىي ئىشلار بەلگىلىمىسىدىن كۈتكەن ئۈمىد سۇغا چىلاشتى

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى خىتاي ئىشلار كومىتېتىنىڭ ئالدىنقى كۈنكى ئىسپات بېرىش يىغىنىدا مۇتەخەسسىسلەر ۋە دىنىي زاتلار ئاساسلىقى خىتاي دۆلەت كابېنتى 2004 - يىلى 11 - ئايدا چىقارغان ۋە 2005 - يىلى 3 - ئايدا رەسمىي يولغا قويغان "دىنىي ئىشلارنى باشقۇرۇش بەلگىمىسى" ئۈستىدە مۇزاكىرە ئېلىپ باردى.

يىغىندا ئامېرىكىنىڭ ۋاشىنگتون رايونىدىكى كوۋىنگتون ۋە بۇرلىڭ قانۇن مۇلازىمەت شىركىتىنىڭ ئادۋوكاتى كارلسوننىڭ ئەسكەرتىشىچە، خىتاينىڭ دىنىي ئىشلارنى باشقۇرۇش بەلگىلىمىسى رەسمىي يولغا قويۇلغاندىن كېيىن، بېيجىڭ ھۆكۈمىتى دىنىي گۇرۇھلارغا قاراتقان كونترولنى يەنىلا بوشاشتۇرمىغان. كارلسون، "دىنىي ئىشلارنى باشقۇرۇش بەلگىمىسى كۈچكە ئىگە بولغاندىن بېرى يۈز بەرگەن بىر قاتار ۋەقەلەر كىشىلەرنىڭ بۇ بەلگىلىمىدىن كۈتكەن ئۈمىدۋار ئارزۇسىنى سۇغا چىلاشتۇردى" دەيدۇ.

كارلسوننىڭ ئەسكەرتىشىچە، يېڭى بەلگىلىمىدىكى ماددىلار دىنىي گۇرۇھلارنىڭ ھوقۇقىغا قارىتا ھەر خىل چەكلىمىلەرنى قويۇپ، دىنىي گۇرۇھلارنى كونترول قىلىشنى بوشاشتۇرمىغان. ئۇ، يەرلىك دىنىي ئىشلار دائىرىلىرىنىڭ دىنىي گۇرۇھلارنى ۋەتەنپەرۋەرلىك ھەرىكىتى كومىتېتى ياكى ھۆكۈمەت كونتروللۇقىدىكى دىنىي جەمئىيەتلەر تەۋەلىكىدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىشقا مەجبۇرلايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

كارلسوننىڭ ئەسكەرتىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى دۆلەت ئېتىراپ قىلغان ئىسلام، خرىستىئان، كاتولىك، بۇددا، داۋ دىنلىرىنى ھۆكۈمەتكە تەۋە دىنىي جەمئىيەتلەر ئارقىلىق كونترول قىلماقتا. ئۇ، دۆلەت دىنىي ئىشلار ئىدارىسى ۋە كومپارتىيىنىڭ بىرلىكسەپ بۆلۈمى ھۆكۈمەتنىڭ دىنىي پائالىيەتلەرنى باشقۇرۇش بەلگىمىسىنى ئىجرا قىلىشتا سىياسى " يىتەكچىلىك ۋە نازارەتچىلىك" رولى ئوينايدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى. خىتاي ھۆكۈمىتى، 2004 - يىلى يېڭى بەلگىلىمە ئېلان قىلغاندا بۇ بەلگىلىمىنى ئاقلاپ، دىنىي ئىشلارنى باشقۇرۇش يېڭى بەلگىلىمىسى"پۇقرالارنىڭ دىنىي ئىبادەت ئەركىنلىكىنى قوغداش ۋە قانۇنى كاپالەتكە ئىگە قىلىشنى مەقسەد قىلغانلىقىنى" ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى.لېكىن خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى قاتارلىق ئورگانلار، بۇ بەلگىلىمىنى دىنىي پائالىيەتلەرنى ئۈنۈملۈك كونترول قىلىش ئۈچۈن يەرلىك دائىرىلەرگە تېخىمۇ زور ھوقۇقلار بېرىلگەن، دەپ ئەيىبلىگەن.

كونا بەلگىلىمىدىكى چەكلىمىلەر يەنىلا ساقلاپ قىلىنغان

ئىسپات بېرىش يىغىندا ئامېرىكا كالىفورنىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ سىياسىي پەنلەر پروفېسسورى جېيمىس توڭ، يېڭى بەلگىلىمىنىڭ 5 - ماددىسىدا ناھىيىدىن يۇقىرى دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ دىنىي ئىشلار ئورگانلىرىغا دۆلەت مەنپەئەتى ۋە ئىجتىمائىي، ئاممىۋى مەنپەئەتكە مۇناسىۋەتلىك دىنىي ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلىش ھوقۇقى بېرىلگەنلىكىنى بىلدۈردى.

جېيمىس توڭنىڭ ئەسكەرتىشىچە، بەلگىلىمىگە دىنىي پائالىيەتلەرنى چەكلەيدىغان يېڭى ماددىلار كىرگۈزۈلمىگەن شۇنداقلا سۈيىئىستېمالچى دىنىي خىزمەت ساھەسىدىكى ئەمەلدارلارنى بىر تەرەپ قىلىش ۋە دىنىي گۇرۇھلارنىڭ مال - مۈلكىنى قوغداش ماددىسى كۆپەيتىلگەن بولسىمۇ، لېكىن كونا بەلگىلىمىدىكى كۆپ قىسىم چەكلىمىلەر، بولۇپمۇ "دۆلەت بىخەتەرلىكىگە زىيان سالىدىغان دىنىي پائالىيەتلەرنى چەكلەش" دېگەن ماددىلار ئۆز پېتى ساقلاپ قېلىنغان.

مەركىزى ئامېرىكىنىڭ تېكساس شتاتىدىكى "جۇڭگو ياردەم جەمئىيىتى " دەپ ئاتىلىدىغان بىر دىنىي جەمئىيەتنىڭ مەسئۇلى فۇ شىچيۇ، خىتايدا مەركىزى ھۆكۈمەت ۋە يەرلىك دائىرىلەرنىڭ دىنىي ئىشلارنى باشقۇرۇش بەلگىلىمىسىنى چۈشەندۈرۈش ھوقۇقى بار. ئۇلار بۇنىڭغا تايىنىپ دىنىي گۇرۇھلارنى خالىغانچە كونترول قىلماقتا، دېدى. "جۇڭگو ياردەم جەمئىيىتى" ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا مىسيونىرلارنى ئەۋەتىپ، دىن تارقىتىش پائالىيىتى بىلەن ئاكتىپ شۇغۇللىنىۋاتقان ئامېرىكىدىكى دىنىي جەمئىيەتلەرنىڭ بىرى. يېقىندا خىتاي ھۆكۈمىتى مەزكۇر جەمئىيەتنىڭ ئىنجىل كۇرسى ئېچىپ ئادەم تەربىيىلەۋاتقان كورىيىلىك بىر مىسيونىرىنى تۇتقۇن قىلغان.

خىتاي قانۇن سىستېمىسىدىكى نېگىزلىك مەسىلىلە

كۆزەتكۈچىلەرنىڭ ئەسكەرتىشىچە، خىتاي قانۇن سىستېمىسىدىكى نېگىزلىك مەسىلىلەرنىڭ بىرى، يەرلىك ھۆكۈمەتلەر چىقارغان قارار ۋە بەلگىلىمىلەر خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتى ياكى خىتاي خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ چىقارغان قارار ۋە بەلگىلىمىلىرىگە ئۇيغۇن ياكى ئۇيغۇن ئەمەسلىكىنى نازارەت قىلىدىغان بىر ئورگاننىڭ يوقلىقىدۇر.

فۇ شىچيۇ، "خىتاي دۆلەت كابىنتىنىڭ دىنىي ئىشلارنى باشقۇرۇش بەلگىلىمىسىدە خۇراپىي دىنلارغا قارشى تۇرۇش ماددىسى بار. ھەر قايسى قاتلاملاردىكى ئەمەلدارلار بۇ ماددىغا تايىنىپ ئاتالمىش" خۇراپىي دىنلارغا قارشى تۇرماقتا". نەتىجىدە، ھۆكۈمەتنىڭ ۋەتەنپەرۋەر دىنىي جەمئىيەتلىرىگە كىرىشنى رەت قىلغان دىنىي گۇرۇھلارغا "خۇراپىي دىنلار" قاتارىدا زەربە بېرىلىۋاتىدۇ " دېدى. لېكىن بەزى ئانالىزچىلارنىڭ ئەسكەرتىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا يەر ئاستى خرىستىئان دىنىي گۇرۇھلىرىغا قارىغاندا مۇسۇلمانلارنىڭ يەر ئاستى دىنىي پائالىيەتلىرىنى تېخىمۇ شەپقەتسىزلىك بىلەن باستۇرماقتا ۋە دىنىي مەكتەپ ئاچقان ئۇيغۇرلارنى ئۇزۇن مۇددەتلىك تۈرمە جازاسىغا ھۆكۈم قىلماقتا. ئامېرىكا مىلۋاكېي ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ كاندىدات دوكتورى قىلىچ قانات، بۇ ئەھۋالنى خرىستىئان دىنىي گۇرۇھلىرىنىڭ خەلقئارا ئارقا تىرىكى بىلەن مۇناسىۋەتلىك، دەپ كۆرسەتتى.

كۈزەتكۈچىلەر، يۇقىرىقى ئەھۋالدا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى پارتكومى ۋە ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي دۆلەت ئىشلار كابېنتى چىقارغان "دىنىي ئىشلارنى باشقۇرۇش بەلگىلىمىسى" نى رايوننىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈش نامى ئاستىدا تېخىمۇ كەسكىن تەدبىرلەر بىلەن ئىجرا قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرمەكتە. خىتاي دائىرىلىرىنىڭ رەسمىي ستاتىستىكىسىغا ئاساسلانغاندا نۆۋەتتە، خىتاي بۇيىچە 100 مىليون ئەتراپىدا كىشى ھەر خىل دىنلارغا ئېتىقاد قىلىدىغان بولۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتى ئىسلام، خرىستىئان، كاتولىك، داۋ ۋە بۇددا دىنلىرىنى رەسمىي دىنلار، دەپ ھېسابلايدۇ. (ئەركىن)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.