ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ دوكلاتىدا ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئەركىنلىك مەسىلىسى نۇقتىلىق تىلغا ئېلىندى
2006.09.15

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ دوكلاتىدا، 2006- يىلى ئىچىدە دىنىي ئەركىنلىك مەسىلىسىدە ياخشىلىنىش كۆرۆلمىگەنلىكى، ئەكسىچە ۋەزىيەتنىڭ تېخىمۇ ناچارلاشقانلىقى تەكىتلەنگەن بولۇپ، گەرچە خىتاي ئاساسىي قانۇنىدا پۇقرالارغا دىنغا ئىشىنىش ۋە ياكى ئىشەنمەسلىك توغرىسىدا ئەركىن تاللاش ھوقۇقى تونۇلغان بولسىمۇ، ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ داۋاملىق كىشىلەرنىڭ دىنىي ئەركىنلىكىنى بوغۇشقا، ھۆكۈمەت بەلگىلەپ بەرگەن دائىرىنىڭ سىرتىدا دىنىي پائالىيەتلەر ئېلىپ بېرىشىنى چەكلەشكە تىرىشىۋاتقانلىقى كۆرسىتىلگەن.
ئۇيغۇرلارغا چۈشۈۋاتقان دىنىي بېسىم ھەممىدىن ئېغىر
دوكلاتتا يەنە، ھۆكۈمەت بەلگىلىگەن دائىرىنىڭ سىرتىدا دىنىي پائالىيەت ئېلىپ بارغان ياكى دىنىي پائالىيەتلەرگە قاتناشقان كىشىلەر ۋە دىنىي گۇرۇپپىلارنىڭ تۈرلۈك جازالارغا ئۇچرايدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.
ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خەلقنىڭ دىنىي ئەركىنلىكىنى چەكلەپ، ئۇلارنىڭ ئەركىن دىنىي پائالىيەت ئېلىپ بېرىشىنى قاتتىق كونترول قىلىشىغا قارىماي، خىتايدا ئېتىقاد قىلغۇچىلارنىڭ سانى كۈنسېرى كۆپەيمەكتە. خىتايدىكى دىنىي بېسىم دەرىجىسىنىڭ پۈتۈن مەملىكەتتە بىر خىل ئەمەسلىكى، رايونلارغا قاراپ ئۆزگىرىدىغانلىقى تەكىتلەنگەن دوكلاتتا، مۇسۇلمانلار ئىچىدە ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئۈستىدىكى دىنىي بېسىمنىڭ تۇڭگان قاتارلىق باشقا مۇسۇلمان گۇرۇپپىلارغا قارىغاندا بىر قەدەر ئېغىر ئىكەنلىكى كۆرسىتىلگەن. دوكلاتتا بۇ ھەقتە مۇنداق دېيىلگەن:
"ئومۇمەن قىلىپ ئېيتقاندا، ئېتنىك كېلىپ چىقىشى خىتاي بولغان تۇڭگانلار ئۇيغۇرلارغا قارىغاندا دىنىي ئەركىنلىكتىن كۆپرەك بەھرىمەن بولۇۋاتىدۇ. خىتاي ھۆكۈمىتى مىللىي توقۇنۇش ئۈزلۈكسىز داۋاملىشىۋاتقان شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا، دىنىي پائالىيەتلەر، دىنىي تەلىم-تەربىيلەرنى چەكلەش توغرىسىدىكى بەلگىلىمىلىرىنى قاتتىق قوللۇق بىلەن ئىجرا قىلىنماقتا. ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ھۆكۈمەت دائىرىلىرى مەسچىت ياساش، دىنىي تەلىم- تەربىيە ھەمدە 18 ياشتىن كىچىك بالىلارنىڭ ئىسلام دىنىي ئۆگىنىشىنى چەكلىگەن ھەمدە پارتىيە ئەزالىرى ۋە ھۆكۈمەت كادىرلىرى، مەكتەپ ۋە ئۇنىۋېرسىتېت ئوقۇتقۇچىلىرى ۋە ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ مەسچىتلارغا بېرىپ ئاشكارا ئىبادەت قىلىشىغا رۇخسەت بېرىلمەيدۇ. ۋەھالەنكى تۇڭگانلار ياشايدىغان رايونلاردا بۇنداق چەكلىمىلەر مەۋجۇت ئەمەس ھالبۇكى تۇڭگانلار مەسچىت سېلىش ياكى مەسچىت رېمونت قىلىش ئىشلىرىنى ئەركىن - ئازادە ئېلىپ بارماقتا شۇنداقلا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا 18 ياشتىن كىچىك بالىلارنىڭ ئىسلام دىنىي ئۆگىنىشى چەكلەنگەن ھالدا، بېيجىڭ قاتارلىق جايلاردا 18 ياشتىن كىچىك بالىلار ھېچقانداق توسالغۇسىز دىنىي تەلىم ئېلىپ مەسچىتلەردىكى ئىبادەتلەرگە قاتناشماقتا".
خىتاي دائىرىلىرى تېررورچىلىققا قارشى ئۇرۇشتىن پايدىلىنىۋاتىدۇ
ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ دىنىي ئەركىنلىكنىڭ ھەرقايسى دۆلەتلەردىكى ۋەزىيىتى توغرىسىدىكى دوكلاتىدا، يەنە مۇنداق دېيىلگەن:
"خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي دائىرىلىرى تېررورچىلىققا قارشى ئۇرۇشتىن پايدىلىنىپ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنى باستۇرۇش ھەرىكىتىنى ئۈزلۈكسىز داۋاملاشتۇرۇۋاتىدۇ. شىنجاڭ دائىرىلىرى، مۇستەقىللىق ئۈچۈن تىنچلىق بىلەن پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقانلار ۋە ئاتالمىش قانۇنسىز دىنىي پائالىيەتلەرگە قاتناشقانلار بىلەن تېررورلۇق پائالىيەتلىرىگە قاتناشقانلارنى بىر دەپ قاراپ، ئۇلارغا ئوخشاش مۇئامىلە قىلغانلىقى ئۈچۈن، خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن تۇتۇلغان، قولغا ئېلىنغان، تۈرمە جازاسىغا ياكى ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنغان كىشىلەرنىڭ، نېمە ئۈچۈن بۇنداق جازاغا ئۇچرىغانلىقىنى ئېنىقلاش قىيىن".
دوكلاتتا بۇندىن باشقا يەنە، خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن 2005 - يىلى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ئېلىپ بېرىلغان دىنىي باستۇرۇش ۋە قاتتىق زەربە بېرىش ھەرىكەتلىرى ھەققىدىمۇ توختالغان بولۇپ، ئاپتونوم رايون قۇرۇلغانلىقىنىڭ 50 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن 2005- يىلى ئۆكتەبىر ئېيىدا ئېلىپ بېرىلغان قاتتىق زەربە بېرىش ھەرىكىتى ئالاھىدە تىلغا ئېلىنغان.
دوكلاتتا شۇنداقلا، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ دىنىي ئەركىنلىكنىڭ خىتايدىكى ۋەزىيىتىنى يېقىندىن كۈزىتىۋاتقانلىقى، ئامېرىكا پرېزىدېنتى جۇرج بۇشنىڭ خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋ بىلەن ئۇچرىشىشىلىرىدا بۇ مەسىلىنى داۋاملىق ئوتتۇرىغا قويغانلىقى ھەمدە دىنىي ئەركىنلىك مەسىلىسىنىڭ ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى كوندالىزا رايسنىڭ 2005 - يىلى مارت ئېيىدا خىتاي زىيارىتى جەريانىدا ئېلىپ بېرىلغان سۆھبەتلەرنىڭ مۇھىم تېمىسىنى تەشكىل قىلغانلىقى تەكىتلەنگەن. (قانات)
خىتاي ئافرىقا مۇناسىۋەتلىرى
- ئۇيغۇر ھاجىلارنىڭ سەپىرى پاكىستاندا خىتاي دائىرىلىرىنىڭ توسالغۇسىغا ئۇچرىدى
- رابىيە قادىر خانىم ئۇيغۇرلارنىڭ ھەج تاۋاپ قىلىش مەسىلىسى ھەققىدە توختالدى
- 1000 ئەتراپىدا ئۇيغۇر سەئۇدى ئەرەبىستان ئەلچىخانىسىنىڭ ئالدىدا نامايىش ئۆتكۈزدى
- ھەجىگە بەرىش ئۇچۇن پاكىستانغا كەلگەن 2000 ئۇيغۇرنىڭ ۋىزا تەلىپى رەت قىلىنغان
- ساقچىلار پاكىستاندا ئۇيغۇر بوۋاينىڭ پۇلىنى بۇلىغان كىشىنى داۋاملىق ئىزدىمەكتە
- شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق ئۆلچىمىگە ھۆرمەت قىلىشى كېرەك
- خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى: جۇڭگو دۇنيادىكى ئەڭ مەسئۇلىيەتسىز قورال- ياراق ئېكسپورت قىلغۇچى
- خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى يىللىق دوكىلاتىدا خىتاينى ئەيىبلىدى
- ئامېرىكا ھۆكۈمىتى دېموكراتىيە ۋە كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى ھەققىدە يىللىق دوكلات ئېلان قىلدى
- خىتاي ئامېرىكىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى ھەققىدە دوكلات ئېلان قىلدى
- ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى يىللىق كىشىلىك ھوقۇق دوكلاتىدا خىتاينى ئەيىبلىدى
- كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى، خىتاينىڭ دىنىي ئەركىنلىكنى بوغۇش قىلمىشىنى ئەيىبلىمەكتە
- مۇخبىرلارنى قوغداش كومىتېتى يىللىق دوكلات ئېلان قىلدى
- كىشىلىك ھوقۇق كۆزىتىش تەشكىلاتى يىللىق دوكلاتىدا خىتاينى ئەيىبلىدى