ئا خ د ئە ك خىتاينى دىنىي ئەركىنلىكتە " ئالاھىدە دىققەت قىلىنىدىغان دۆلەتلەر" تىزىملىكىگە كىرگۈزدى


2007.05.03

ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتى چارشەنبە كۈنى دۇنيادىكى ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ دىنىي ئەركىن ئەھۋالى ھەققىدە دوكلات ئېلان قىلىپ، خىتاينى يەنە دىنىي ئەركىنلىك ۋەزىيىتى ئالاھىدە دىققەت قىلىنىدىغان دۆلەتلەر تىزىملىكىگە كىرگۈزدى ۋە خىتاي ھۆكۈمىتى " دىنىي ئەركىنلىككە ئىزچىل تۈردە سىستېمىلىق ۋە ئېغىر دەرىجىدە زىيانكەشلىك قىلماقتا،" دەپ ئەيىپلەندى.

دوكلاتتا ئەسكەرتىشىچە، خىتايدا دىنىي جامائەتلەر ئۈزلۈكسىز كۆپىيىۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ دىنىي ئەركىنلىككە قويغان چەكلىمىسى كۈچەيگەن. دوكلاتتا، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ دىنىي ئەركىنلىكى ۋەزىيىتىنى پەۋقۇلاددە ناچار، دەپ كۆرسەتتى.

ئامېرىكا: خىتاي " ئالاھىدە دىققەت قىلىنىدىغان دۆلەتلەر" نىڭ بىرى

ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتى ئېلان قىلغان دوكلاتتا، بۇ يىلقى دىنىي ئەركىنلىك ۋەزىيىتى ئالاھىدە دىققەت قىلىنىدىغان دۆلەتلەر تىزىملىكى تۇرغۇزۇلغان بولۇپ، خىتاي ئىران، پاكىستان، سۇدان، تۈركمەنىستان، ئۆزبېكىستان قاتارلىق دۆلەتلەر قاتارىدا بۇ تىزىملىككە كىرگۈزۈلدى.

دوكلاتتا، خىتايدىكى ھەر قايسى دىنىي گۇرۇھلارنىڭ بولۇپمۇ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلار، تىبەتلىك بۇددىستلار، " يەر ئاستى" كاتولىكلار، "ئائىلە چېركاۋىدىكى" پروتىستانتلار ۋە فالۇنگوڭ روھانى ھەرىكىتىگە ئوخشاش دىنىي گۇرۇھلارنىڭ بەزى چەكلىمىلەرگە ئۇچراۋاتقانلىقىنى، كۈزۈتىش ۋە نازارەت ئاستىغا ئېلىنغانلىقىنى ئىلگىر سۈردى.

خىتايدا دىنىي زاتلار ۋە دەرۋىشلەر خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچراۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن دوكلاتتا، بۇ كىشىلەرنىڭ تەن جازاسىغا ئۇچراش، ئىز - دېرەكسىز يوقاپ كېتىش، تۈرمىگە تاشلىنىش، ياكى دىنىي ئېتىقادى تۈپەيلى ناچار مۇئامىلىگە ئۇچراۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

مۇسۇلمانلار، خرىستيانلار ۋە بۇددىستلارنىڭ دىنىي ئەركىنلىكى چەكلەنمەكتە

ئامېرىكا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتىنىڭ ئەزاسى ئېلزابېت پرودرومونىڭ سەيشەنبە كۈنى ئامېرىكا مەملىكەتلىك ئاخبارات كۇلۇبىدا ئۆتكۈزۈلگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا ئەسكەرتىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆتكەنكى بىر يىلدا دىنىي ۋە ئېتىقات ئەركىنلىكىگە " ئىزچىل سىستېمىلىق ھالدا ئېغىر بۇزغۇنچىلىق قىلغان." ئېلزابېت پرودرومو خىتاينىڭ نىمە ئۈچۈن دىنىي ئەركىنلىك "ئالاھىدە دىققەت قىلىنىدىغان دۆلەتلەر" تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەنلىكى ھەققىدە توختالدى.

ئېلزابېت پرودرومو،"ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتى بۇ يىلمۇ خىتاينى ئالاھىدە دىققەت قىلىنىدىغان دۆلەتلەر قاتارىغا كىرگۈزدى. بىز 1999 - يىلدىن بېرى خىتاينى بۇ تىزىملىككە كىرگۈزۈپ كېلىۋاتىمىز. ئامېرىكا تاشقىي ئىشلار مىنىسىترلىكىمۇ بىزنىڭ بۇ قارارىمىزنى قوبۇل قىلىپ كېلىۋاتىدۇ. بىزنىڭ بۇ قارارىمىزنىڭ ئاساسى خىتايدا ھەر قايسى دىنىي گۇرۇھلار خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۈزلىكسىز قاتتىق چەكلىمىسى، كونترولى ۋە بۇزغۇنچىلىقىغا ئۇچراۋاتقانلىقىغا تايانغان. تىبەتلىك بۇددىستلار، شىنجاڭدىكى مۇسۇلمانلار، رىم ۋاتىكانىغا قارايدىغان كاتولىكلار، يەر ئاستى دىنىي مۇخلىسلار ئەڭ ئېغىر زىيانكەشلىككە ئۇچراۋاتىدۇ. يۇقىرىقى دىنىي گۇرۇھلارنىڭ رەھبەرلىرى دىنىي - ئېتىقادى سەۋەبىدىن قامالماقتا، كەمسىتىشكە ئۇچرىماقتا، ھەتتا بەزىلەر ئىز - دېرەكسىز يوقالماقتا،" دەپ كۆرسەتتى.

ئۇيغۇر دىندارلار " تېرورچى"، دىگەن نامدا باستۇرۇلىۋاتىدۇ

دوكلات يەنە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ دىنىي ئەركىنلىك ۋەزىيىتى ئۈستىدە توختالدى ۋە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ دىنىي ئەركىنلىك ۋەزىيىتى پەۋقۇلاددە ناچار، دەپ ئاگاھلاندۇردى شۇنداقلا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ رايوندىكى سىياسىتىگە " تېرورىزىم، بۆلگۈنچىلىك، ۋە دىنىي ئەسەبىلىك،" تامغىسى بېسىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

دوكلات، "ھۆكۈمەت تېرورىزىمغا قارشى تۇرۇشنى ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ تىنچ دىنىي پائالىيىتىنى باستۇرۇش يولىدا قوللانماقتا. بۇ بىر يىلدا ئۇيغۇر مۇسۇلمان ئۆلۈمالار ۋە تالىپلار ئاتالمىش قانۇنسىز دىنىي پائالىيەتلەر تۈپەيلى تۇتقۇن قىلىندى. ئاتالمىش قانۇنسىز دىنىي مەركەزلەر پىچەتلەندى. ساقچىلار ئاتالمىش قانۇنسىز دىنىي ئەسەرلەرنى ئۈزلىكسىز مۇسادىرە قىلدى." دەيدۇ.

دوكلاتتا يەنە، ئۇيغۇر مەسچىت ئىماملىرىغا سىياسى تەربىيە ئۆتكىلى قويۇلغانلىقىنى، ئىماملار دىنىي ئىشلار ئىدارىسى، جامائەت خەۋپسىزلىك ئورگانلىرىنىڭ كۆرسىتىمىسىنى قوبۇل قىلىشقا مەجبۇرلانغانلىقىنى، يېڭى مەسچىتلەرنى سېلىش، بالىلارغا ئىسلامنى ئۈگۈتىش، ھۆكۈمەت خادىملىرى ۋە ياشلارنىڭ دىنىي ئىبادەت بىلەن شۇغۇللىنىش ئەركىنلىكىگە چەكلىمە قويغانلىقىنى تەنقىد قىلدى. دوكلات، " بۇ چەكلىمىلەر جەنۇپتىكى ئۇيغۇرلار كۆپ سانلىقنى ئىگىللەيدىغان ۋىلايەتلەردە تېخىمۇ قاتتىق يولغا قويۇلماقتا،" دەيدۇ.

ئۇيغۇر تەشكىلاتلار ئامېرىكىنىڭ دوكلاتىنى قارشى ئالدى

مەركىزى گېرمانىيىنىڭ ميۇنخېن شەھىرىدىكى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ دىنىي ئىشلار مەسئۇلى تۇرغۇنجان قارىمنىڭ ئەسكەرتىشىچە، ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتىنىڭ دوكلاتىدا ئۇيغۇرلارنىڭ راست ئەھۋالى ئەكس - ئەتتۈرۈلگەن. ئۇ، بۇ دوكلاتنى قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

دوكلاتتا يەنە خىتاي ھۆكۈمىتى رابىيە قادىر خانىمنىڭ پەرزەنتلىرىگە زىيانكەشلىك قىلىغانلىقىنى، ئابلىكىم ئىسىملىك ئوغۇلىنى ھاكىمىيەتنى "ئاغدۇرماقچى،" دىگەن سەۋەب بىلەن تۈرمىگە تاشلىغانلىقىنى ئەيىپلەپ، "ئابلىكىمنىڭ قەيەرگە سولانغانلىقى، سالامەتلىك ئەھۋالى ھازىرغا قەدەر مەلۇم ئەمەس،"دەپ كۆرسەتتى.

دوكلاتتا ئەسكەرتىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆتكەنكى بىر يىلدا تەرەپسىز دىنىي تەشكىلاتلارغا زەربە بېرىش قەدىمىنى كۈچەيتكەن بولۇپ، چەتئەل دىنىي تەشكىلاتلىرىنىڭ خىتايدىكى پائالىيىتىگە قارشى ھەرىكەت قوزغىغان شۇنداقلا بۇ تەشكىلاتلار بىلەن ئالاقە ئورناتقان دىنىي گۇرۇھلارغا زەربە بەرگەن.

دوكلاتتا، "چەتئەل كۈچلىرىگە قارشى تۇرۇش" ھەرىكىتىنى كومپارتىيە مەركىزى كومىتېت سىياسى بىروسىدىكى ئەمەلدارلار قوزغىغانلىقىنى، بۇ ھەرىكەتنىڭ تىبەت ۋە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا ئوخشاش مىللىي رايونلار شۇنداقلا دىنىي پائالىيەتلەر بىر قەدەر جۇشقۇن رايونلاردا باستۇرۇش قەدىمى تېخىمۇ شىددەتلىك ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

خىتاي يازغۇچىسىنىڭ بۇ ھەقتىكى پىكرى

بېيجىڭدە ياشايدىغان خىتاي يازغۇچى يۈي جېينىڭ ئەسكەرتىشىچە، ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتىنىڭ خىتاينى ئالاھىدە دىققەت قىلىنىدىغان دۆلەتلەر تىزىملىكىتگە كىرگۈزگەنلىكى ئۇنى ئەجەپلەندۈرمىگەن.

يۈي جېي سۆزىدە، "مېنىڭچە مۇشۇ بىر قانچە يىلدىن بېرى جوڭگونىڭ دىنىي ئەركىنلىك سىياسىتى ياخشىلىنىش تەرەپكە قاراپ ماڭمىدى. ئەمما مۇشۇ بىر قانچە ئايدىن بېرى دىنىي ئەركىنلىككە زىيانكەشلىك قىلىدىغان ۋەقەلەر كۆپىيىشكە باشلىدى. بەزى ساھەلەردە كونترولنى كۈچەيتمەكتە. مەسىلەن: مەملىكەت ئىچىدىكى ئائىلە چېركاۋلىرى بىلەن غەرب دىنىي جەمئىيەتلىرىنىڭ مۇناسۋىتىنى ئۈزۈپ تاشلىماقچى بولدى. يېقىندا شىنجاڭدا دىن تارقاتقان ئامېرىكىلىق مىسيونىرنى چىگرىدىن قوغلاپ چىقىرىشتەك ۋەقەلەريۈز بەردى،" دەپ كۆرسەتتى.

دوكلاتتا بۇش ھۆكۈمىتىگە بېرىلگەن تەكلىپ پىكىرلەر

خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتى دوكلاتتا بۇش ھۆكۈمىتىگە ئۇيغۇر ۋە تىبەت ئاپتونوم رايونىنىڭ دىنىي ئەركىنلىك ۋەزىيىتىنى ياخشىلاش توغرىسىدا بەزى تەكلىپ پىكىرلەرنى بەرگەن.

بۇ تەكلىپ پىكىرلەر، لخاسا ۋە ئۈرۈمچىلەردە ئامېرىكا كونسۇلخانىسى قۇرۇش، ئۇيغۇر ۋە تىبەت دىنىي زاتلىرىغا ئامېرىكىدا ئوقۇش پۇرسىتى يارىتىش، بۇ رايونلاردىكى ئۇيغۇر مۇسۇلمانلار ۋە تىبەتلىك بۇددىستلارغا خىتاي ئاساسى قانۇنى ۋە خەلقئارا قانۇنلار ئاساسىدا ئۆز ھوقۇقىنى قوغدايدىغان قانۇن مۇلازىمەت ئورۇنلىرىنى تەسىس قىلىش،، تىبەتلەرگە ئېلىپ بېرىۋاتقان مەدىنىيەت، تىل ۋە ئىجتىمائىي پروگراممىلارنى ئۇيغۇرلارغا كېڭەيتىش، ئامېرىكا ئاۋازى، ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىنىڭ تىبەت ۋە ئۇيغۇرچە ئاڭلىتىشىنى ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە داۋاملاشتۇرۇش قاتارلىقلار. (ئەركىن)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.