خەلقئارا دىنى ئەركىنلىك كومىتېتى ئاخبارات ئېلان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنى قاتتىق ئەيىبلىدى


2007.11.20

19- نويابىر دۈشەنبە كۈنى ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى خەلقئارا دىنى ئەركىنلىك كومىتېتى ئاخبارات ئېلان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ "چەتئەل كۈچلىرىنىڭ سىڭىپ كىرىشىنى تازىلاش ھەرىكىتى" نامىدا كىشىلىك ھوقۇق تەرغىباتچىلىرى ۋە دىنىي جامائەتلەرنى قاتتىق باستۇرۇۋاتقانلىقىنى قاتتىق ئەيىبلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

"باستۇرۇش ھەرىكەتلەرنى يۈرگۈزۈشكە خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتى ئەڭ ئالىي قوماندانلىق ئورگانلىرى مۇتلەق ئارىلاشتى"

ئاخباراتتا: "خىتاي ھۆكۈمىتى يېقىندىن بۇيان ئېلىپ بېرىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق ۋە دىنى ئەركىنلىكنى دەپسەندە قىلىدىغان مەزكۇر ھەرىكەتلەرنى يۈرگۈزۈشكە خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتى ئەڭ ئالىي قوماندانلىق ئورگانلىرى مۇتلەق ئارىلاشتى" دەپ كۆرسىتىلىپ، خىتاي مەركىزىي ھۆكۈمىتىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىنى باشقۇرۇش ھەرىكەتلىرىگە بىۋاسىتە ئارىلاشقانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

باياناتتا يەنە، خىتاي ھۆكۈمىتى يېقىندا 5 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلغان خىتاي كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى ۋە قانۇنىي ھوقۇق تەرغىباتچىسى ياڭ ماۋدۇڭنىڭ كېسىلىش ئالدىدا قىيىن- قىستاققا ۋە تەن جازاسىغا ئۇچرىغانلىقى كۆرسىتىلگەن ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىنى ياڭ ماۋدۇڭ ۋە باشقا تۈرمىگە تاشلانغان بارلىق كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىنى شەرتسىز قويۇۋېتىشكە چاقىرغان.

كومىتېت رەئىسى مايكېل كورمارتى: "خىتاينىڭ پۈتۈنلەي قانۇن بىلەن باشقۇرۇش توغرىسىدا قىلغان قەسەملىرى بىر قۇرۇق ۋەدە پىتىلا قالدى"

مەزكۇر كومىتېت بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان ئاخباراتتا ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى خەلقئارالىق دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتىنىڭ رەئىسى مايكېل كورمارتى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قانۇن بىلەن باشقۇرۇش جەھەتتە ئامما ئالدىدا ۋەدە بەرگەن بولسىمۇ، ئەمما خىتاي پۇقرالىرىنىڭ قانۇنى، دىنىي ۋە سىياسىي ھوقۇقلىرىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئۇچۇن ھەرىكەت قىلغان كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىنى باستۇرۇۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى ۋە ياڭ ماۋدۇڭنىڭ قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىش ھەققىدە توختىلىپ: "ياڭ ماۋدۇڭنىڭ تۈرمىگە تاشلىنىشى، گەرچە خىتاي ھۆكۈمىتى كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداش جەھەتتە قانۇن- نىزامنامىلەرنى تۈزۈپ چىققان بولسىمۇ، خىتاينىڭ ئەدلىيە ۋە قانۇنىي ئىسلاھات ئېلىپ بېرىشنى خالىمايدىغانلىقىنى يەنە بىر قېتىم ئىسپاتلىدى. خىتاينىڭ پۈتۈنلەي قانۇن بىلەن باشقۇرۇش توغرىسىدا قىلغان قەسەملىرى بىر قۇرۇق ۋەدە پىتىلا قالدى" دېدى.

مەلۇم بولۇشىچە، گۇ فېيشياڭ دەپ تونۇلغان ياڭ ماۋدۇڭ 2006- يىلى قولغا ئېلىنىشتىن ئىلگىرى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ فالۇنگۇڭ مۇرىتلىرىغا قاراتقان باستۇرۇش ھەرىكىتىگە قارشى چىققان ئادۋۇكات گاۋ جىشېڭنى ئاقلاش ئىشلىرىغا قاتناشقان ئادۋۇكات ئىدى.

مىندي لارمور خانىم: " مەزكۇر ھەرىكەت ئاز سانلىق مىللەتلەرگە قارشىمۇ ئېلىپ بېرىلدى"

ئاخباراتتا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يېقىندىن بۇيان كۈچەيتكەن "چەتئەل كۈچلىرىنىڭ سىڭىپ كىرىشىنى تازىلاش ھەرىكىتى" نامىدا ئېلىپ بارغان باستۇرۇش ھەرىكىتى جەريانىدا، خرىستىئان دىنىي مۇرىتلىرىنى ۋە يەر ئاستى چېركاۋ جامائىتىنى قولغا ئالغانلىقى كۆرسىتىلگەن بولۇپ، ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى خەلقئارالىق دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتىدىكى خىتاي ئىشلىرىغا مەسئۇل مىندي لارمور خانىم، خىتاي مۇشۇ ھەرىكەت نامىدا پەقەت خرىستىئانلارنى ئەمەس بەلكى باشقا دىنىي گۇرۇپپىدىكىلەرنى ۋە كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىنىمۇ باستۇرۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

مىندي لارمور خانىم بۇ ھەقتە توختىلىپ مۇنداق دېدى: "مەزكۇر ھەرىكەت پەقەت خرىستىئانلارغا قارىتىلىپلا قالماستىن، بەلكى باشقا ئەھۋاللاردا ئاز سانلىق مىللەتلەرگە قارشىمۇ ئېلىپ بېرىلدى" دېدى.

ئۇ يەنە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يېقىندىن بۇيان بۇ ھەرىكەت نامىدا چەتئەللىك دىنىي ئېتىقادچىلار بىلەن ئالاقىسى بولغان خىتاي ئىچىدىكى دىنىي ئېتىقادچىلارنى باستۇرۇۋاتقان بولسىمۇ ، ئەمما چوڭ دائىرىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا مەزكۇر ھەرىكەتنىڭ خىتاي جەمئىيىتىنىڭ باشقا تەرەپلىرىگە تەسىر كۆرسەتكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ: "كومىتېتىمىز، بۇ ھەرىكەتنىڭ دىنىي ئېتىقادچىلارغا قانداق تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىغا بەكرەك دىققەت قىلىپ كېلىۋاتىدۇ. خىتاي ئېلىپ بارغان مەزكۇر ھەرىكەت خىتاي جەمئىيىتىنىڭ نۇرغۇن تەرەپلىرىگە تەسىر كۆرسەتتى" دېدى

" شىنجاڭدا، دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى ئەھۋالى ئىنتايىن ناچار"

ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتى 1998-، يىلى قۇرۇلغان بولۇپ،"خەلقئارالىق كىشىلىك ھوقۇق خىتابنامىسىنى تەرغىب قىلىش" قا ئالاقىدار مەزمۇنلاردا ئامېرىكا پرېزىدېنتى، تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋە دۆلەت مەجلىسىگە تەكلىپ بېرىدىغان ھۆكۈمەت ئاپپاراتى.

بۇ كومىتېت بۇ يىل ئېلان قىلغان 2007-يىللىق خەلقئارالىق دىنىي ئەركىنلىك دوكلاتىنىڭ خىتاي قىسمىدا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە دىنىي ئەركىنلىكنى قاتتىق چەكلەپ كېلىۋاتقانلىقىنى پاش قىلغان بولۇپ، دوكلاتتا ئېنىق قىلىپ: " شىنجاڭدا، دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى ئەھۋالى ئىنتايىن ناچار" دەپ كۆرسىتىلىپ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ "تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش" نى ئۇيغۇر مۇسۇلمانلارنىڭ تىنچ يوسۇندا ئېلىپ بارغان دىنىي پائالىيەتلىرىنى قاتتىق باستۇرۇشتىكى ۋاسىتە قىلىپ ئىشلەتكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قايغان. (جۈمە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.