تۈرك پارلامېنت ئەزالىرى ئۇيغۇر دىيارىدا قۇربان ھېيت ئۆتكۈزدى
2008.01.04
تۈركىيىدە ئۇيغۇر دېسە بىلمەيدىغان كىشى ناھايىتى ئاز، چۈنكى باشلانغۇچ ئوتتۇرا مەكتەپ دەرسلىك كىتابلىرىدا ئۇيغۇر تارىخى ھەققىدە مەلۇماتلارغا يەر بېرىلگەن. 1950- يىللاردىن باشلاپ ئەيسا يۇسۇف ئالىپتېكىن، مۇھەممەت ئىمىن بۇغرا قاتارلىق كىشىلەر تۈركىيىدە ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئاڭلاتقان بولسا، ئۇلار ۋاپات بولغاندىن كېيىن ئۇلار قۇرۇپ قويغان تەشكىلاتلار، يېتىشتۈرگەن كىشىلەر ئۇيغۇر داۋاسىنى ئاڭلاتماقتا. شۇڭا تۈرك سىياسەتچىلەرمۇ ئۇيغۇر دىيارىغا قىزىقىدۇ ۋە بېرىشنى خالايدۇ.
يېقىندا يەنى قۇربان ھېيت مەزگىلىدە سابىق تۈركىيە پارلامېنت ئەزاسى، ئىنسان ھەقلىرى كومىتېتى ئەزاسى فارۇق ئۈنسال ئەپەندى ئىنسانى ياردەم ۋەخپىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن ئۇيغۇر دىيارىغا بېرىپ قۇربان ھېيتىنى ئۇيغۇر قېرىنداشلىرى بىلەن بىللە ئۆتكۈزگەن. 12- ئاينىڭ 17- كۈنىدىن 28 - كۈنىگىچە داۋام قىلغان بۇ زىيارەتكە كونا پارلامېنت ئەزالىرىدىن 3 كىشى قاتناشقان بولۇپ، ئۆز ئانا يۇرتى بولغان شەرقىي تۈركىستاندا قۇربان ھېيتى ئۆتكۈزگەنلىكىدىن ئىنتايىن خۇشال بولغانلىقىنى، 21- ئەسىرگە كىرگەن كۈنىمىزدە ئۇيغۇرلار دۇچار بولىۋاتقان بېسىم سىياسىتىنىڭ دۇنيانىڭ ھېچقانداق يېرىدە يوقلىقىنى، ئەمما بۇ بېسىمغا قارشى ئۇيغۇرلارمۇ ئۆز كىملىكىنى قوغداپ قېلىشنىڭ يولنى تاپقانلىقىنى، بۇنىڭ ئۈچۈن ئۇيغۇرلارنى چىڭ كۆڭلىدىن تەبرىكلەيدىغانلىقىنى ئېيتتى.
فارۇق ئۈنسال ئەپەندى ئالدى بىلەن بىزگە ئۇيغۇر دىيارىغا بېرىشتىكى مەقسىدى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: "توغرىسىنى ئېيتسام، خىتاي ھۆكۈمىتى شىنجاڭ دەپ ئاتاۋاتقان، بىز شەرقىي تۈركىستان دەپ ئاتاپ كەلگەن بۇ زېمىنغا بەكلا قىزىقاتتۇق. چۈنكى تۇنجى تۈرك مۇسۇلمان خاقانى ئابدۇلكېرىم ساتۇق بۇغراخاننىڭ مازىرى ئۇ يەردە ئىدى. تۈرك دۇنياسىدا ئىسلام دۇنياسىدا تونۇلغان مەشھۇر ئالىم مەھمۇت قەشقىرىنىڭ مازىرى ئۇ يەردە ئىدى. مەشھۇر پەيلاسوپ، ئالىم يۇسۇف خاس ھاجىپنىڭ مازىرى ئۇ يەردە ئىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە تۈرك خەلقى بىلەن شەرقىي تۈركىستانلىقلار ئوتتۇرىسىدا ئاجايىپ كۆپ ئورتاقلىقلار بار، بىز بۇ ئورتاقلىقىمىزنى تېخىمۇ كۈچەيتىش ۋە تارىخى يۇرتىمىزنى ئۆز كۆزىمىز بىلەن كۆرۈش ئۈچۈن ئىنسانى ياردەم ۋەخپىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن شەرقىي تۈركىستانغا باردۇق."
سابىق پارلامېنت ئەزاسى فارۇق ئۈنسال ئەپەندى شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ ئۆز كىملىكىنى قوغداپ قالغانلىقىدىن ئىنتايىن خۇشال بولغانلىقىنى ئېيتىپ مۇنداق دېدى: "ھەممىمىزگە مەلۇم ئۇ تۇپراقلار قەدىمقى تۈرك يۇرتى بولسىمۇ، كېيىن كۆپ ساندا خىتاي نوپۇسىنىڭ يەرلەشتۈرۈلۈشى نەتىجىسىدە شەرقىي تۈركىستاندىكى مۇسۇلمان تۈركىي مىللەتلەرنىڭ نوپۇسى 40%لەرگە چۈشۈپ قاپتۇ. بىز ئۇ يەردە خىتاي ئىمپېرىيالىستلىرىنىڭ خىتايلاشتۇرۇش سىياسىتىگە قارىماستىن ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ئۆز كىملىكىنى ناھايىتى ياخشى قوغداپ قالالىغانلىقىنى كۆرۈپ ناھايىتى خۇرسەن بولدۇم. ئۇلارنى چىن كۆڭلىمىزدىن تەبرىكلىشىمىز كېرەك."
سابىق پارلامېنت ئەزاسى فارۇق ئۈنسال ئەپەندى دۇنيادا كۆرۈلۈپ باقمىغان بېسىم سىياسىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا يۈرگۈزۈلىۋاتقانلىقىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەنلىكىنى ئېيتىپ مۇنداق دېدى:"ئۇ يەردە ئاز سانلىق مىللەتلەرنى ئىككى پەرزەنت تۇغۇشقا رۇخسەت قىلىدىكەن، ئەمما ئۇ يەردىكى قېرىنداشلىرىمىز خىتاي رەھبەرلىرىگە پۇل بېرىپمۇ بولسا ئىككىدىن كۆپ بالا تۇغۇپ، نوپۇسقا ئالدۇرۇش ئارقىلىق ئۆز نوپۇسىنى كۆپەيتىشكە تىرىشىۋېتىپتۇ. يەنە بىرى مەدەنىيەت جەھەتتىن خىتايغا تاقابىل تۇرۇشقا تىرىشىۋېتىپتۇ، ئۈرۈمچى، خوتەن، قەشقەر تۇرپان قاتارلىق يەرلەردە خىتاي ھۆكۈمىتى ئىبادەت قىلىشنى چەكلەۋاتقان بولسىمۇ، ئۇ يەردىكى مەسچىتلەر جامائەت بىلەن تولۇپ كېتىدىكەن. شۇنىڭغا ھەيران قالدىم، چوڭ شەھەرلەردىكى مەسچىتلەرنىڭ ئالدىغا، مەسچىتكە كىرىشكە رۇخسەت قىلىنمايدىغان كىشىلەر ھەققىدىكى ئۇقتۇرۇش ئېسىلمىغان. ئەمما كىچىك يەرلەردىكى مەسچىتنىڭ ئىشىكىنىڭ ئالدىغا مەسچىتكە كىرىشكە بولمايدىغان كىشىلەر ھەققىدىكى ھۆكۈمەتنىڭ ئۇقتۇرۇشى ئېسىلغان. بۇ دۇنيانىڭ ھىچ قانداق يېرىدە بولمىغان بىر ئىش. ئويلاپ بېقىڭ قانداق يەردە بىر ئىبادەتخانىنىڭ ئىشىكىگە قانداق كىشىلەر مەسچىتكە كىرسە بولمايدىغانلىقى يېزىلغان؟"
"كىملەر كىرسە بولمايدىكەن؟ ئۇ ئۇقتۇرۇشنى ئوقۇپ چۈشىنەلىدىڭىزمۇ؟" دېگەن سۇئالىمىزغا جاۋاب بەرگەن فارۇق ئۈنسال ئەپەندى مۇنداق دېدى: "كونا يېزىق بىلەن يېزىلغاچقا مەن ئوقۇيالىدىم. يېنىمىزدىكى ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىزمۇ بۇنى بىزگە تەرجىمە قىلىپ بەردى. بۇ ئۇقتۇرۇشتا، ئاياللار، 18 ياشتىن كىچىكلەر، دۆلەت كادىرلىرى، پارتىيە ئەزالىرى، پېنسىيىگە چىققان كادىرلار مەسچىتكە كىرىپ ئىبادەت قىلسا بولمايدۇ دەپ يېزىلغان. بۇ ئۇقتۇرۇشنىڭ يېنىدا مەسچىتنىڭ ئىشىكىنىڭ ئالدىدا بالىسى بىلەن ناماز قىلىۋاتقان بىر ئايالنى كۆرۈپ ناھايىتى تەسىرلەندىم ۋە رەسىمگە تارتىۋالدىم. پۈتۈن دۇنيا خەلقىنىڭ بۇنى بىلىشى كېرەك. 21 - ئەسىرگە كىرگەن كۈنىمىزدە بۇنداق ئىنسانلىق قېلىپىدىن چىققان بىر سىياسەتنىڭ تېخىغىچە يۈرگۈزىلىۋاتقان بولۇشىدىن ئىنسانلىق ئالىمى دەرس ئېلىشى كېرەك. ئۇيغۇرلار بۇنچىۋالا دىنى بېسىمغا قارىماستىن دىنىي ئېتىقادقا ئەھمىيەت بېرىشى بىزنى بەكمۇ تەسىرلەندۈردى. ئۇيغۇرلار بۇنچىۋالا بېسىمغا قارشى ئۆز كىملىكىنى قوغداپ قېلىشنىڭ يولىنى تېپىپتۇ. بىز بىلەن سۆزلىشىشتىن قورقۇدىكەن، شۇڭا بىزمۇ ئۇلار بىلەن ھەممە گەپنى دېيىشمىدۇق، ئۇلارنىڭ ئۆيلىرىگە بېرىپ مېھمان بولمىدۇق. قايتا شۇنى دەپ قويايكى ئۇيغۇرلار ئۆز ئۆرپ ئادەتلىرىنى، ئۆز مەدەنىيىتىنى ۋە ئۆز كىملىكىنى قوغداپ قېلىشنىڭ يولنى تېپىپتۇ. مەن ئۇلارنى چىن كۆڭلۈمدىن تەبرىكلەيمەن." (ئەركىن تارىم)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- خەلقئارا دىنى ئەركىنلىك كومىتېتى ئاخبارات ئېلان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنى قاتتىق ئەيىبلىدى
- ئۇيغۇر ئېلىدە دىن تارقىتىش پائالىيىتى شۇغۇللانغان ئىككى كارخانىنىڭ تىجارەت كىنىشكىسى ئەتكەس قىلىندى
- خىتاي ئامېرىكىنىڭ دىنى ئېتىقاد ئەركىنلىكى دوكلاتىغا نارازىلىق بىلدۈردى
- خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر دىنىي زاتلىرىنى كومپارتىيە سىياسىتىگە بويسۇندۇرۇشقا ئۇرۇنماقتا
- خىتايدا دىنغا ئېتىقاد قىلغۇچىلارنىڭ سانى 300 مىليونغا يەتتى
- خىتاي دىنغا بولغان بېسىمنى كۈچەيتمەكتە
- ئامېرىكا: خىتاي ھۆكۈمىتى دىنىي ئەركىنلىككە داۋاملىق خىلاپلىق قىلماقتا
- ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى خىتاينىڭ ئەركىنلىك ئەھۋالى ھەققىدە ئىسپات بېرىش يىغىنى ئۆتكۈزدى
- ۋاڭ لېچۈەن، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا يولغا قويۇۋاتقان دىنىي باستۇرۇش سىياسىتىنى ئاقلىدى
- خىتاي دائىرىلىرى رامىزان ئېيىدا دىنىي باشقۇرۇشنى تېخىمۇ كۈچەيتمەكتە
- ئەركىنلىكنى ئاللاھ ئۆزى ھەر بىر ئىنسانغا تەقدىم قىلغان
- ساقال قويۇش جىنايەتمۇ؟
- خىتاي ھۆكۈمىتى تۈنىگەنلەرنى جازالىماقتا