ئامېرىكا: خىتاي ھۆكۈمىتى دىنىي ئەركىنلىككە داۋاملىق خىلاپلىق قىلماقتا


2006.12.25
namaz-heytgah-150.jpg
15 – ئۆكتەبىر كۈنى، ئۇيغۇر كىشى قەشقەردىكى ھېيتگاھ جامەسىدە ئىمامغا قۇلاق سالماقتا. خىتاي ھۆكۈمىتى 18 – ياشتىن تۆۋەن ياشلارنىڭ مەسچىتكە كىرىشىنى مەنئىي قىلىپ، دىنى ئېتىقادى كۈچلۈكرەك ئۇيغۇرلارنى "دىنىي ئەسەبىيلەر" دەپ ئەيىبلەپ، جازالىماقتا. AFP

خىتاي 1999 - يىلدىن بېرى ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىنىڭ دىنىي ئەركىنلىك ئەھۋالى "پەۋقۇلئادە ئەندىشە قوزغاۋاتقان ئەللەر" تىزىملىكىدىكى دۆلەتلەر قاتارىدىن ئورۇن ئېلىپ كەلمەكتە. خىتاي بۇ يىلمۇ ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى يىلدا بىر قېتىم يېڭىلايدىغان تىزىملىكتىكى ئۆزبېكىستان، سۇدان ۋە شىمالىي كورىيەلەر قاتارىدا دىنىي ئەركىنلىك ئەھۋالى پەۋقۇلئاددە ئەندىشە قوزغاۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ بىرى، دەپ ئېلان قىلىندى. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئاۋام پالاتاسىنىڭ خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر كومىتېتى ئۆتكەن ھەپتە ئىسپات بېرىش يىغىنى چاقىرىپ، تىزىملىكتىكى دۆلەتلەر ۋە بۇش ھۆكۈمىتىنىڭ سىياسىتى توغرىسىدا مەلۇمات ئالدى.

خىتاينىڭ دىنىي ئەركىنلىك خاتىرىسى ئىنتايىن ناچار

ئىسپات بېرىش يىغىنىدا ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى ستېفېن لىستون، خىتاينى يەر شارىدىكى دىنىي ئەركىنلىككە ئەڭ ئېغىر دەرىجىدە خىلاپلىق قىلىۋاتقان 8 دۆلەتنىڭ بىرى، دەپ كۆرسەتتى. ئۇ، "خىتاينىڭ دىنىي ئەركىنلىك خاتىرىسى ئىنتايىن ناچار. شۇ سەۋەبتىن خىتاي بۇ يىلمۇ ئالاھىدە دىققەت قىلىنىدىغان دۆلەتلەر تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلدى. ئۇلار يەر شارىدىكى دىنىي ئەركىنلىككە ئەڭ ئېغىر دەرىجىدە خىلاپلىق قىلىۋاتقان 8 دۆلەتنىڭ بىرى،" دەيدۇ.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىنىڭ "قارا تىزىملىكى" دىكى قالغان 7 دۆلەت سەئۇدى ئەرەبىستان، سۇدان، شىمالىي كورىيە، ئېرىترىيە، ئىران، بېرما، ئۆزبېكىستان قاتارلىق دۆلەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

لىستون، ئاۋام پالاتاسى خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر كومىتېتىدا "خىتايدىكى يەر ئاستى خرىستىئان جەمئىيەتلىرى، رىم كاتولىك پاپاسىنىڭ روھانى رەھبەرلىكىنى ئېتىراپ قىلىدىغان كاتولىك مۇخلىسلار، مۇسۇلمان ئۇيغۇرلار، تىبەتلىك بۇددىستلار ۋە شۇنداقلا فالۇنگوڭ مۇرىتلىرى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نەزىرىدە خۇراپىي گۇرۇھلار، دەپ قارىلىپ خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئاۋارىگەرچىلىكى، باستۇرۇشى ۋە بۇزغۇنچىلىقىغا ئۇچرىماقتا. ئېتىقادىدىن ۋاز كېچىشنى رەت قىلغان دىنىي مۇخلىسلار تۈرمىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ كەمسىتىشىگە ئۇچراۋاتىدۇ،" دېدى.

دىنىي ئەركىنلىك مەسىلىسى بۇش ھۆكۈمىتى خىتايلار بىلەن ئېلىپ بارغان يۇقىرى دەرىجىلىك ئۇچرۇشۇشلاردا ئۈزلۈكسىز ئوتتۇرىغا قويۇپ كېلىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق دائىرىسىدىكى مەسىلىلەرنىڭ بىرى. لىستون، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى خىتايغا ئامېرىكىنىڭ دىنىي ئەركىنلىككە ئالاھىدە سەزگۈر مۇئامىلە قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشنىڭ يېڭى يوللىرى ئۈستىدە ئىزدىنىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ، "بىز خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بىز بىلەن ھەمكارلىشىپ بۇ مەسىلىنى بىر تەرەپ قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز. نۇرغۇن كىشىلەر خىتايدا دىنىي ئەركىنلىك ۋەزىيىتى تېخىمۇ ناچارلىشىپ كېتىۋاتىدۇ، دەپ قارىماقتا. بىز بۇنى چوقۇم قايتا كۆزدىن كەچۈرۈپ چىقىشىمىز، مەسىلىنى ھەل قىلىشنىڭ يېڭى يوللىرىنى تېپىشىمىز كېرەك،" دەيدۇ.

خىتايغا ئىمبارگو قويۇش ئوتتۇرىغا قويۇلغان

خىتاي دىنىي ئەركىنلىك خاتىرىسىنىڭ كەينىگە چېكىنىپ كېتىش ۋەزىيىتى ئاستىدا بۇش ھۆكۈمىتى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدىكى خىتاي دىنىي ئەركىنلىك ۋەزىيىتىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقان بەزى ئاۋام پالاتا ئەزالىرىنىڭ خىتايغا ئىمبارگو قويۇش ھەققىدىكى بېسىمىغا دۇچ كەلمەكتە. كرىستوفىر سىمىس بۇش ھۆكۈمىتى، 1999 - يىلدىن بېرى ئامېرىكىنىڭ دىنىي ئەركىنلىك "قارا تىزىملىكى" دىن ئورۇن ئېلىپ كېلىۋاتقان خىتايغا تەدبىر قوللىنىش كېرەك، دەپ قارايدىغان جۇمھۇرىيەتچى ئاۋام پالاتا ئەزالىرىنىڭ بىرى. ئۇ، بۇش ھۆكۈمىتىنىڭ خىتايغا تەدبىر قوللىنىش ۋاقتى يېتىپ كەلدى، دەپ تەكىتلىمەكتە.

كرىستوفىر سىمىس ئىسپات بېرىش يىغىنىدا لىستوننىڭ جاۋاپ بېرىشىنى تەلەپ قىلىپ، "سىلەر خىتايغا تەدبىر قوللۇنىشنى ئويلىشىۋاتامسىلەر؟ ئەگەر ئويلاشمىغان بولساڭلار بۇنىڭ سەۋەبى نىمە؟ ھازىر تەدبىر قوللىنىشنىڭ ئەڭ ياخشى پەيتى، بىز تەدبىر قوللىنىشىمىز كېرەك،" دەيدۇ. سىمىس، خىتايدا دىنىي ئەركىنلىك ۋەزىيىتى كۈنسېرى ئېغىرلىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى ۋە يەر ئاستى خرىستىئان جەمئىيىتى رەھبەرلىرى ۋە شۇنداقلا مۇسۇلمان ئۇيغۇرلار، تىبەتلەر، فالۇنگوڭ مۇرىتلىرىنىڭ جازالىنىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى. لېكىن لىستون خىتايغا تەدبىر قوللىنىش ئورنىغا خىتاي دىنىي ئەركىنلىك ۋەزىيىتىنى ياخشىلاشنىڭ نۇرغۇن يوللىرى بارلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ،" مېنىڭچە بىزنىڭ ئوخشىمىغان يوللار بىلەن يەنى دىپلوماتىك ۋە قانۇن دائىرىسى ئىچىدە بىز قىلالايدىغان نۇرغۇن ئىشلار بار،" دەيدۇ. ئۇ يەنە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دىنىي مۇخلىسلارنى تۈرمىگە سولاش ۋە ئۇلارنى كەمسىتىش ئەھۋالى ھەققىدە توختالدى. لىستون، خىتايدا دىنىي مۇخلىسلارنىڭ تۈرمىدە ئۆلگەنلىكى ۋە ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش لاگىرلىرىدا تەن جازاسى ھەم كەمسىتىشكە ئۇچرىغانلىقىغا دائىر ئىشەنچلىك مەلۇلاتلار بارلىقىنى بىلدۈردى. كرىستوفىر سىمىس، ئامېرىكا قانۇنىنىڭ خىتايغا ئوخشاش دىنىي ئەركىنلىككە ئېغىر دەرىجىدە بۇزغۇنچىلىق قىلغان دۆلەتلەرگە ئىمبارگو قويۇشنى تەلەپ قىلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، خىتاي ئامېرىكىنىڭ شېرىكى، دەيدىغان قاراش ئۈستىدە قايتا ئورلىنىشنى ۋە ئامېرىكىنىڭ خىتاي بىلەن بولغان سودا قىزىل رەقىمىنى تىلغا ئالدى.

مەركىزى ئامېرىكىنىڭ تېكساس شتاتىدىكى كاردىنال كوڭ فوندى جەمئىيىتىنىڭ رەھبىرى جوسېپ كوڭ ئاۋام پالاتاسىدا ئىسپات بەرگۈچىلەرنىڭ بىرى. ئۇ يىغىندا خىتاي يەر ئاستى كاتولىك چېركاۋىنىڭ بىشوپى سۇ جىمىن بۇنىڭدىن 9 يىل بۇرۇن قولغا ئېلىنغاندىن بېرى ھازىرغا قەدەر ئىز دېرەكسىز يوقاپ كەتكەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ، " بىز بىشوپ سۇ جىمىننىڭ ئۆلگەن ياكى ھايات ياشاۋاتقانلىقىنى بىلىشىمىز كېرەك. مېنىڭ ئاڭلىشىمغا قارىغاندا ئەگەر ئۇ ھايات ياشاۋاتقان بولسا، كۆپ تەرەپلىمىلىك ئامىللار سەۋەبىدىن سالامەتلىكى ياخشى بولماسلىقى مۇمكىن. خىتايدا يەر ئاستى خرىستيان بىشوپلىرىنىڭ ھەممىسى قولغا ئېلىندى، تۈرمىگە سولاندى ۋە ئىز دېرەكسىز يوقالدى. بىر قىسىمى بولسا ئائىلە نەزەربەنتىدە تۇتۇپ تۇرۇلماقتا ياكى قېچىپ يۈرمەكتە،" دەيدۇ.

ئۆزبېكىستانمۇ قارا تىزىملىككە كىرگۈزۈلگەن

ئىسپات بېرىش يىغىنىدا ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتىنىڭ باشلىقى فېلىس گېئار، بۇش ھۆكۈمىتىنى خىتاي بىلەن سىستېمىلىق ۋە يۇقىرى دەرىجىلىك كىشىلىك ھوقۇقى سۆھبىتى ئېلىپ بېرىپ، خىتاينى ئۈزلۈكسىز ناچارلىشىۋاتقان خىتاي دىنىي ئەركىنلىك ۋەزىيىتىنى تۈزەشكە ئۈندەشنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ئۆزبېكىستان خىتاي بىلەن بىر قاتاردا ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىنىڭ "قارا تىزىملىكى" دىكى دۆلەتلەرنىڭ بىرى. ئىسپات بېرىش يىغىنىدا ستېفېن لىستون، ئۆزبېكىستاننىڭ نىمە ئۈچۈن بۇ تىزىملىككە كىرگۈزۈلگەنلىكىنى چۈشەندۈردى. ئۇ، ئۆزبېكىستاندا مۇسۇلمانلار ئۇزۇندىن بېرى ئۆزبېكىستان ھۆكۈمىتىنىڭ بۇزغۇنچىلىقىغا ئۇچراغانلىقىنى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۆتكەن يىلدىن بېرى ئۆزبېكىستان ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ دۆلەتتىكى خرىستىئان مۇخلىسرىغا قارىتىلغان بۇزغۇنچىلىقى كۈچىيىشكە باشلىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇنىڭ ئەسكەرتىشىچە، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى رايىس يۇقىرىقى سەۋەبلەرنى كۆزدە تۇتۇپ ئۆزبېكىستاننى "ئالاھىدە ئەندىشە قوزغاۋاتقان دۆلەتلەر" تىزىملىكىگە كىرگۈزگەن.

بۇ قېتىمقى ئىسپات بېرىش يىغىنى روزجىستىۋا بايرىمىنىڭ ھارپىسىدا ئۆتكۈزۈلدى شۇنداقلا بۇ يىغىن، خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر كومىتېتى يېڭى نۆۋەتلىك ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ۋەزىپە تاپشۇرۇۋېلىشتىن بۇرۇن چاقىرغان ئەڭ ئاخىرقى نۆۋەتلىك ئىسپات بېرىش يىغىنى بولۇپ قېلىشى مۇمكىن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.